logo

trugen jacn

توقسۇ غولئېرىقتا بىر ئائىلىدىن ئانا، قىز ۋە كېلىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن

4ffc5934-d04c-4bd1-9246-3104354d8c05

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ زور قىسمى ئاخباراتتىن سىر تۇتۇلماقتا، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تەپسىلاتى شۇ ۋەقەدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ئۇيغۇر ساقچىلاردىنمۇ يوشۇرۇن تۇتۇلماقتا.

شۇڭا بەزى ۋەقەلەر ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۇنتۇلدۇرۇلۇۋاتقان بولسا، بەزىلىرى ئايلار ۋە يىللار كېيىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئاشكارىلانماقتا. توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئۆگەي يېزا غولئېرىق كەنتىدە بۇلتۇر 27-ئىيۇل كۈنى يۈز بەرگەن 3 ئايال پىدائىينىڭ يەنى بىر ئائىلىدىن ئانا قىز ۋە كېلىندىن ئىبارەت 3 كىشىنىڭ ساقچىلار بىلەن قارشىلىشىش ۋە ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى ئارىدىن 10 ئاي ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئاشكارىلاندى. بۇلتۇرقى توقسۇدىكى ۋەقەلەردە خىتاي ئۈچۈن 3-دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن بىر ساقچى خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە، 27‏-ئىيۇل كۈنى نۇرمەمەت ئۆمەر ئىسىملىك بىر گۇماندارنىڭ ئانىسى، سىڭلىسى ۋە ئايالى رەھىمە توختى مۆكۈنۈپ تۇرغان ئۆيىدە ساقچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان، ئۈچ نەپەر ئايال تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپلا قالماي يەنە، ئۆزلىرى ياسىغان بېنزىن بومبا بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، خىتاي ساقچىلىرى بۇ ئۈچ ئايال پىدائىينى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن.

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە، ھەرىكەتكە ئائىلە بويىچە قاتنىشىش ۋە ئاياللارمۇ قاتنىشىش ئەھۋالى كۆزگە چېلىقماقتا. مەسىلەن، ئالدىنقى يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن قوۋۇقىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئوسمان، قۇۋانخان، گۆلقىز قاتارلىق ئانا، ئوغۇل ۋە كېلىندىن ئىبارەت بىر ئائىلە كىشىلەر تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان. بۇلتۇر توققۇزاقنىڭ سايباغ كەنتىدە يۈز بەرگەن ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 5 ئاكا-ئۇكا ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى بولۇپ بىر جەمەت ئەزالىرى رول ئالغان. يەنە بۇلتۇر سېنتەبىردە يۈز بەرگەن بۈگۈر ئىسيانىدا ئىسياننىڭ يېتەكچىسى تۇرسۇن مەمەت سەپنىڭ ئالدىدا، ئايالى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتىدىكى بۇ يېڭى ئۆزگىچىلىككە دىققەت قىلماقتا ۋە بۇنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئويلانماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghur-weziyiti-06012015151508.html

Share
1306 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.