logo

trugen jacn

تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتچىسى ئابدۇرەھىم ھېيت تۈركىيەدە كونسېرت بەردى

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتچىسى ئابدۇرەھىم ھېيت 5-ئاينىڭ 4-، 5-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان گىرەسۇن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشى ۋە خەلق ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كونسېرت بەردى. ئۈرۈمچىدىكى ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا جامال خانىم «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

بۇ پائالىيەتكە گىرەسۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى ناھايىتى قىزىقىپ قاتناشقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، سېرىق ئۇيغۇرچىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن.

داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتچى ئابدۇرەھىم ھېيت بولسا تۈركلەر تەرىپىدىن زوق بىلەن ئاڭلىنىۋاتقان «ئۇچراشقاندا» دېگەن ناخشا بىلەن باشلاپ، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ناخشىلارنى ئوقۇپ تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە تەخت قۇرغان.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان گىرەسۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى ئونۇر تارلاچى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئالدى بىلەن پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «گىرەسۇن ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئالىي قافقاسيالى تەرىپىدىن 5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشى ۋە خەلق ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن 2-ئاپرېل كۈنىدىن 4-ئاپرېل كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستانلىق دوكتور گۈلنىسا جامال خانىممۇ كەلگەن ئىدى. بىز بۇ جەرياندا ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دوكلات بەرگۈزدۇق.»

ئونۇر تارلاچى ئەپەندى دوكتور گۈلنىسا جامال خانىم بەرگەن دوكلات ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «دوكلاتنىڭ تېمىسى ‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا نەزەر› ئىدى. بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى 4-ئاپرېل كۈنى بولدى. گۈلنىسا خانىم بۇ دوكلاتىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىل سىياسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.»

ئونۇر تارلاچى ئەپەندى تونۇلغان سەنئەتچى ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ كونسېرتىنىڭمۇ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، بۇندىن 2، 3 ئاي بۇرۇن غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. ئابدۇرەھىم ھېيت ئۇ يەردىمۇ بىر كونسېرت بەرگەن ئىدى. ئابدۇرەھىم ھېيت تۈركىيەدە تونۇلغان بىر سەنئەتچى بولدى. چۈنكى تۈركىيە ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە بىر تۈرك دۆلىتى، تۈركىيەدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بەك ئومۇملاشقان، شۇڭا ئابدۇرەھىم ھېيت دۇتارى ۋە ناخشىلىرى بىلەن تۈركىيەدە تونۇلغان بىر كىشى بولدى. ئۇنىۋېرسىتېتىمىز بۇ پائالىيەتكە ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلدى، بەك ياخشى بولدى.»

ئۇ، ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ «ئۇچراشقاندا» دېگەن ناخشىسىنىڭ تۈركىيەدە كەڭ ئامما زوق بىلەن ئاڭلاۋاتقان ناخشا ئىكەنلىكىنى، بۇنى ئاڭلاش ئۈچۈن كونسېرتقا كۆپ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇرەھىم ھېيتنىڭ ‹ئۇچراشقاندا› دېگەن ناخشىسى تۈركىيەدە تونۇلدى. بۇ ناخشىنى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى. ئۇ، تۈركلەر ئۈچۈن بەك مۇھىم بولغان ئىككى تۈركچە ناخشا ئوقۇدى. بۇ ناخشىنىڭ بىرى ‹لەيلىمىلەي› يەنە بىرى بولسا ‹بەياز گۈل قىزىل گۈل› دېگەن ناخشىلار. بۇ ناخشىلارنى بىر ئۇيغۇر ناخشىچىنىڭ ئېغزىدىن ئاڭلاش بىزنى بەكلا خۇشال قىلدى. گىرەسۇندا ئىككى مەيدان كونسېرت بەردى، ئۇ، ئاۋازى ۋە دۇتارى شۇنداقلا مۇلايىملىقى بىلەن خەلقىمىزنى بەكلا سۆيۈندۈردى.»

بۇ پائالىيەتتە رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئونۇر تارلاچى ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا زور تۆھپە قوشقان گىرەسۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور زەينەل ئۆدەمىش مۇئەللىمگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلەرنىڭ، سەنئەتچىلەرنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەگە كېلىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

ئۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىك ۋە سەنئەتچىلەرنىڭ كۆپلەپ تۈركىيەگە كېلىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنىڭ تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋىتىگە مۇسبەت تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

2002-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە كۆپ ساندا ئۇيغۇر سەنئەتچى ۋە ئىلىم ئادەملىرى تۈركىيەگە كېلىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدە تونۇلۇشىغا زور تۆھپىلەرنى قوشتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/abdurehim-heyt-05062016134740.html

Share
2041 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.