logo

trugen jacn

تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە5 – ئايدا باشلانغان «قاتتىق زەربە بېرىش» تىن كېيىن ئاشكارىلانغان مەلۇماتلار

image

 مېھرىبان 

2014-u0825-pmm.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 23 – ماي كۈنى «بىر يىلغا سوزۇلغان تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، پەقەت ئۇيغۇر ئېلىدىنلا «تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 800 دىن ئاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرى ۋېليام ئائىدە تەرىپىدىن يېزىلىپ 15 – ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاي شىنجاڭدا 800 دىن ئارتۇق كىشىنى تۇتقۇن قىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بېرىلگەن ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ستاتىستىكا قىلىنىپ، «خىتايدا بۇ يىل 5 – ئايدا باشلانغان بىر يىللىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان 3 ئاي ئىچىدە 800 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىندى» دېيىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىدا ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەر ئانالىزىدا تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سوت ئېچىلىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى 23 – ماي باشلانغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى» دىن بۇيان ئېلان قىلىغان خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن ئۈچ ئايدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 800 نەپەردىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6 – ئاينىڭ بېشىغا قەدەر تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 380 دىن ئاشقانلىقى مەلۇم. كونكرېت ئەھۋال تۆۋەندىكىچە:

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26 – ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر 25 – ماي تاڭ سەھەردىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە، 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى تېررورلۇق، دىنىي رادىكاللىققا چېتىشلىق، دەپ قولغا ئالغان. بۇلارنىڭ ئاتالمىش 23 تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكال گۇرۇھقا مەنسۇپ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئۇلارنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن ھەرىكىتىدە قولغا چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

27 – ماي ئىلى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە سارىيىدا 55 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «تېررورلۇق»، «دۆلەتنى پارچىلاش» ۋە قاتىللىق جىنايەتلىرى بىلەن سوتلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە سارىيىدا ئېچىلغان بۇ ئوچۇق سوتقا 7000 ئامما قاتناشتۇرۇلغان. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇنى بىر قېتىملىق ئوچۇق جازا ھۆكۈم ئېلان قىلىش، ئوچۇق قولغا ئېلىش ۋە جىنايى ئىشلار بويىچە ئوچۇق تۇتۇپ تۇرۇش يىغىنى دەپ ئاتىغان.

خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا، قاراماي دائىرىلىرى 29 – ماي 4 كىشىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ رەسمىي قولغا ئالغان.

خىتاي دائىرىلىرى خىتاي قانۇن تورىدىكى خەۋىرىدە، 5 – ئاي ئىچىدە پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا 380 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر گۇماندارغا «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن كوللېكتىپ سوت ئېچىپ جازا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە 3 – ئىيۇن كۈنى 22 – مايدىن كېيىنكى تۇتقۇن ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن بىر خىتاي پۇقراسى، 23 – مايدىن باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا، پەقەت ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىنلا 1000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ جىنايىتىنىڭ قىسقا ئۇچۇر يوللىغان ۋە قارا كىيىم كىيگەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرى بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەشنى رەت قىلغان ئىدى.

6 – ئايدىكى قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 300دىن ئاشقان بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئۈرۈمچى دائىرىلىرى 4 – ئىيۇن كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، 29 ئۇيغۇرنى«تېررورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى گۇمانى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. دائىرىلەر يەنە بۇ 29 كىشىگە ئائىت دېلونىڭ «تېررورلۇققا ئائىت دېلولارنى 24 سائەت ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بولۇش» ھەققىدىكى يېڭى يوليورۇقىغا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 5 – ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قانچە سوت جەمئىي 81 كىشى ئۈستىدىن تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەر بىلەن ھۆكۈم ئېلان قىلغان، بۇلارنىڭ ئىچىدە 9 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى 20 – ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دىۋوپو يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 16 كىشىنى «قانۇنسىز دىنىي كىيىم» كىيىش، «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان. «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر يېزىدا يەنە بىر قۇرئان كۇرسى «قانۇنسىز دىنىي مەكتەپ» دەپ پېچەتلىنىپ، ساقال قويغان، پەرەنجە ئارتقان ۋە جىلباپ كىيگەن 130 دىن ئارتۇق ئەر ۋە ئايالغا جەرىمانە ۋە تەربىيە بېرىش جازاسى بېرىلگەن.

25 – ئىيۇن چارشەنبە كۈنى، چاپچال ناھىيىسىنىڭ قاينۇق بازىرىدا ئېچىلغان ئوچۇق سوتتا، دىلمۇرات ئۆمەر، نىزامىددىن توختى قاتارلىق 9 نەپەر ئۇيغۇر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا 14 يىللىق، ئەڭ تۆۋىنىگە 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 27 – ئىيۇندىكى خەۋىرىدە، پەيزاۋات، لوپ ناھىيەلىرىدە ئوچۇق سوت ئېچىپ، 80 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «تېررورلۇق»، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق، ئەكسىيەتچىل ئىدىيەلەرنى تارقىتىش قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى ئۆچۈر سوتتا، 53 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان. ئۇلاردىن ئابدۇراخمان قادىر قاتارلىق 15 كىشىنىڭ ھىجرەتكە ئادەم توپلاش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلىنىپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى، ئىدرىس ئۇرايىم قاتارلىق 28 كىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان. خېلىل ئابلىز قاتارلىق 10 كىشى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۆۋىنى بىر يىللىق، يۇقىرىسى 10 يىللىق قاماققا بۇيرۇلغان.

خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسى دولى يېزىسىدا ئېچىلغان ئوچۇق سوتتا، توختى نىياز قاتارلىق 28 ئۇيغۇر مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، پارتلاتقۇچ ياساش، جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن. بىراق، ئۇلارغا بېرىلگەن جازا ئېلان قىلىنمىغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 30 – ئىيۇن قەشقەردە 113 ئۇيغۇر ئۈستىدىن كوللېكتىپ سوت ئېچىلىپ، ئۇلاردىن4 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى قالغان 109 نەپەر گۇماندارغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم. جازا ئېلان قىلىنغان گۇماندارلارنىڭ كۆپ قىسمى «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 30 – ئىيۇن كۈنى كۇنمىڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «1 – مارت كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ھۇجۇمى» بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان 4 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار ئۈستىدىن كۇنمىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتقا ئەيىبنامە يوللىغان.

7 – ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە:

7 – ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي جامائەت خەۋەپسىزلىك مىنىستىرلىقى7 – ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا 23 – مايدىن باشلانغان بىر يېرىم ئايلىق تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 40 تىن ئارتۇق ئاتالمىش«تېررورلۇق» گۇرۇپپىسىنى تار – مار قىلىپ 400 دىن ئارتۇق گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ 10 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا، بورتالا، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، تۇرپان، خوتەن، ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرى بىرلا ۋاقىتتا 32 ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇلارنى «تېررورلۇق ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقانلىقى» ئۈچۈن، مۇددەتسىز ۋە مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» نىڭ11 – ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە، شۇ كۈنى كورلىنىڭ چەرچەن ناھىيىسىدە «تېررورلۇق ۋە مىللىي ئۆچمەنلىك ئۇچۇرى تارقاتقان» لىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 13كىشى ئۈستىدىن ئوچۇق سوت ئېچىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

21 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى نامازشام ۋاقتىدا ئۈرۈمچى ئات بەيگە مەيدانى مەھەللىسىدە 23 ئۇيغۇر ۋە 4 نەپەر تۇڭگان قانۇنسىز توپلانغان، دەپ ئەيىبلىنىپ، خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

8 – ئاي كىرگەندىن بۇيانمۇ دائىرىلەر «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار تۆۋەندىكىچە:

8 – ئاۋغۇست، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 – دېۋىزىيە ئوتتۇرا سوتى 25 نەپەر ئۇيغۇرنى سوتلاپ، مۇددەتسىز، مۇددەتلىك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلغان.

مەھكۇملار «جامائەت» نامىدىكى قانۇنسىز دىنىي گۇرۇھ تەشكىللەش، بۆلگۈنچىلىككە، رادىكاللىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش، تېررورلۇق ئىدىيىلەرنى تەشۋىق قىلىش، تېررورلۇققا مەبلەغ توپلاش، تېررورلۇق مەشىقى قىلىش، پارتلاتقۇچ بومبا ياساش قاتارلىق «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلەنگەن. مەھكۇملارنىڭ 2 نەپىرى ئايال بولۇپ، ئەڭ تۆۋىنىگە 3 يىللىق، ئەڭ يۇقىرىسىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن.

11 – ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى يەكەن 28 – ئىيۇل «ئىلىشقۇ ۋەقەسى» گە قاتناشقان 18 كىشىنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر غۇلجىنىڭ كۈنەس ناھىيىسىدە 15 – ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ئونمىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتۇرۇلغان تۇتقۇن قىلىش، سوتلاش نەق مەيدان يىغىنى ئېچىپ، 28 نەپەر ئۇيغۇرغا ئاتالمىش «دۆلەتنى پارچىلاش»، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلغان.

18 – ئاۋغۇست خىتاي دائىرىلىرى قەشقەردە 800 كىشى قاتناشقان كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، 15نەپەر ئۇيغۇر كادىرغا چارە كۆرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. بۇلاردىن 5 نەپىرى يىغىن مەيدانىدا ئۆزىنى تەكشۈرگەن. قالغانلىرىغا ھەر خىل مەمۇرىي جازالار بېرىلگەن.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە 2014 – يىل كىرگەندىن باشلاپلا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەڭ – كۆلەملىك باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، خىتايدا «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا تۇتقۇن قىلىنغانلار ھەققىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا ۋە بىر قىسىم چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا بەزى مەلۇماتلار بېرىلگەن.

مەسىلەن، گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» 27 – ماي كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بۇ يىل 1 – ئاپرېلدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ 480 دىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، قولغا ئېلىنغان بۇ 480 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ستاتىستىكا قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دائىرىلەر تەرىپىدىن ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ جىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلغان.

بەزى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «تېررور گۇماندارى» دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلار سانىنىڭ نەچچە مىڭغا يېتىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ خەۋەر بېرىلگەن.

مەسىلەن، تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 25 – ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاتالمىش تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن يېرىم يىل جەريانىدا بېيجىڭ ساقچىلىرى 5 مىليونغا يېقىن «گۇماندار» ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 9 مىڭغا يېقىن ئادەمنى تۇتقان. خەۋەردە «بېيجىڭ ياشلار گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچىلىرى جەمئىي 4 مىليون 517 مىڭ ئادەمنى تەكشۈرگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 8 مىڭ 600 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئىزاھلىنىشىچە، يۇقىرىدىكى ئۇچۇرلار بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى چارلاش ئەترىتى خادىملىرىغا ئاچقان يىغىندا ئاشكارىلانغان. ھالبۇكى، دائىرىلەر ئاتالمىش تېررور گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلگەن ۋە ياكى تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ مىللەت تەركىپىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qattiq-zerbe-berish-08252014220819.html

Share
1880 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.