logo

trugen jacn

توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدا 2514 كىشى تۈرمىدە، 806 كىشى «يېپىق تەربىيە» دە

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

توققۇزاقنىڭ بۇلاقسۇ يېزىسىدا نۆۋەتتە 2514 كىشىنىڭ تۈرمىدە، 806 كىشىنىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 36 مىڭ ئىكەن. شۇنداق بولغاندا، بۇلاقسۇ نوپۇسىنىڭ 10پىرسەنتىنىڭ تۈرمە ياكى قاماقتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان يۇرتى توققۇزاقلىق كىشىلەردىن بىرى رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، توققۇزاقتا بۇ يىلدىن بېرى كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى، ھەتتا بەزى يېزىلاردىكى كۆپ قىسىم مەھەللىلەردە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ئەر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قالمىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان توققۇزاق ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ خادىملىرى توققۇزاقتىكى تۇتقۇن ۋە كېسىلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئېغىز ئاچالمىدى. مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، بۇلاقسۇ يېزىسى توققۇزاق ناھىيىسىدىكى تۇتقۇن كەڭ-كۆلەمدە داۋام قىلغان، كېسىم ئېغىر دەرىجىدە ئىجرا قىلىنغان يېزىلاردىن بېرى ئىكەن. توققۇزاقتىكى ھەرقايسى يېزىلىق ساقچىخانىلارمۇ تۇتقۇن ۋە مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. مەكتۇپتا توققۇزاقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر ھەپتىسى تۈركۈم-تۈركۈملەپ كىشىلەرنىڭ تۈرمىلەرگە يولغا سېلىنىۋاتقانلىقى يېزىلغان.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچى خادىمى بۇ ھەقتە ناھىيىلىك ساقچىخانىدىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بۇلاقسۇ يېزىلىق ئەدلىيە خادىمى يېزا بويىچە 2514 كىشىنىڭ كېسىلىپ بولغانلىقى 806 كىشىنىڭ سولاقتا، يەنى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

توققۇزاق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، 2014 ‏-يىلى 9 ‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇلاقسۇ يېزىسىدىكى چارشەنبە بازاردا بىر قېتىم ساقچىلارنىڭ ئاياللارغا قارىتا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بايان قىلىنىشىچە، چارشەنبە بازاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىلار بېشى ئورالغان ئىككى ئايالنىڭ ياغلىقىغا قول ئۇزاتقان. بۇنىڭ بىلەن ئەتراپتا سودا قىلىۋاتقان ئەرلەر ئارىغا چۈشكەن، ساقچىلار ۋەقەگە ئارىلاشقان ئەرلەرنى ساقچىخانىغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا، چارشەنبە بازاردىكى 200 چە ئەر-ئايال ساقچىلارنى قورشىۋېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، شۇ يىلى شۇ ۋەقەگە ئارىلاشقان 200 چە كىشىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جازاغا تارتىلغان.

بۇ ۋەقە خىتاي ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ھازىرغىچە تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان ئىدى. خادىملار بۈگۈن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولسىمۇ، بۇلاقسۇدا 3314 كىشىنىڭ تۈرمە ۋە قاماقتا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىنىشى، مەزكۇر مەكتۇپتا تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭمۇ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/toqquzaq-bulaqsuda-yepiq-terbiye-11202017203747.html

Share
1297 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.