logo

trugen jacn

توقسۇ چىلاندا تور ئوينىغان 3 ياش قاماقتا، ئېتىزلىقتا ئىمام بولغان بىر كىشى تۈرمىدە

6_1

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

توقسۇ ناھىيىسىنىڭ چىلان كەنت ئامانلىق مۇدىرىنىڭ پاش قىلىشىچە، بۇلتۇر 22‏-ماي ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى داۋامىدا مەزكۇر كەنتتە 3 نەپەر ياش ھۆكۈمەت قانۇنسىز دەپ قارىغان ئۇچۇرلارنى بىلىپ-بىلمەي ئوقۇغان ۋە يوللىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار نۆۋەتتە توقسۇ قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

يەنە بۇ ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر كەنتتىكى مەمەت توختى ئىسىم 37 ياشلىق بىر دېھقان ئۆزى ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئېتىز بېشىدا 5 كىشىگە جۈمە نامىزىدا كىنىشكىسىز ھالدا ئىماملىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ 7 يىللىق كېسىلگەن. كىنىشكىسىز ئىمامغا ئەگىشىپ جۈمە نامىزى ئوقۇغان 5 كىشى باشقا كەنتلەردىن بولۇپ، ئوخشىمىغان دەرىجىدە جازالانغان.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆتكەن ھەپتە، ئۇيغۇر رايونىدا بىر يىل داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 181 تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ پاش قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان؛ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ جازالىغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئەركىن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ھوقۇقىدىن پايدىلانغان تور قوللانغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم كىشىلەرنىڭ نۇقتىلىق زەربە نىشانى بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يۇقىرىدىكى ئامانلىق مۇدىرى تىلغا ئالغان كىشىلەر ئەنە شۇ دولقۇندا زەربىگە ئۇچرىغانلار. مەلۇم بولۇشىچە، چىلان كەنتى توقسۇنىڭ 19 مىڭ نوپۇسلۇق يۇلتۇزباغ يېزىسىدىكى 17 كەنتنىڭ بىرى، نوپۇسى 1000 ئەتراپىدا، مانا بۇ پاكىتلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر مەلۇماتىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-05282015153226.html

Share
1518 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.