logo

trugen jacn

توققۇزاق لەنگەردە 50 نەچچە مەسچىتنىڭ چېقىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا بىر قىسىم، بەزى جايلىرىدا كۆپ قىسىم مەسچىتلەرنى چاقماقتا ۋە ئەمەلدىن قالدۇرماقتا. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر ئابدۇراخمان ھاجىنىڭ رادىئومىزغا مەلۇم قىلىشىچە، توققۇزاق ناھىيىسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىدا يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە 50 نەچچە مەسچىت چېقىلغان. دائىرىلەر مەسچىتلەرنى چېقىشتىن ئاۋۋال شۇ مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرىنى يىغىپ مەخسۇس يىغىن ئاچقان ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ماسلىشىش ھەققىدە ۋەدە ئالغان ۋە ئىمزا قويدۇرغان. بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك ساقچى ۋە كەنت باشلىقلىرى مەسچىت چېقىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئەسلى يۇرتى قەشقەر توققۇزاقتىن بولغان ئابدۇراخمان ھاجىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، لەڭگەر يېزىسىدا 86 مەسچىت بار بولۇپ، بۇنىڭدىن پەقەت 29 مەسچىت ساقلاپ قىلىنغان، 57 سى چېقىۋېتىلگەن. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن توققۇزاقنىڭ لەڭگەر ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. خادىم ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. بىز ئارقىدىن، كەنت ساقچىلىرىدىن مەلۇمات سورىدۇق، ئۇلارمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى، بەزىلىرى ئاشكارا ھالدا، بۇ تېمىدا گەپ قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەمما، ساقچى ۋە كەنت باشلىقلىرىنىڭ ھېچبىرى، توققۇزاق لەنگەردە مەسچىتلەرنىڭ نىڭ چېقىلغانلىقى خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىدى.

توردىكى ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، قەشقەر توققۇزاقنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 250 مىڭ بولۇپ، مەمۇرى جەھەتتىن 4 بازار، 6 يېزىدىن تەشكىللەنگەن. لەڭگەر، توقۇققۇزاقتىكى 4 چوڭ بازاردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاز دېگەندە 30 مىڭچە نوپۇس ئولتۇراقلاشقان. جەمئىيەتكە تارقالغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، دائىرىلەر مەسچىتلەرنى چېقىشتىن ئاۋۋال، لەڭگەردىكى بارلىق ئىماملارنى يىغىپ يىغىن ئاچقان ۋە نامەلۇم بىر قەغەزگە ئىمزا قويدۇرغان. ھازىرغا قەدەر خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا قەشقەر توققۇزاقتا كۆپ ساندىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئەمما رايوندا ئىلگىرى ئىگىلىگەن بىر ئۇچۇرىمىزدا، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكى جەھەتتىن لاياقەتسىز دەپ قارالغان مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما لەڭگەر يېزىسىدا 86 مەسچىتتىن 57 سىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى، مەسىلىنىڭ قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكى ئەمەس، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرمەكتە. رايوندا داۋام قىلىۋاتقان دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ۋە تازىلاش ھەرىكىتىمۇ بۇ ئېھتىماللىقنى كۈچلەندۈرمەكتە. ئابدۇراخمان ھاجىممۇ بۇ نۇقتىدا شۇ خىل قاراشتا.

يەنە تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى يالغۇز توققۇزاق لەڭگەردىن ئەمەس، پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە داۋام قىلماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/meschit-cheqish-12062016152001.html

Share
1155 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.