logo

trugen jacn

تونۇلغان دىنىي زات، ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ئالەمدىن ئۆتتى

 

50a355c5-d4a9-4c1f-8214-feffc4dada4c

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە نازىرى، تونۇلغان دىنىي زات، پائالىيەتچى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەن تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ۋاپاتى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قايغۇ ۋە مۇسىبەت پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ نامىزى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنىدىكى ئەمىن ئىنانچ مەسچىتىدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن چۈشۈرۈلۈپ، دەپىنە قىلىنماقچى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم كىم؟ ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ ئۇنىڭ 53 يىللىق ھاياتى قانداق ھايات ئىدى؟ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدىشى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، سەپدىشى نىمەتۇللاق قارىم، ئىقتىسادشۇناس ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى، دىنىي زات ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن ئون نەچچە يىل بۇرۇن يەنى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى قۇرۇش ۋاقتىدا تونۇشقانلىقىنى، ئۇنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۆلىما ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

كۆپ قېتىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ دىنىي سۆھبىتىنى ئاڭلىغان ئابدۇرېشىت ئابدۇخەمىت ئەپەندى، مەرھۇمنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك بىلىمگە ئىگە بىر زات ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى» ئۈچۈن بىر زور يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 1963-يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى قاغىلىقتا پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر دىيارىدا تونۇلغان ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ قولىدا دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بىر مەزگىل دىنىي تەرغىبات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان ۋە ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن، تۈركىيەدە تەشكىلات قۇرۇپ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەرنى دىنىي جەھەتتىن ئوقۇتۇشقا زور ئەھمىيەت بەرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/abdulhekinxan-mexsum-12222016145325.html

Share
1433 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.