logo

trugen jacn

تىل ۋە مىللەت تىلى

 

چىنار

تىل ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن ئىبارەت بۇ مەۋجۇداتلارنىڭ مىليون- مىليون يىللار داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئېۋوليوتسىيە ( تەدرىجىي  تەرەققىيات )  قىلىش جەريانىدا ئادەم تېنىدا پەيدا بولغان ھەم بىئولوگىيىلىك ھەم  ئىجتىمائىيلىق ئالاھىدىلىكلەر ئىگە بىر ھادىسە.

ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا نىسپەتەن كەڭ بىر جۇغراپىيىلىك زىمىن دائىرىسى ئىچىدە ماكانلىشىپ ياشىغان بىر توپ- بىر توپ ئۇرۇقداش ئادەمسىمان مايمۇنلار ئىپتىدائىي ئادەملەرگە ئايلىنىشىدىن ئىبارەت ئېۋوليوتسىيە جەريانىدا ئۇلارنىڭ تېنىدىكى ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرگە تاۋۇش چىقىرىش ئورگانلىرىمۇ تەرەققى قىلىپ، تۈرلۈك تاۋۇشلارنى چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. بۇ جەرياندا ئۇلار مىڭىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۆزلىرىنىڭ تەبىئەتكە قارىتا بولغان توغما شەرتلىك تاۋۇشلۇق ئىنكاسلىرى، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىدە چىقارغان تاۋۇشلىرى ۋە كۈندىلىك ھاياتىدىكى تاۋۇشلۇق ئەمەلىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرى چىقارغان تاۋۇشلار ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىلىرى بىلەن بەلگىلىك ھەركەت ۋە مەنىلەرنى بىلدۈرگىلى بولۇدىغانلىقىنى توساتتىن بايقىغاندىن كېيىن بۇ تاۋۇشلار ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىلىرىنىڭ بىر تۈركۈمىنى ھەم ستىخىيلىك ھەم ئاڭلىق ھەم مەقسەتلىك ھالدا ئۆزئارا پەرقلەندۇرۇپ، بۇ تاۋۇش ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىلىرىگە مۇقىم مەنىلەرنى يۇكلەپ، ئۆزئارا ئەڭ ئىپتىدائىي ئالەقىلىشىش ۋە ئۆز ئوي- پىكىرنى ( ئىدىيەسنى ) ئىپادىلەشنى باشلىغان. مانا بۇ ئادەمسىمان مايمۇنلار چىقارغان مەنىسىز تاۋۇش ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىلىرىنىڭ بىر تۈركۈمىنىڭ مەنىلىك تاۋۇش ۋە تاۋۇش بىرىكمىلەرگە ئايلىنىش جەريانى ۋە بۇ ئادەمسىمان مايمۇنلار چىقارغان بىر تۈركۈم مەنىسىز ۋە قالايمىقان تاۋۇش ۋە تاۋۇشلار بىرىكمىلىرىدىن ئىبارەت ساپ بىئولوگىيىلىك ھادىسىنىڭ ئىجتىمائىيلىق خاراكتىرگە ئىگە بولغان ئىنسانلارنىڭ ئالەقىلىشىش ۋاسىتىسى ۋە ئۆزىنىڭ شەخسى ئوي- پىكىرنى ( ئىدىيەسنى ) ئىپادىلەش ۋاسىتىسىغا — تىلغا ئايلانۋاتقانلىقنىڭ ئالامىتى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئادەمسىمان مايمۇنلارنىڭ ئىپتىدائىي ئادەملەرگە ئايلانۋاتقانلىقنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تۈپلاردىكى ئادەمسىمان مايمۇنلار تەلتۆكۈس ئىپتىدائىي ئادەملەرگە ئايلانغاندىن باشلاپ بۇ ئىپتىدائىي ئادەملەر توپلىرى ئەڭ قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئۇرۇق- ئايماق جەمئىيەتلىرىنى شەكىللەندۇرۇشى بىلەن بىر ۋاقىتدا بۇ جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۇرتاق تىلىمۇ شەكىللىنىشكە باشلىغان. شۇندىن مابەين بۇ ئۇرۇق- ئايماق جەمئىيەتلىرى ئاساسىدا ئۇرۇق- ئايماق قەبىلىلەر ۋۇجۇتقا كەلگەندە بۇ قەبىلىلەرنىڭ ئۇرتاق تىلى تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ، قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ تىلغا ئايلىنىپ، ھازىرقى زاماندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەر قايسى   مىللەت تىللىرىنىڭ ئاساسىنى سالغان.

مۇئەييەن بىر مىللەتكە  مەنسۇپ مىللىي تىل بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى تۈپكى ئامىللار — بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىيلىق ئامىللار ئاساسىدا شەكىللەنگەن. شۇڭلاشقا مىللىي تىل بىر مىللەتنىڭ مىللەت كىملىكىدىكى ئۇقۇمىدىكى ئىجتىمائىيلىق كىملىكىنىڭ ئاساسلىق چۈشەنچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماستىن يەنە  ئەڭ ئاساسلىق مۇھىم كونكىرېت  ئىپادىلەرنىڭ بىرى.

مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشىدىكى سەۋەپ شۇندىن ئىبارەتكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى قىتئەلىرىدىكى بەلگىلىك كەڭ بىر جۇغراپىيىلىك زىمىن دائىرىسى ئىچىدە ماكانلىشىپ ياشىغان بىر توپ- بىر توپ ئۇرۇقداش ئادەمسىمان مايمۇنلار ئېۋوليوتسىيە جەريانىدا ئۇلارنىڭ چىقارغان تاۋۇشلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشى ھەمدە بۇ تاۋۇش ۋە تاۋۇش بىرىكمىلىرىگە يۇكلىگەن مەنىلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشىدا.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئەڭ قەدىمكى زامانلاردا ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىدىكى بەلگىلىك چەكسىز كەتكەن بىر بىپايان جۇغراپىيىلىك زىمىن دائىرىسى ئىچىدە ماكانلىشىپ ياشىغان ئۆزئارا قانداش- نەسىلداش- ئۇرۇقداش بولغان تۈرك قۇۋم- قەبىللىرىنىڭ ئۇرتاق تىلى– تۈرك تىلنىڭ بىر دىئالېكتى. تۈرك تىلىنىڭ بۇ دىئالېكتى تۈرك تىلىنىڭ بىر قانچە  دىئالېكتىنىڭ يۇغۇرۇلما تىلى بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ساپ تىلى يەنى ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ساپ تىلىدۇر. ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئۇيغۇرلار بۇ دىئالېكتنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىلى سۆپىتىدە ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە  بۇ دىئالېكت ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ، ھازىر زامان ئۇيغۇر تىلى بولۇپ شەكىللەندى.

مۇئەييەن بىر مىللەتكە تەۋە بولغان بىر ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئۆز مىللىي تىلىنى ( ئانا تىلىنى ) ئىشلەتمەي ياكى ئۆز مىللىي تىلىنى بىلمەي بىرەر چەت تىلنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ مىللىي تىلى يەنىلا  ئۆز مىللىتىنىڭ تىلى بولىدۇ، ئىشلەتكەن چەت تىلى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ مىللەت تىلى بولالمايدۇ، چۇنكى ئۇلارنىڭ مىللىتى يەنىلا ئەسلىدىكى مىللەت.  مىللەت تىلى ( ئانا تىلى) ھەر زامان مىللەت بىلەن بىر ھەمرا بولۇپ يۇرىدۇ، يەنە ئېتنىك مەنبە تەرەپتىن بۇ ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەنىلا ئەسىلىدىكى مىللىتىگە مەنسۇپ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى مەزكۈر ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تېخى بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتمىگەن. بۇ ئادەمنىڭ پەي نەۋرە  ۋە كوكۇن نەۋرە ئەۋلادلىرىغا كەلگەندە، بۇ پەي ۋە كوكۇن نەۋرەلەر بىئولوگىيىلىك كىملىكى جەھەتتە بەلكىم يات مىللەت تەرىپىدىن ئۈزۈل- كېسىل ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. شۇ چاغلارغا كەلگەندە بۇ پەي ۋە كوكۇن نەۋرەلىرى ئىستىمالدا ئىشلىتىۋاتقان تىل ئۇلارنىڭ مىللەت تىلىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئۆز مىللىي تىلىدىن باشقا يەنە بىر قانچە تىلنى بىلىشى بىر تەبىئىي ئەھۋال.  ئۆز مىللىي تىلىدىن باشقا يەنە دۆلەت تىلى ( مۇئەييەن  بىر مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ كۆپچىلىك نوپۇسىنى ئىگەللىگەن مىللەت تىلى ياكى مۇئەييەن بىر مەملىكەتتىكى ھۆكۈمران مىللەتنىڭ تىلى )  ياكى ئۆزى ماكانلاشقان زىمىندىكى كۆپ نوپۇسلۇق مىللەتنىڭ تىلىنى بىلىشى پەقەت تۇرمۇش كەچۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجىدىن بولىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ ئوقۇ- ئوقۇتۇش سىستېمىسىدا دۆلەت تىلى ۋە چەت ئەل تىلى دەرسى ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنى تەسىس قىلىشى ئاساسەن ئۆز پۇقرالىرىنىڭ مەدەنىيەتلىك بولۇپ تەربىيىنىشىنى مەقسەت قىلغان بولۇپ،چەت ئەل تىل مۇتەخەسسىسلىرى ئالىي مەكتەپلەر ياكى مەخسۇس مۇئەسسەسەلەردە تەربىيىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىككىنچى تىل، ئىككى تىللىق، كۆپ تىللىق بولۇشلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتتىكى  بىر خىل نورمال ئەھۋال. ئەندى باشلانغۇچ مەكتەبنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ قوش تىللىق مائارىپنى تەرغىپ قىلىشتەك ئىشلار باشقا بىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ،باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

بىر ئادەمگە نىسپەتەن ئۆز مىللەت تىلىدىن باشقا تىللارنىڭ ھەممىسى چەت تىل بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. دەرۋەقە، چەت ئەل تىلى ئۇقۇمى سۈنئىي ھالدا بېكىتىلگەن بىر نىسپىي ئۇقۇم بولۇپ، ئادەتتە دۆلەت تېرىتورىيىسىدىن سىرتقى تىللارنى كۆرسىتىدۇ، چۇنكى ھازىرقى زاماندا ئاھالىسى خەس بىر مىللەتلىك دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس.  ھەر قانداق بىر تىلنىڭ نامى ھەر زامان مىللەت نامى بىلەن ئىزاھلىنىپ ئېيتىلدۇ ياكى يېزىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىر خىل تىلنىڭ چەت ئەل تىلى ئىكەنلىكى ئادەتتە دۆلەت مەمۇرىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەسىلەن، موڭغۇل، قازاق، ئۆزبېك تىلى، تاتار تىلى، تاجىك تىلى ۋە رۇس تىلى قاتارلىق تىللار خىتاي دۆلەت ئىچىدە چەت ئەل تىللىرى ھىساپلانمايدۇ، لېكىن چەت ئەللەردىكى بۇ خىلدىكى تىللار چەت ئەل تىلى دەپ قارىلىدۇ.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەت ( مىللىي تىل )  بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيەتلىكىدىكى ( كىملىكىدىكى ) ھەم بىئولوگىيىلىك ھەم  ئىجتىمائىيلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان مۇھىم بىر ئامىلى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەر قانداق شوۋىنىزمچى، ئىستېداتچى ھۆكۈمدار باشقا بىر مىللەتنى يوقىتىش ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولغان ئىرقىي قىرغىچىلىققا تۇتۇش قىلسا،ئىشنى ئالدى بىلەن  يوقاتماقچى ياكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىماقچى بولغان مىللەتنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيتىنى ۋەيران  قىلىشتىن (  مەدەنىيەت  قىرغىنچىلىقىدىن ) باشلايدۇ.

2019  – يىلى سېنتەبر

Share
6611 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.