logo

trugen jacn

تىل قانداق شەكىلدە ھەرىكەتلىنىدۇ؟

 

ئېرپان ئىدرىس

ئادەم بەدىنىنىڭ تاۋۇش ھاسىل قىلىش ئىقتىدارغا ئىگە بولغان بىيولوگىيەلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن پەيدا بولغان ھەمدە ئىنسانلار تەرىپىدىن مەنە پەرق قىلدۇرالايدىغان دەپ ھېسابلانغان تىل تاۋۇشلىرى (فونېمىلار) ئادەم ئاغزى ئارقىلىق بوشلۇققا چىققاندىن كېيىن ھاۋا بوشلۇقىدا گورىزونتال (تۈز) ۋە ۋېرتىكال (تىك) سىزىقلار بۇيىچە تارقىلىپ ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ئۆزئارا ئالاقە قىلدۇرۇش فۇنكسىيەسىنىڭ ماددىي ئاساسىغا ئىگە بولىدۇ. مانا بۇ تىلنىڭ تۈپكى ھەرىكەت قىلىش قانۇنىيىتى. تۆۋەندە تىلنىڭ بۇ خىل ھەرىكەت قىلىش قانۇنىيىتىنىڭ قانداق  ھەرىكەت قىلىش جەريانى بايان قىلىنىدۇ :

گورىزونتال يۇلۇنۇش بويىچە مەنە پەرق قىلدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان تاۋۇشلار —  فونېمىلار ئادەم ئاغزىدىن چىققاندىن كېيىن بوشلۇقتا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تارقىلىپ ئۆزىدىن چوڭراق تىل بىرلىكى (قۇرۇلمىسى) — مورفېمىلارنى شەكىللەندۈرگەندىن كېيىن يەنە بۇ تىل بىرلىكى يەنە ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوشلۇقتا تارقىلىپ ئۆزىدىن چوڭراق تىل بىرلىكى (قۇرۇلمىسى) بولغان سۆزلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ھاسىل بولغان سۆزلەر بوشلۇقتا يەنە داۋاملىق تارقىلىپ سۆز بىرىكمىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ھاسىل بولغان سۆز بىرىكمىلىرىمۇ بوشلۇقتا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارقىلىپ جۈملىدىن ئىبارەت تىل بىرلىكىنى (قۇرۇلمىسىنى) ۋۇجۇدقا چىقارغاندىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى بولغان بۇ ھەم تەبىئىيلىك ھەم ئىجتىمائىيلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان تىل ئۆزىنىڭ ئالاقىلىشىش فۇنكسىيەسىنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىنى ئاياغلاشتۇرغان بولىدۇ. تىلنىڭ بۇ خىل گورىزونتال يۇلۇنۇش بويىچە  ھەرىكەت قىلىشى تىلنىڭ ئۇستى قاتلام قۇرۇلمىسىنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ تىلنىڭ سېمانتىكىلىق مەنىلەر ئىپادىلىنىدۇ. تىلىنى بۇ خىل گورىزونتال يۇلۇنۇش بويىچە قىلغان ھەرىكىتىنى تۆۋەندىكى سېخىما بىلەن ئىپادىلەپ بېرىشكە بولىدۇ :

فونېما —->  مورفېما  —->  سۆز —-> سۆز بىرىكمىسى —-> جۈملە

فونېمىلار گورىزونتال يۇلۇنۇش بويىچە مورفېما، سۆز، سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىنى ھاسىل قىلغان بىر ۋاقىتتا ۋېرتىكال يۆنىلىش بۇيىچە  جۈملىنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىن ئىبارەت بولغان سىنتاكسىسلىق قاتلاملىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ھاسىل بولغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىلار ھەر خىل گىرامماتىكىلىق ۋاسىتىلار ئارقىلىق ئۆزئارا بىرىكىپ جۈملىنىڭ پۈتۈن بىر سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. تىلنىڭ بۇ خىل ۋېرتىكال يۆنىلىش  بويىچە قىلغان ھەرىكىتىنى تۆۋەندىكى سېخىما بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن :

دۇنيادىكى بارلىق مەۋجۇداتلار ئۆز قانۇنىيەتلىرى بىلەن ھەرىكەتلەنگەنلىكىگە ئوخشاش ئىنسان تىلىمۇ ئۆز قانۇنىيىتى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. ئىنسانلار تىل جەمئىيىتى (توپلۇقى) ئىنسانلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان تىل تاۋۇشلىرىدىن (فونېمىلاردىن) ھاسىل بولغان سۆزلەرگە پەقەت سېمانتىك مەنىلەرنى يۈكلەيدۇ ۋە پۈتۈن بىر تىلغا گىرامماتىكىلىق قائىدىلەر ھەمدە  ئىملا قائىدىلىرىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ،  خالاس.

2021- يىلى ئۆكتەبىر

 

 

Share
999 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.