logo

trugen jacn

تىمتاس ئەمەس ئىستانبۇل, دېگەن يازمىغا ئىككى جۈملە سۆز


مۇھەممەد يۈسۈپ
ئاپتور بۇ يازمىنى رېئاللىقتىن پەقەتلا يىراق ھالدا، خىيال ۋە ھېسسىياتقا تايىنىپلا يېزىپ چىقىپتۇ. مەن ئاپتورنىڭ يازمىسىغا بىر-بىرلەپ رەددىيە بېرىپ ئولتۇرمايمەن. چۈنكى ۋاقتىم قىس. پەقەت تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە قارىتا ئۆزۈمنىڭ قارىشىمنى ئېيتىمەن:
«نىقاپسىز يۈرۈش ھارام» بۇ ئوپئوچۇق تۆھمەتتۇر. چۈنكى بۇ سۆزنى ھېچقانداق ئىلىم ئەھلى ياكى ئاۋام ۋە ياكى قارا نىقاپ كىيىۋالغان ئاياللارمۇ ئېيتمايدۇ. بەلكى بەزى ئاياللار ئاڭسىزلىق بىلەن بۇنى دىنىمىزنىڭ ئەمرى دەپ چۈشىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۆلىمالار قارا نىقاپ كىيىشنى دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى ياكى ئەمرى دەپ قارىمايدۇ، ھەتتا ئۇنى تەرغىپ قىلغۇچى ئۆلىمالارمۇ «ئەۋزەل» دىيەلەيدۇ، خالاس. چۈنكى دىنىمىزدا ئاياللارنىڭ قانداق رەڭدە كىيىم كىيىشى بەلگىلەنمىگەن بولۇپ، بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرۇلغان. شۇڭا، ئاياللار ئاق كىيەمدۇ، قارا كىيەمدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىدۇر. مۇسۇلمان ئاياللار شەرىئەت كۆرسەتكەن بويىچە، ئەۋرەت دېيىلگەن ئورگانلىرىنى يۆگەپ تۇرىدىغان، ئازادە كىيىم كىيگەن بولسا، ئۇلار كىيىمىنىڭ رەڭگى سەۋەبلىك ھەرگىز ئەيىبلەنمەيدۇ. قايسى رەڭدە كىيسە بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئاللاھ تائالادىن ئاياللارغا بېرىلگەن ئەركىنلىكتۇر. شۇڭا ئىسلامىي يوسۇندا كىيىنگەن ئاياللارنى ھېچكىمنىڭ توسۇش ياكى ئەيىبلەش ھەققى يوق. قارا رەڭ ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى چەكمەيدۇ، دېگەن ئاساستا ئومۇملاشقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك بولغانلار دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىگە ۋە مىللىي ئەنئەنىمىزگە خىلاپ ھالدا يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ يۈرىدىغان ئاياللاردۇر. ئۇلارنى دىن ۋە مىللەت نامىدىن ئەيىبلەشكە بولىدۇ. ئەمما مۇسۇلمان ئاياللارنى قارا كىيىم كىيدى دەپ ئەيىبلەشكە قەتئىي بولمايدۇ. قارا ئابايىنىڭ بىزنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىزدە يوقلىقى، دىنىمىزنىڭ تەۋسىيەسى ئەمەسلىكى راست. شۇڭا، قارا كىيىم كىيگەن ھەمشىرىلىرىمىزگە تەۋسىيە قىلماقچى بولساق، كىيىنىشتە بىزنىڭ مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن مىللىي، ئىسلامىي كىيىنىش ئادىتىمزگە رىئايە قىلايلى، بۇنى ساقلاپ قالايلى، دېيەلەيمىز، خالاس.

  1. ئاياللارنىڭ چېچى ھارام.
  2. ئاياللارنىڭ ئىشلىشى ھارام.
  3. ئاياللارنىڭ ئاۋازى ھارام.
  4. ئاياللارنىڭ يۈزى ھارام.
  5. ئاياللار پىتنە.
  6. ئىككى نەرسە ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ كەتسە ناماز بۇزۇلىدۇ بۇنىڭ بىرى ئىت يەنە بىرى ئايال.
  7. ئايال كىشى يولدىشىدىن رۇخسەت ئالماي ئۈچ كۈن يوقاپ كەتسە قايتا نىكاھ ئوقۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئايال ئېرىغا ھارام.
  8. ئاياللار لىدىر بولالمايدۇ.
  9. ئاياللارنى مىراس ئورنىدا 2-بىر ئەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش.
    ئاپتور يۇقىرىقى ھاراملارنى قۇرئان كەرىمدىن ياكى ھەدىستىن ۋە ياكى بىرەر ئىسلام مەنبەسىدىن ئەمەس، بەلكى مەدداھلارنىڭ، كاززاپلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئوخشايدۇ. بۇ ئەبجەق تۆھمەتلەر رەددىيە بېرىپ ئولتۇرۇشقا قەتئىي ئەرزىمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ بىرەر جۈملىدىن بىر نەرسە دەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
  10. ئىسلامدا «ئاياللارنىڭ چېچى ھارام» دەيدىغان بىرەر قانۇن يوق. ئەمما ئاياللار يات ئەرلەر بار يەرلەردە چېچىنى ۋە ئەۋرەت سانىلىدىغان ئورگانلىرىنى يېپىپ يۈرسۇن دەپ بار. چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: «مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، جىنسىي ئەزالىرىنى(ھارامدىن) ساقلىسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قىسىمدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلمىسۇن، ياغلىقلىرىنى ياقىلىرى بىلەن قوشۇپ تاڭسۇن، زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىنئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتكارلاردىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (نارەسىدە) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، يوشۇرۇن زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار»( ).
    ئەمدى، ئاپتورنىڭ 2-3-4-5-6-7-8-9- جۈملىلىرىگە كەلسەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆھمەت، ئاساسسىز گەپلەردۇر. چۈنكى ھېچقانداق بىر ئۆلىما ئاياللارنىڭ ئىشلىشى ھارام، ئاۋازى ھارام، يۈزى ھارام، ئاياللار پىتنە، ئايال ياكى ئىت نامازخاننىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتسە ناماز بۇزۇلىدۇ، ئاياللاردىن لىدېر بولمايدۇ، ئايال ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۈچ كۈن يوقاپ كەتسە، قايتا نىكاھ ئوقۇشى كېرەك، ئاياللارنى مىراس ئورنىدا قوللىنىش دېگەنلەرنى ھېچقانداق ئەقىل ئىگىسى، ھېچقانداق ئۆلىما ئېيتمايدۇ. چۈنكى دىنىمىزدا بۇنداق چەكلىمىلەر يوق.
    ئاپتورنىڭ 4-5- جۈملىلىرىگە ئازراق ئىزاھات بېرىشنى خالايمەن. دىنىمىزدا «ئاياللارنىڭ يۈزى ھارام» دەيدىغان بىرەر كۆرسەتمە يوق. ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يۆگەش مەسىلىسىدە ئۆلىمالار قەدىمدىن تارتىپ ئىختىلاپ قىلىشىپ كەلگەن. شۇڭا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆزقارىشىغا ھۆرمەت قىلىمىز.
    «پىتنە» دېگەن سۆز بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزدا، «غەرەزلىك ھالدا بىراۋنى قارىلاش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان سۆز، تۆھمەت» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئەمما قۇرئان كەرىمدە كەلگەن «فىتنە» سىناق، ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇش، ئازاب، كۇفرىلىق، گۇناھ قىلىش، بۇزغۇنچىلىق، ئازغۇنلۇق، ئىختىلاپ دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئاياللار توغرىسىدا «فىتنە» دەپ كەلگەن بىرمۇ ئايەت يوق. ئەمما ھەدىستە كەلگەن بولۇپ، بارلىق ئۆلىمالار ئۇنىڭغا «سىناق» دەپ مەنە ئېيتقان. ئۇسامە ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « ما تركت بعدي فتنةً أشد على الرجال من النساء» يەنى «ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللاردىن چوڭ سىناق يوقتۇر» .
Share
1228 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.