logo

trugen jacn
06 ئىيۇن 2014

توقسۇ قاراتاشتا يۈز بەرگەن سەرەڭگە دېلوسى ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى

 

شۆھرەت ھوشۇر

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى كېڭەيگەن ۋە كۈچەيگەنسېرى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئىسيانى ھەر خىل مەيداندا، ھەر خىل شەكىلدە داۋاملاشماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە دورىسى ئېلىۋېلىنىپ ئۆستەڭگە تاشلىۋېتىلگەن ئىككى تاغار سەرەڭگە ياغىچىغا ئاساسەن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى توقسۇنىڭ ئىچئېرىق يېزا قاراتاش كەنتىدە يەنە بىر مەيدان قانلىق ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مانا بۇ، نۆۋەتتە خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا سەرەڭگە دېلوسى ۋەقەسى دەپ ئاتىلىۋاتقان، ئەمما خىتاي ئاخباراتى ئاشكارىلىماي كېلىۋاتقان بىر قانلىق ۋەقەدۇر.

توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىدىكى بىر خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار ئۆستەڭدىن سۈزۈۋېلىنغان تاغاردىكى شىركەت ئادرېسىغا ئاساسەن، ئالدى بىلەن سەرەڭگىنى ساتقان شىركەتنى تاپقان. ئاندىن سەرەڭگىنى سېتىۋالغان گۇماندار بەكرى ئىمىننى تۇتقان. ساقچىلار بەكرى ئىمىننى توقسۇ ناھىيىسىنىڭ پەيشەنبە بازار يېزا تېرەك ئۆستەڭ كەنتىدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سەپداشلىرىدىن ئىچېرىق يېزا قاراتاش كەنتىدىكى ئىمىن تۆمۈرنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ۋە توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئورۇنلىرىنىڭ رازۋېدچىكلىرىدىن تەشكىللەنگەن 10 نەپەر ساقچى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ گۇماندار ئىمىن تۆمۈرنىڭ ۋە دادىسىنىڭ ئۆيىگە تەڭلا ۋاقىتتا بېسىپ كىرگەن. بۇ چاغدا ئىمىن تۆمۈر دادىسىنىڭ ئۆيىدە ئاكىسى راخمان تۆمۈر ۋە سەپدىشى ياسىن ئوسمان تۆمۈر بىلەن بىرلىكتە بولۇپ، ئۇلار خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قورۇغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پەيلى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىگە ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ئامان قالمايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىپ، خىتاي ساقچىلىرىغا پىچاق ۋە كالتەك بىلەن ھۇجۇم قىلغان. خىتاي تەرەپ ھۇجۇمچىلارغا ئوق چىقارغان. توقۇنۇشتا خىتاي تەرەپتىن ۋىلايەتتىن كەلگەن رازۋېدچىك شى لى نەق مەيداندا ئۆلگەن، قالغان 4 نەپىرى يارىلانغان. ئۇيغۇر تەرەپتىن ئىككى گۇماندار ئىمىن تۆمۈر ۋە راخمان تۆمۈر ئوقتا ئۆلگەن، ياسىن ئوسمان ئوقتا يارىلانغان.

نۆۋەتتە بەزى كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىقىغا ئوخشاش قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يولنى تاللىۋالغان ئەمەس، بەلكى مەجبۇرلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بەزىلەر ھۆكۈمەتكە قوراللىق يول بىلەن سىگنال بېرىشنىڭ قانۇنسىزلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزىلەر، بۇنداق بىر شەرتنىڭ دېموكراتىك دۆلەتلەر ئۈچۈنلا ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە سىگنال بېرىشتە قوراللىق قارشىلىق يولىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/serengge-weqesi-06052014125138.html

Share
1731 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.