logo

trugen jacn

تۆنۈگۈنكى ھيېتلىشىش ھەققىدە ئىككى ئېغىر لىللا سۆز

تۆنۈگۈنكى ھيېتلىشىش ھەققىدە ئىككى ئېغىر لىللا سۆز:

1. تۆنۈگۈنكى ھېيتلىشىشتا ئالتە مىڭگە يېقىن ئۇيغۇر يېغىلدى ۋە ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھالدا ئىستىقلال مارشى ئالدىدا تىك تۇردى. بۇ ۋاقىتتا يىغلىمىغان كۆز قالمىغان بولسا كېرەك. گەرچە مىكروفۇننى تۇتۇشتىكى تېخنىكىلىك كەمچىللىك سەۋەپلىك ناخشا ئاۋازى مۇزىكىدىن پەس بولغان بولسىمۇ، ئەمما ناخشىچىلار بەك ياخشى تەييارلىق قىلغان بولغاچقا، ناھايىتى رەتلىك ۋە جانلىق ئېيتتى. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
2. ئالتە مىڭ كىشىلىك سالوندا باشتىكى بىر ئىككى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئافغان تۈركلىرى ۋە تۈركلەردىن باشقىلار ھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى. دېمەك 6000 گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ كەلگىنى ئىنىق ئىدى. بۇمۇ بىر خوشاللىنارلىق ئەھۋال. ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىلىرىدىن بىرى.
3. خەلقىمىزنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىغا مەسئۇل بولغانلار، قولىدىن كىلىشچە قىلدى. تۈرك ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ۋە قوغدىغۇچىلار ئۇيغۇرلارغا قوپال تەگكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلاردىن سۆز قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، مەسىلىنى ئالدىن ھەل قىلىشقا تىرىشتى. ئەمما مەسئۇللارنىڭ سانى ئاز بولغاچقا، ۋە قىز مەسئۇللارمۇ ئاز بولغاچقا پائالىيەت ئارىسىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ياخشى تەرتىپلەپ بۇلالمىدى. ئەمما بۇ قېتىم قولىدىن كەلگىنىنى قىلدى.
4. ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە ئىسمائىل جەنگىز ناھايىتى ياخشى سۆزلىدى. تۈركچىگە تىلى تەس كىلىىدىغان ھىدايەتۇللاھ ھاجىممۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ سۆزلىدى. ئەمما ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنىڭ بىر ئۈمۈد ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە كۆزياش قىلدى. ئىسمائىل جەڭگىز سۇلايمان سويلىغان ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، مىللىي (دىنىي دىمەي تۇرلى) خېلى ئوبدان ئەسلەتتى. ئەمما نەتىجە ھەممىمىزگە ئايان. ۋە ئىسمايىل جەنگىزنىڭ ئارىمىزدىكى تىرورچى ۋە مۇناپىقلارنى تازلايلى دىگەن ۋەدىسى ئادەمنى ئويلاندۇردى. بۇنى قانداق بىكىتىش بىر مەسىلە ئىدى. ئەسلىدە بىز ئىچىمىزدىكى خاتا ئىدىيەدىكىلەرنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى تىز ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەكتى.
5. سۇلايمان سويلۇ كىرگەندىن كىيىن، خەلقىنىڭ ھەرقانداق تەلىپى بولسا، ئامال بار ئورۇندالدى، كۆرۈشۈش، سۈرەتكە چۈشۈش، ئەمما ھەل قىلدىىغان ئىش بولسا، يازما ماتىريال تەلەپ قىلىندى. بۇيەردە مەسىلە ئىنىق بولدىكى، قولىمىزدا دەردىمىزگە ئالاقىدار ئىنىق يازما ماتىريال يوق. نۇرغۇنلىغانلار نۇپۇس تەلىپىنى كىچىك قەغەزگە، تازلىق قەغىزىگە يېزىپ سۇنغان بولدى.
6. سۇلايمان سويلۇ، بىر ئۇزاق ھەممە نۇتۇقتا سۆزلەيدىغان 15 ئىيۇل قوزغىلىڭى ھەققىدە، ئاخشام نەدە ياتقىنى، ۋە 1920لەردە تۈركىيە تارتقۇزۇپ قويغان كاندىل ئافرىنغا يەنى سۈرىيەگە بۆلۈك بىرىلگەن، سۈرىيەنىڭ زىمىنى بولۇپ كەتكەن، يەرلەرگە بىزنىڭ تۇپراقلار… دەپ بېرىپ ھېيت نامىزى ئوقۇغىنىدىن پەخىرلەندى. ئاخىرىدا ۋەتەنداشلىق تىمىسىدىن ئۆزىنى قاچۇردى ۋە لىكسىيە ئارلىقىدا بىر كىچىك باغاقچە تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بۇنىڭدىن كىيىن، كۆچمەنلەر ئىدارىسدە تۈرك ئىرقىغا تەۋەلىك سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىمىزنى ۋەدە قىلدى. بىردىن بىر جىڭغا ئولتۇرىدىغان گېپى مۇشۇ. ھە راس ئارىدا ئىككى قېتىم شەرقى تۈركىستان، ۋە بىر قېتىم قەشقەر، بىر قېتىم ئۈرۈمچى دىدى.
7. كىيىن خەلقىمىز ئېسىلىپ، يېغىلىپ كۆرۈشتى، باشقانىم كومۇتانىم، رەئىسىم دىگەن بولدى. ئارىدا قارىسام بىر تۈرك نەدىن قىسىلىۋالدى، رەجەپ يازىجىئوغلىغا ئالاقىدار بىر نەرسىلەرنى دەپ ۋاقىراپ كەتتى. تۈركنى نەدىن كىرگۈزدى بۇ بىر مەسىلە.
8. ئاندىن ساپاكۆيدىكى مەلۇم قاسساپ دۇكىنى قاسساپ بىلەن، غەلىتەۋاڭدەك كىينىۋالغان بىر ئاقچاچ غەلىتە ئادەم ئىكرانغا سۈرەت چۈشىرىدىغان كامىرا ئالدىغا كەلىمە تەۋھىد يېزىلغان يىشىل بايراقنى تۇتۇپ تۇردى. بۇنىڭ سورىقىنى قىلىش ۋە سۈرشتە قىلىش كېرەك. ئەلۋەتتە مەسئۇللار ۋاقتىدا بېرىپ، ئۇلارنى توسىۋالدى. ۋۇت بەسەيقوناقلار.
9. ئوخشاش ۋاقىتتا چاۋۇش ئوغلى ھېيتنى خىتايدا ئۆتكۈزدى. ئىسىمىزدا بولىشى كېرەككى، سۇلايمان سويلۇ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، چاۋۇش ئوغلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى. تاشقى ئىشلاردا خىتاي بىلەن يىپەك يولى پىلانىنى قايتا مۇقىمدىدى. ئىچكى ئىشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىدى. ۋەتەنداشلىق بىرىۋېتىشى مىنىڭ پەرزىمدىمۇ سايلامدىن ئىلگىرى مۇمكىن بولىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. بەلكىم سايلامدىن كىيىن ئەمەلگە ئېشىشى ئېھتىماللىققا يېقىن. ئەمما خۇدا بىلمىسە. بىز بىلمەيمىز. بۇيەردە ئالداش ۋە قايمۇقتۇرۇش يوق.
10. بىنالى يىلدىرىمنىڭ پوق يىگەندەك گېپىگە كەلسە، بۇ گەپنى تۈركىيە ھەرۋاقىت دەپ كىلىۋاتىدۇ. بۇلار قانداقمۇ يەنە بىر دۆلەتكە سىنىڭ زىمىنىڭنى پاچىلايمىز دىيەلەيدۇ؟ ئەلۋەتتە بىزنىڭ ۋەتەن ئۇلارنىڭ زىمىنى ئەمەستە. ياكى سىلەر ئاقپىنى ۋىجدان ھىسابى قىلىىمىز دىگەن گېپىدە راستچىل بىلىپ قالداڭلارمۇ؟ بىنالىي يىلدىرىمنىڭ گېپى ئۇيغۇرلارغا ياخشىلىق قىلماسلىق، قوللىماسلىق ھەققىدە ۋە ياكى تىرورچىلىق قىلمىسا ياردەم قىلماسلىق ھەققىدە بولمىغانكەن. ئاخشامكى سۇلايماننىڭ گېپى بىلەن زىتلاشمايدۇ. ئىككىنى زىتلاشتۇرۇپ ھاياجانلانماڭلار. تۈركىيەدىن ۋىجدان ئۈمۈدى كۈتكەنلىك ئەخمەقلىقتۇر. ئۈمۈدتىن خەلقتىن كۈتسەڭلار ياخشى. تىرورلۇقنى كۆتىرەپ چىقىشىدا، ھازىر دۇنيادا بۆلگۈنچىلەرنى تىرور دەيدۇ شۇ سەۋەپتىن بولىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇر ۋە تىرورنى ئوخشاش يەردە تىلغا ئېلىشى قىززىق بولغان. گەرچە بابالانىڭ ئۇسلۇبى كىسىپ تىنىق ۋە ئى ئا لارنى ئېلىۋېتىش بولسىمۇ، تۇلۇقىنى ئاڭلاپ باققۇم كەلدى.
11. ئىسىمىزدا بولسۇنكى، بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاساسەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدۇ. بۇنىڭغا قارشى بىرەر تەەشكىلات يوق. ئەمما بۇلار بىرەر دۆلەتتىن، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدىن ھەتتاكى ئامرىكا پارلامىنتىدىن ئازاتلىق تەلەپ قىلالمايدۇ؟! بۇ مەنتىقىگىمۇ سىياسەتكىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا ھەممەيلەن ئىتراپ قىلغان ئىش شۇكى، مۇستەقىللىق دۇنيا سىياسىتى داۋالغۇغان ۋاقىتتا قۇرال بىلەن قولغا كىلىدۇ. خۇددى دۇقنى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمايدۇ دىگەن سالىھ خۇدايار قېرىندىشىمىزمۇ، ئامرىكا ئاق ساراي ئالدىدا ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك دەپ توۋلاپ، ئىچىگە كىرگەندە ماتىرياللاردا كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىلا توختالغاندەك بىر ئىش.
12. ئەڭ ئېچىنىشلىقى بىزنىڭ ئۆزى سايلىنىپ قالغان جۇمھۇرىيەت رەئىسىمىز ئەخمەتچان ئوسمان ئاكىمىز.Ahmatjan Osman مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى بولغان سۈرگۈندىدىكى ھۆكىمەت لوزىنكىسىنى زورىغا كۆتۈرۋالغان ئىكەن. بىنالي يىلدىرىمغا بولغان ئىتىرازىنى يېرىم بەتلىك ئۇيغۇرچە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا جاكارلاپ ئىچكى سىياسەت ئوينىماي. ۋىدىيولۇق قىلىپ، قورقماستىن رەئىس سۈپىتىدە ئىنگىلىزچە خىتاپ قىلىىشى كېرەك ئىدى. بۇيەردە رەئىسنىڭ بۇ خاتالىقىنى كەسكىن ئەيىپلەش كېرەك. بىز ھەمىشە كەسكىن، پۇلاتتەك ئىرادىمىزنى قىسمەتداش تەشكىلاتلارنى چېقىۋېلىشقا ئەمەس، بەلكى سىرتقى كۈچكىمۇ قارتىشىمىز كېرەك ئىدى.
13. سادىغان كېتەيلەر 6مىڭ كىشىلىك سورۇندا بالا يۈتىشى نۇرمال، بۇنىڭغا بىر خۇدا رەھمەت قىلسۇن قاقشىمىساڭلار، بەش ئالتە دىن بالىلىق بولۇپ كىلىپ گەپ قىلىڭلار. ئورۇن يەتمىگەن تاماق يەتمىگەننىڭ گېپى قاقشغىۇدەك ئىش ئەمەس.
14. نۇرغۇنلار سۇلايمان بىلەن رەسىمگە چۈشىۋالدى. سەۋەبى نىمە بىلمىدىم. سۇلايمانجان بەك يارام ئادەم بىلىنگەچكىمۇ؟ ياكى باشلىق بولغاچقىمۇ تاڭ. ئەسلى ئالدىراش بولمىغان بولسا، ئىسمائىل جەنگىز، ھىدايەتۇللاھ ھاجىم بىلەن رەسىمگە چۈشەتتىم. ساقلاش قىممىتى بار ئىدى.
15. يېغىلىشقا تەشكىلاتلار بىرلىكىنى دۇكان ئاچتىن دەپ تىللىغان ۋە قوللىغان ئاراچ پاراچلار، شىئىر توقۇپ تىللىغان توغراق ئوتانلارمۇ كەپتۇ.
16. نامايىشقا چىققانلار ئادەتتە مىڭغا يەتمەيتتى. ئىككى داموللامنىڭ نامىزىدىمۇ ئادەم مۆلچەردىن ئازتى، ئەمما تۆنىگۈن ياۋرۇپادىكى نامايىشتىنمۇ جىق ئادەم كەپتۇ. ھىجاپلىق، ھىجاپسىزلارمۇ، شۈشەن، تەقۋا مۇسۇلمان ھەممىسى كەپتۇ. ئەمما نامايىشقا بۇنداق كەلمەيتتى. پەقەت ھىجاپلىقلارلا چىققاچ بەزىلەرنىڭ پىت كۆزىگە سىغماي سۆزلەپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا تۆنىگەنكى ھيېتلاشقان، بۈگەن باشقىلاردىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن خەلقىمدىن ئۆزىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىشنى قېلىنلىق بىلەن تەلەپ قىلىمەن.

مەنبە: ئىجتىمائى تاراتقۇ

Share
2101 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.