logo

trugen jacn

ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

 

 

ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

 

دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشى بىر قىسىم كىشىلەرنى خۇشال قىلدى. بىر قىسىم كىشىلەرنى ئەنسىرەتتى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنى بولسا «بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر؟» دېگەندەك خىياللار ئىچىدە، ياكى بولمىسا بىر خىل قاراڭغۇلۇقتا قويدى. بۇ مەسىلىدە بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى «ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» دېگەن مەسىلە، دېسەك، مېنىڭچە خاتالاشمايمىز. مېنىڭ كاللامدىمۇ ئاشۇ سوئال ئىزچىل تۈردە جاراڭلاپ تۇرغان بولغاچقا، مەن ئىنتېرنېتتىكى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرەلەيدىغان مەنبەلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلدىم. ھەمدە ئۆزۈم ياقتۇرغان مەنبەدىن بىرىنى تاپتىم. مەزكۇر يازمىدا مەن ئەنە شۇ مەنبەدىكى ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرىمەن. مەن بايان قىلىدىغان ئىدىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى مەنبەگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ سۆزلىرىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى «ئىلاۋە» شەكلىدە بىر ئايرىم ئابزاس قىلىپ يازىمەن. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، بۇ يەردە تونۇشتۇرۇلغان كۆز-قاراشلارنىڭ ھەممىسىگە مەن ئۆزۈم تولۇق قوشۇلۇپ كەتمەيمەن، ھەممىسىنى تولۇق قوبۇل قىلىپمۇ كەتمەيمەن. مېنىڭ مەقسىتىم ئۆزۈمنى ۋە باشقا ئوقۇرمەنلەرنى يېڭى مەلۇمات ۋە يېڭى بىلىم بىلەن تەمىنلەش بولغانلىقى ئۈچۈن، يازمىدىكى مەزمۇنلارغا مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقى ۋە ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقى مۇھىم ئەمەس، ھەمدە مەزكۇر يازما بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەس. ئەمما مەن تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەلۇمات ۋە بىلىملەر ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىمەن.

مېنىڭ بۇ قېتىم تونۇشتۇرىدىغىنىم دوكتور چېن شياۋپىڭ («明鏡新闻执行综编陳小平博士») دوكتور شيا يېلياڭ (夏業良, 夏业良) بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئۆتكۈزگەن تېلېۋىزور سۆھبىتىنىڭ ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلىرى [1]. شيا يېلياڭ بىر تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، ئۇ بۇرۇن جۇڭگودىكى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋە شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە پروفېسسور بولغان، ھەمدە باشقا بىر قىسىم مۇھىم ئىقتىسادى تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ ليۇ شياۋبو يېزىپ چىققان «8-نومۇرلۇق ئاساسىي قانۇن» غا ئىمزا قويغان جۇڭگو زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىپ كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاخىرى جۇڭگودا تۇرالماي، ئامېرىكىغا كېلىۋالغان. ئۇ 2014-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ۋاشىنگتوندىكى ئەقىل-ئامبىرى ئورگىنى «كاتو ئىنستىتۇتى» (Cato Institute) دا «مېھمان تەتقىقاتچى» بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ [2].

تۆۋەندە مەن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى سوئال-جاۋاب شەكلىدە بايان قىلىمەن.

1-سوئال: خېلى كۆپ جۇڭگولۇقلار «ھىلارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ترامپ سىياسىيغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى ھىلارىغا قارىغاندا جۇڭگو ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق»، دەپ قارىغان. چەت ئەلدىكى خەنزۇلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 50 پىرسەنتتىن كۆپرەك جۇڭگولۇقلار ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىكەن. سىز ھازىر بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: ترامپنى قوللىغان جۇڭگولۇقلار ئەھۋالنى خاتا مۆلچەرلىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ترامپ بىر سودىگەر ئادەم بولغاچقا، ئۇ سىياسىيغا، قىممەت قارىشىغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر قىسىم چوڭقۇر مەسىلىلەرگە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. سايلام پائالىيەتلىرى جەريانىدا ترامپ جۇڭگودىن ئالىدىغان باجنى كۆپەيتىش ۋە جۇڭگونى ئىقتىسادىي جەھەتتىن چەكلەش مەسىلىلىرى ئۈستىدىلا سۆزلەپ، سىياسىي جەھەتتە جۇڭگونى ئەيىبلىمىدى. ھەمدە بۇرۇن 89-يىلىدىكى 4-ئىيۇن ۋەقەسى ئۈستىدە توختالغاندا، جۇڭگو رەھبەرلىرىنى «ئوقۇغۇچىلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتا جۇڭگو رەھبەرلىرى ناھايىتى كەسكىن چارە قوللاندى» دېگەندەك گەپلەر بىلەن جۇڭگو رەھبەرلىرىنى مەدھىيىلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەردە «ترامپ دېموكراتىيىلىشىشكە قارشى تۇرىدىكەن، كىشىلىك ھوقۇققا قارشى تۇرىدىكەن، دىكتاتور ھاكىمىيەتنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنىڭ پۇتىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئىكەن»، دېگەندەك كۆز-قاراش پەيدا قىلدى. ترامپ بۇرۇن پۇتىننىمۇ ماختاپ كەلگەن، ھەمدە «رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىيالايمەن»، دېگەن. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھەممە ئىشلاردا خۇددى سودا مۇناسىۋىتىدىكىگە ئوخشاش قارشى تەرەپ بىلەن كېڭەشكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ترامپ ھەر قانداق دىكتاتورچى دۆلەت رەھبىرى بىلەن كېڭىشىش ئېلىپ بارالايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى، ئىقتىسادىي جەھەتتە پايدىسى بار ھەر قانداق ئىشتا ترامپ باشقىلار بىلەن سۆزلىشىپ، بىر ئىشنى ھەل قىلالايدىغان ئادەم بولۇپ، قىممەت قارىشى قاتارلىق باشقا ساھەلەردە ئۇ بىر ئۆلچىمى يوق ئادەم.

ترامپ سايلامدا ئۇتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز ئەتراپىدا خىزمەت قىلىشقا تاللىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا بىر قىسىم يېڭى ئەقىللەرنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ھەمدە ئۇ ئۆزىمۇ سايلامدىن بۇرۇنقى ۋەدىلىرىدە تۇرمايدىغان بىر ئادەمدەك قىياپەتنى نامايان قىلىشقا باشلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو پۇقرالىرى بۇرۇن ترامپنى ئۆز ئارزۇلىرى بويىچە چۈشەنگەن بولسا، ئۇلار ھازىر ترامپنىڭ ئىقتىساد، سودا، سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى جۇڭگوغا قاراتقان قاتتىق پوزىتسىيىسىنى كۆردى. ترامپ يېقىندا تەيۋەن پرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنى ئەيىبلىدى. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بىر خىل دەككە-دۈككە ئىچىگە پاتتى. بۇنىڭغا قارىتا ترامپ «ئامېرىكا تەيۋەنگە ھەر يىلى نەچچە مىليارد دوللار قىممىتىدىكى زامانىۋى ھەربىي قوراللارنى ساتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا مېنىڭ بىر قېتىم تەيۋەن پرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىپ قويغىنىم قانچىلىك ئىشتى؟» دېدى. مېنىڭچە كۆپىنچە كىشىلەر ترامپنىڭ بۇ گېپىدىن خاتالىق تاپالمايدۇ. چۈنكى تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتىدە بۇنداق تېلېفوننى قوبۇل قىلىش بىر خىل نورمال ئىش.

1979-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى كاتو (Cato) جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بىر قىسىم كېلىشىملەرنى تۈزگەندىن كېيىنكى ئۇزۇن مۇددەت ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ھېچ قانداق بىر پرېزىدېنتى شۇ چاغدىكى بىرلەشمە ئاخباراتنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا پېتىنىپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى ئىشى جۇڭگو تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلارنى ناھايىتى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى.

2-سوئال: سىز ئەركىنلىكنى ياقلايدىغان زىيالىيلار ئىچىدىكى ترامپنى قوللايدىغان بىرى ئىدىڭىز. ئاڭلىسام يېقىندا تەيۋەن ئىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، سىزگە ئوخشاش بىر قىسىم زىيالىيلار بۇرۇنقى مەيدانى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىپتۇ. سىز ترامپنى ھازىرمۇ قوللامسىز؟

جاۋاب: مېنىڭ بۇرۇن ترامپنى قوللىشىمدىكى سەۋەب، مەن ھىلارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ترامپنىڭ ئامېرىكىغا سالىدىغان زىيىنى جىق ئاز بولىدۇ، دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ ترامپنىڭ كىشىلىك ئەخلاقىدا بىر قىسىم مەسىلەر بار، مەسىلەن، ئاياللارنى ئويناش، باج تاپشۇرۇش ئەھۋالىنى ئاشكارىلىماسلىق، قاتارلىقلار. ترامپتا بىر قىسىم ئادەملەردە داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەرمۇ بار. ئەمما ئۇنىڭدا ھىلارىغا ئوخشاش دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش، سىياسىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىسى ئۈچۈن سودا قىلىشلارغا ئوخشاش ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا زىيان سالىدىغان ئېغىر مەسىلىلەر يوق. ترامپ ئىقتىسادىي ساھەدە سادىر قىلغان باشقا مەسىلىلەرمۇ بار بولىدىكەن، ئۇ ئىشلار ترامپ پرېزىدېنتلىقنى رەسمىي باشلىغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئاشكارىلىنىدۇ. مېنىڭ ئويلىغىنىم، ئەگەر ترامپ پرېزىدېنت بولسا، ئۇ چوقۇم ئامېرىكىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۇ ئامېرىكىدا نەچچە ئون يىلنىڭ مابەينىدە داۋاملىشىپ كەلگەن سىياسىي جەھەتتىكى توغرىلىقنى بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ، ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلەيدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئىقتىسادى ئارقىغا چېكىنىۋاتقان، كۆپلىگەن خەلق ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقان بىر ۋاقىتتا، ترامپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈرەك ساداسىغا ۋەكىللىك قىلدى. شۇڭا مەن ئۇ بىر قىسىم يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، دەپ ئويلىدىم. ترامپ مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ، مۇئاۋىن پرېزىدېنت بولىدىغان كىشىمۇ خېلى بولىدىغان ئادەمدەك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇ ترامپنىڭ ئورنىنى ئالغان تەقدىردىمۇ ئىشلارنى ياخشى قىلىپ ماڭالايدۇ، دەپ ئويلىدىم. خۇددى ترامپنىڭ ئۆزى دېگىنىدەك، ئۇ پرېزىدېنت بولسا، ئامېرىكىدا بىر قىسىم ياخشى ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنى قايتىدىن بىر ئۇلۇغ دۆلەت قىلالايدۇ، دەپ ئىشەندىم. شۇڭا مەن ترامپنى قوللىدىم.

3-سوئال: ھىلارى جۇڭگونىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا خېلىلا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئەمما ترامپنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيىدە تۇتۇۋاتقىنى ئىقتىسادىي ساھە. ترامپنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ سىز بىر ئىقتىسادشۇناس بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆز كۆز-قارىشىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان بولسىڭىز.

جاۋاب: ترامپ جۇڭگونىڭ سىياسىي ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دېيىش توغرا ئەمەس. ترامپ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم نۇتۇقلىرىدا «جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن سىياسىي جەھەتتە سۆزلىشىشنىڭ ھېچ بىر پايدىسى يوق، ئۇ جەھەتتە جۇڭگولۇقلارنى قايىل قىلغىلى بولمايدۇ»، دېگەندەك گەپلەرنى دېدى. بۇرۇنقى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن سىياسىي ئىشلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە سۆزلەشكەن، ئەمما ئۇنىڭدىن ھېچ قانداق نەتىجە چىقمىدى. شۇڭلاشقا ترامپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئىقتىساد بىلەن ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى ياكى تۈزۈم جەھەتتىكى ئىشلارنى چىڭ تۇتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ترامپ بىر ناھايىتى جاسارەتلىك ئادەم. ئۇنىڭغا بىر كىم گەپ ياكى مۇش بىلەن ھۇجۇم قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئوخشاشلا سۆز ياكى مۇش بىلەن ھۇجۇمچىغا قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ترامپنىڭ ئىنتىقام ئېلىش مىجەزى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بىر ئىشقا يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ.

ئىقتىسادىي جەھەتتە، ترام سايلام جەريانىدا جۇڭگودىن كىرىدىغان ماللارغا 45 پىرسەنتكىچە باج قوشۇش قاتارلىق بىر قىسىم تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بىر يېڭى يۈزلىنىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەمما مېنىڭچە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىنتايىن قىيىن، بەزىدە ھەتتا مۇمكىنمۇ ئەمەس. ھازىر ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا-سىنىپ خەلقلىرى جۇڭگودىن كىرگەن ئەرزان ماللارنىڭ پايدىسىنى ناھايىتى كۆپ كۆرۈۋاتىدۇ. ئەگەر ترامپ جۇڭگو ماللىرىغا 45 پىرسەنت باج قوشىدىغان بولسا، يالغۇز جۇڭگو ئىقتىسادىي چوڭ زىيانلارغا ئۇچراپلا قالماي، ئامېرىكا خەلقىنىڭ تۇرمۇشىمۇ ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا ئىقتىسادى ئالدىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ھەر يىلى ئاران 1 – 2 پىرسەنتتىن ئۆسۈۋاتىدۇ. ئۆسۈش نىسبىتى بىر پىرسەنتتىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ۋاقىتمۇ بار. ئامېرىكىلىقلارنىڭ مائاشىمۇ 10 نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە ئانچە كۆپ ئۆسمىدى. شۇ سەۋەبتىن ھازىرقى ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىسى بۇرۇنقى ئەۋلادلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ. شۇڭا ئامېرىكا خەلقى ھازىر ناھايىتى ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى كانادا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئەللەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ناچار. ئامېرىكىنىڭ داۋالاش سىستېمىسىمۇ ناھايىتى ئارقىدا. ئۇنى ئوباما ئۆزگەرتىپ باققان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىدى. شۇڭلاشقا ھازىر كىشىلەر بىر يېڭى پرېزىدېنت چىقىپ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىۋاتىدۇ.

بۇ ئىشتا ئامېرىكىدىكى بايلارنىڭ چىشىغا تېگىشكىمۇ بولمايدۇ. سەۋەبى بايلار سىنىپىنىڭ ئامېرىكىغا قوشىدىغان تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ. بىز ئادەتتە ماركسىزم-لېنىنىزم نەزەرىيىسى ئاساسىدا بايلار بىلەن كەمبەغەللەرنى بىر-بىرىگە قارىمۇ-قارشى قىلىپ قويىمىز، بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىپ قويىمىز. بۇ بىر ئىنتايىن خەتەرلىك يۈزلىنىش. ئەمەلىيەتتە كەمبەغەللەر بىلەن بايلار مەلۇم دەرىجىدە بىر-بىرىنى يۈكسەلدۈرەلەيدۇ، ئۆز-ئارا بىرلىشەلەيدۇ. ئاشۇنداق بولۇش ئۈچۈن چوقۇم بىر ياخشى تۈزۈم، بىر ياخشى جەمئىيەت ۋە بىر ياخشى قىممەت قارىشى بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن كەمبەغەللەر بىلەن بايلار ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىپ قېلىپ، جەمئىيەت پارچىلىنىپ كېتىپ، بىر ئىنتايىن ناچار ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئىقتىسادىي جەھەتتە، جۇڭگودىن كىرىدىغان پولات ۋە باشقا مېتال بۇيۇملىرىنىڭ بېجىنى ئۆستۈرۈشمۇ بار. پولات ئېكسپورتى جەھەتتە ھازىر جۇڭگو دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر ناھايىتى زور مىقداردىكى 1-دەرىجىلىك پولات جۇڭگودىن ئامېرىكىغا كىرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا شىركەتلىرى ئاشۇ پولاتنى ئىشلىتىپ ياسىغان مەھسۇلاتلار ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئانچە ئىشەنچلىك ئەمەس. شۇڭا ئامېرىكا جۇڭگونى مۇشۇ جەھەتتە جازالىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر جازالىماقچى بولغان ساھەلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلار، مەسىلەن، خۇاۋېي (Hua Wei) شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ بار. ھازىر جۇڭگونىڭ بەزى چوڭ كۆلەملىك دۆلەت ئىگىلىدىكى كارخانىلار ئامېرىكىدىكى بەزى مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان شىركەتلەرنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىدىكەن، ئۇ ئامېرىكىنىڭ تېخنولوگىيە جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇننى ساقلاش سالاھىيىتىگە، ھەمدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

شۇڭلاشقا ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار تەدبىرلەر ئامېرىكا ئۈچۈن خېلىلا پايدىلىق. ئەگەر ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان تەدبىرلەر سۆز بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن، ئۇلار چوقۇم بىر قىسىم ساھەلەردە جۇڭگونى ھەقىقىي تۈردە زىيانلارغا ئۇچرىتىدۇ. شۇڭلاشقا جۇڭگو رەھبەرلىرى بۇرۇن ترامپنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو رەھبەرلىرى ئەسلىدە ترامپقا ئوخشاش ئىقتىساد كەسپىدىن چىققان، ھاكىمىيەت باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ھېچ بىر تەجرىبىسى يوق ئادەمگە ئاسان تاقابىل تۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئازراق ئىقتىسادىي پايدا بەرسىلا، ئۇ ياۋاشلىق بىلەن گەپ ئاڭلايدۇ، دەپ ئويلىغان. ئەمەلىيەت بولسا ئۇنداق بولۇپ چىقمىدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ چەت ئەللەرگە سىڭىپ كىرىشى، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا سىڭىپ كىرىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى. جۇڭگو سىڭىپ كىرگەن ساھە يالغۇز ئىقتىسادىي ساھەلا بولۇپ قالماستىن، يەنە سىياسىي قاتلام، كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى، ۋە ئەقىل ئامبىرى قاتارلىقلارمۇ بار. جۇڭگونىڭ ھەربىي ساھەگە سىڭىپ كىرىشى قالغان ساھەدىكىدەك كۈچلۈك ئەمەس، ئەمما سىڭىپ كىرگەن ساھەلەر ئىچىدە ئۇمۇ بار.

شۇڭلاشقا ھازىر ئامېرىكا ئۆزگىرىش ياسايدىغان ۋاقىت كەلدى. بۇ ئىشتا ترامپ ئۆزى يالغۇز كۆپ ئىشلارنى قىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئەمما ترامپدەك بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىش باشلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ. ئەگەر ترامپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئۆزىنىڭ بىلىملىرى بىلەن قابىلىيەتلىرىنى دۆلەت ئۈچۈن تەقدىم قىلىپ، ترامپ بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئاتلىنىدۇ. مېنىڭچە مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار.

4-سوئال: ترامپ جۇڭگونى خېلى كۆپ ساھەدە تەنقىد قىلدى. مەسىلەن، ئۇ «جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئوغرى»، دېدى. ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو پۇلىنىڭ قىممىتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. سىزچە جۇڭگو ئۆز پۇلىنى قانداق قىلىپ قاتتىق كونترول قىلىۋاتىدۇ؟

جاۋاب: ئەركىن بازار ئىقتىسادىنى يولغا قويغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز پۇلىنىڭ پۇل ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى ئەركىن قويۇۋېتىدۇ. ئەگەر بىر دۆلەت ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى كونترول قىلىدىكەن، ئۇ بىر ئېچىۋېتىلگەن دۆلەت بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئىقتىسادىي سىستېما جەھەتتە بىر يېپىق دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تۈرلىرى دائىملىق تۈر بىلەن كاپىتال تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. دائىملىق تۈرلەرنى ئەركىن قويۇۋەتكەندە، مەھسۇلاتلارنى ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ تولۇق بولىدۇ. كاپىتال تۈرلىرىنى ئەركىن قويۇۋەتكەندە، كاپىتالنىڭ كىرىشى ۋە چىقىشى ئەركىن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ چەت ئەللەرگە مەبلەغ سېلىشى، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىشى، ۋە سالغان مەبلەغدىن پايدا كۆرۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى كاپىتال تۈرلىرىنى باشتىن-ئاخىر ھەقىقىي تۈردە ئەركىن قويۇۋېتىپ باقمىدى. دائىملىق تۈرلەرنى ئېچىۋېتىشىمۇ يېتەرلىك بولمىدى.

جۇڭگو 2001-يىلىلا «دۇنيا سودا تەشكىلاتى» (World Trade Organization, WTO) غا ئەزا بولۇپ كىرگەن. ھازىر ئۇنىڭغا 15 يىل بولدى. ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا قىلغان ۋەدىلىرىگە ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەل قىلمىدى. مەسىلەن، ئاپتوموبىل بېجىنى ئەسلىدىكى 250 پىرسەنتتىن 50 پىرسەنتكە چۈشۈرىدىغان بولغان. ئادەتتىكى بۇيۇملارنىڭ بېجىنىمۇ ئەسلىدىكى يۇقىرى قىممەتتىن 15 پىرسەنتتىن تۆۋەن بىر قىممەتكە چۈشۈرمەكچى بولغان. ئەمما ئۇ ۋەدىلىرىنىڭ ھېچ قايسىسىنى تېخىچە ئورۇنلىمىدى. مەن بۇنداق ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا پەرەز قىلغان ئىدىم. مەسىلەن، مەن بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن كۆپلىگەن جايلارغا بېرىپ دەرس سۆزلىگەندە، مۇنداق بىر غەلىتە ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويغان: جۇڭگو ھۆكۈمىتى WTO گە كىرىشتىن بۇرۇن 13000 پارچە WTO غا ئائىت ھۆججەتلەرنى تەييارلاپ ئېلان قىلدى. WTO غا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن بولسا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىمزا قويغان WTO نىڭ رەسمىي ھۆججىتىدىن بىرەر نۇسخىسىنىمۇ ئوچۇق تارقاتمىدى. خەلقلەرنىڭ WTO نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشىغا ھېچ قانداق ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمىدى. جۇڭگو WTO غا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، «جۇڭگو تاشقى سودا ئۇنىۋېرسىتېتى» WTO ھەققىدە بىر ھۆججەت تەييارلىغان ئىدى. ئەمما جۇڭگو تاشقى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارلىرى «بۇ ھۆججەت تولۇق ئەمەسكەن، ئىچىدە كۆپلىگەن خاتالىقلار بار ئىكەن، ئۇنى رەسمىي ھۆججەت سۈپىتىدە ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن» دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ، ئۇ ھۆججەتنى تارقاتقىلى قويمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو قانۇن نەشرىياتى ئاشۇنداق ھۆججەتتىن بىر پارچىنى تەييارلىدى. ئەمما دائىرىلەر ئۇنىمۇ «بولمايدىكەن»، دەپ، ئىشلەتكىلى قويمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئاشۇ ھۆججەتتىن 3 ئوخشىمىغان نۇسخا تەييارلانغان بولسىمۇ، دائىرىلەر ئۇلارنىڭ بىرەرسىنىمۇ تارقىتىشقا يول قويمىدى.

ئەنە شۇنداق بولغاچقا، مەن جۇڭگودا دەرس سۆزلەپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا، «جۇڭگودا WTO نىڭ قائىدىلىرىنى چۈشىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانى 100 كىشىگىمۇ بارمايدۇ»، دېگەن ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. مەيلى جۇڭگونىڭ ئۆلكە مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بولسۇن، ياكى مەركەزدىكى رەھبەرلەر بولسۇن، WTO نىڭ قائىدىلىرىنى تولۇق چۈشىنىدىغان ئەمەلداردىن 10 كىشىنى تاپقىلى بولمايدۇ. تاكى بۈگۈنگە قەدەر بىرەر ئادەم مېنىڭ يۇقىرىقىدەك ھۆكۈمۈمنى ئىنكار قىلىدىغان پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. ھازىرقى ئەمەلىيەت دەل ئەنە شۇنداق. مەن بۇ ساھەدە ئىشلىگىلى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى. جۇڭگودا WTO نىڭ قائىدىلىرىنى تولۇق چۈشىنىدىغان ئادەمدىن بىرەرسىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. ئۇنى زىيالىي ۋە مۇتەخەسسىسلەرمۇ تولۇق چۈشەنمەيدۇ. يۇقىرىدا دېگىنىمدەك، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىچىدىنمۇ WTO نىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىنى بىلىدىغان كىشىدىن 10 ئادەمنى تاپقىلى بولمايدۇ. مانا بۇ پۈتۈنلەي ئۆز-ئۆزىنى ئالداش بولىدۇ.

WTO نىڭ رولى ئانچە ياخشى بولمىدى. ئۇ قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەرگە ئۇلارنى WTO دىن قوغلاندى قىلىشتەك بىرەر چارە قوللىنالمىدى. مۇشۇنداق مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئىنگلىزچە «Trans Pacific Partnership, TPP» دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى سودا تەشكىلاتى قۇرۇلدى. جۇڭگونىڭ قىلىقلىرىدەك ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ تەشكىلات تەلەپلەرنى WTO نىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى قىلدى. ئۇنىڭغا جۇڭگوغا ئوخشاش ئەللەرنىڭ كىرەلمەسلىكى ئۈچۈن، مەخسۇس بىر قىسىم قىيىن ئۆلچەملەرنى تۇرغۇزدى. مەسىلەن، TPP نىڭ قائىدىلىرى ئەقلىي مۈلۈكلەرنى قوغداش، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى قوغداش، مۇھىتنى ئاسراش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قاتارلىق بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەقلىي مۈلۈك ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق بىر قىسىم تەلەپلەرنى ئورۇنلىيالمايدۇ، ياكى ئورۇنلاشنىمۇ خالىمايدۇ.

ئىلاۋە: بۇ تەشكىلاتنىڭ 12 ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى تىنچ ئوكياننىڭ قىرغاقلىرىغا جايلاشقان. ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى كېلىشىمگە 2016-يىلى 4-فېۋرالدا ئىمزا قويغان. ئۇنىڭ ھازىرقى ئەزالىرى تۆۋەندىكى 12 دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئاۋسترالىيە
بىرۇنېي
كانادا
چىلى
مالايسىيا
مېكسىكا
يېڭى زېلاندىيە
پېرۇ
سىنگاپور
ئامېرىكا
ۋىيېتنام
ياپونىيە (ئىلاۋە تۈگىدى)

جۇڭگو بىر جەھەتتىن خەلقئارا تەشكىلاتلارغا كىرىپ، «مەسئۇلىيەتچان ئەللەر» (responsible stakeholders) نىڭ قاتارىدا دۇنيادىكى تەسىرى بار، چوڭ ئىشلارغا قارار بېرەلەيدىغان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولماقچى بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەسلىدىكى تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىشنى خالىمايدۇ.

ئۆتكەندە پرېزىدېنت ئوباما جۇڭگوغا بارغاندا، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم زىياپەت ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ ئۆز سۆزىدە جۇڭگو تارىخىنى كۆپلەپ سۆزلىدى. ئەمەلىيەتتە شى جىنپىڭ جۇڭگو تارىخىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇڭگو تارىخى ئۈستىدە سۆزلەشكە سالاھىيىتى ئانچە توشۇپ كېتەلمەيتتى. ئوباما جۇڭگو تارىخىنى بىلمەيتتى. شۇنداق بولۇپ تۇرۇقلۇق بۇ ئىككى كىشىنىڭ سۆھبەت نۇقتىسى جۇڭگو تارىخى بولدى، ھەمدە شى جىنپىڭ ئوباماغا «قەدىمكى جۇڭگو بىر ئىنتايىن كۈچلۈك دۆلەت ئىدى، خەن-تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە دۇنيانىڭ قائىدىلىرىنى جۇڭگو بەلگىلەپ بېرەتتى، ھازىر جۇڭگو قەد كۆتۈرۈپ، يەنە بىر يېڭى دەۋر يېتىپ كەلدى، دۇنيانىڭ قائىدىلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا ئۆزى يالغۇز چىقارماي، بۇ ئىشنى ئامېرىكا-جۇڭگو تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بۇ ئىشتا ئىككى دۆلەتنىڭ سۆزلەش ھوقۇقى ئوخشاش بولۇشى كېرەك»، دېگەندەك مەنىلەردىكى گەپلەرنى قىلدى.

يېقىندا خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىلىشىدىمۇ شى جىنپىڭنىڭ «دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ بېرىش» دېگەندەك سۆزلىرى گېزىتلەرگە ناھايىتى چوڭ قىلىپ بېسىلدى. بۇ سۆزدىن ئۇنىڭ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئىقتىسادىي ساھەدىكى بىر ناھايىتى يۇقىرى نوپۇزلۇق ئۇستاز ھېسابلاۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنىڭ ئىلىم ئەھلى ئەمەس. 17-قۇرۇلتايدا ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇرغان ھۆججەتكە ئۆزىنى «ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى» دەپ يازدۇرغان. 18-قۇرۇلتايدا بولسا بۇرۇنقى قىلىقىغا سەل ئوڭايسىزلىنىپ، ئۆزىنى «قانۇنشۇناسلىق دوكتورى» دەپ تونۇشتۇردى. دوكتورلۇق ئۇنۋانى دېگەن مەركەزنىڭ ھۆججەتلىرىدە خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. شى جىنپىڭنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشتىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىر موماي بولۇپ، مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنىڭ ئىسمى ليۇ مېيشۈن (刘美珣, liú měi xún). ئۇنىڭ كەسپى ماركسىزم-لېنىنىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق. شى جىنپىڭ شۇ موماينىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا، ئەگەر ئۇ ئۆزىنى «ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى» دەۋالسا، ئۇنى بىر ئاز مەجبۇرى ھالدا قوبۇل قىلىشقىمۇ بولاتتى. ئەمما، ليۇ مېيشۈن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەمەس، بەلكى ئىنسانشۇناسلىق (人文学) ئىنستىتۇتى ئىچىدىكى بىر ئىقتىسادشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىمى. ئۇ تەتقىقات ئورنى مەكتەپنىڭ 1-دەرىجىلىك تەتقىقات ئورنىمۇ ئەمەس، بىر قوشۇمچە تەتقىقات ئورنىغا تەۋە. شۇڭلاشقا شى جىنپىڭ ئۇ يەردە ئىقتىسادشۇناسلىقنى ئاساس قىلىپ ئوقۇغان ياكى تەتقىق قىلغان ئەمەس. بەلكى، ئۇ ئوقۇغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىدە جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە باشقا ساھەلەرمۇ بار. ئۇنىڭ ئاشۇنداق بىر ئورۇندا ئالغان ئۇنۋانى ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىنىڭ ئۇنۋانى بولالمايدۇ. ئىنسانشۇناسلىق ساھەسىدىكى قانۇنشۇناسلىققا بىر ئاز يېقىنراق كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆزى ئوقۇغان كەسىپنى ئاشۇنداق ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى ئۇنى كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالدۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، شى جىنپىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە بېرىپ زىيارەتتە بولغاندا، داۋاملىق تۈردە شۇ دۆلەتكە تەۋە داڭلىق كىتابلار ۋە ئادەملەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ گەپلىرى ئۇنىڭ ئاشۇنداق كىتابلارنى ئوقۇپ باققانلىقىنى، ۋە ئۇ كىتابلارنىڭ شى جىنپىڭغا بىر ئاز تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئازراقمۇ نامايان قىلىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا بىز ھازىر يەكۈنلەپ چىققان ھۆكۈم شۇكى، ئۇ پەقەت پو ئېتىپلا يۈرۈۋاتىدۇ. ئۇ ھەممە يەردە ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىدىن خۇدۈكلىنىپ، ئۆزىنى بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك تۆۋەن ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانسېرى، ئۇ ئۆزىنى شۇنچە ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشىدۇ. ئۆزى قانچىلىك بىلىمسىز بولغانسېرى، ئۆزىنى شۇنچىلىك بىلىملىك قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. بۇ خۇددى بۇرۇن مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان كىشىلەر مەيدە يانچۇقىغا 4 تال قەلەم سېلىۋالغانغا ئوخشاش بىر ئىش.

5-سوئال: شى جىنپىڭدا ھازىر بىر «جۇڭگو غايىسى» بار. بەزى داڭلىق زاتلار ھازىر شى جىنپىڭ جۇڭگونى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، ئۇنى تەدرىجىي ھالدا دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىقىرىپ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەنچىسى سىزنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىڭىز بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. قارىغاندا ترامپ بۇ خىل ئەھۋالنى، ھەمدە ئوبامانىڭ جۇڭگو سىياسىتىدىكى بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەرنى مەلۇم دەرىجىدە تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ئۇ جۇڭگوغا قارىتا بىر خىل قاتتىق سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان چارىلەر «كىشىلىك ھوقۇق» دېگەندەك نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. يەنى، ئۇنىڭ قارىشىچە جۇڭگو ئۈچۈن «كىشىلىك ھوقۇق» دېگەندەك نەرسىلەر ئۈنۈم بەرمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ئىقتىسادىي ساھەدە جۇڭگو ماللىرىدىن 45 پىرسەنت باج ئېلىش دېگەندەك سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى دەۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچىرىدە، ئەگەر ترامپ جۇڭگودىن ئالىدىغان باجنى 45 پىرسەنت قىلىدىكەن، جۇڭگونىڭ GDP سى ھازىرقىدىن 5 پىرسەنتتەك تۆۋەنلەيدىكەن. سىز 45 پىرسەنت باج ئېلىش چارىسىدە مەسىلە بار، دېدىڭىز. ھازىر جۇڭگو ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى تۇتۇۋاتقان يولىدىن ئازراق قايتىدىغاندەك قىلمايدۇ. ئەگەر ئەھۋال ھازىرقىدەك بولۇپ تۇرۇۋەرسە، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ناچارلىشىپ، ترامپ دېگىنىنى قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ترامپ شۇنداق قىلسا، سىزچە جۇڭگو ئىقتىسادىدا زور چېكىنىش يۈز بېرەمدۇ؟

جاۋاب: مېنىڭچە كىشىلەر ترامپنى بۇرۇن تۆۋەن چاغلاپ قويدى. ئۇنى سىياسەتكە ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، دەپ ئويلىدى. ھازىرچە ئېنىق بولمىغان ئىش ترامپ بۇرۇنقى پرېزىدېنتلارغا ئوخشاش پەقەت ئېغىزىدا بىر قىسىم گەپلەرنى قىلىپ قويۇپلا بولدى قىلامدۇ، ياكى جۇڭگونى ئىقتىسادىي جەھەتتە قاتتىق جازالامدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. ترامپنىڭ نەزىرىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت قارىشى قاتارلىق سىياسىي مەسىلىلەرگە ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىپ تۇتۇش قىلغاندا، ئۇنىڭ ئانچە ئۈنۈمى بولمايدۇ. ترامپنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا جۇڭگونىڭ تۈزۈمى بىر خىل دىكتاتورىلىق تۈزۈمى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو ھاكىمىيىتى بىر خىل قارا جەمئىيەتكە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ قىممەت قارىشىدا بىرەر ئۆلچەمنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈردى. شۇڭا ترامپنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن قاتتىق پوزىتسىيە ۋە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغىنى ئېنىق.

ئەمما ھازىر ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ئىقتىسادتا ئارقىغا چېكىنىپ، ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى. ترامپ ئالدى بىلەن ئاشۇ جايلارنى ئوڭلاپ، نورماللاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت تاشلىۋەتكەن، كىشىلەر ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئاشۇ جايلارنى قايتىدىن جانلاندۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆينىڭ ئىچىدىكى ئىشلارنى ياخشىلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن سىزنىڭ كۈچىڭىز بار بولىدۇ. ئاندىن سىز گەپنى چوڭ-چوڭ قىلالايسىز. ترامپنىڭ دېگەن مۇنداق بىر گېپى بار: بەزى ئىشلارنى باشقىلارغا ئالدىن دېمەي، كىشىلەر سىز ئۇ ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇققىنى ياخشى، بەزى ئىشلارنى ۋاقتىنچە مەخپىي تۇتقان ياخشى. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ئانچە دىققەت قىلمىدى. ئەگەر سىز ئىقتىساد ۋە سودىغا ئوخشاش نازۇك ئىشلاردا ئۆز پىلانلىرىڭىزنى ئالدىن ئاشكارىلاپ قويىدىكەنسىز، سىز ئىش باشلاپ بولغۇچە باشقىلار سىزگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ چارىلىرىنى تېپىپ بولىدۇ. شۇڭا سىز پىلانىڭىزنى ئاشكارىلىماي، تەييارلىقىڭىزنى پۇختا قىلىپ، قارشى تەرەپكە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغىنىڭىز، تۇيۇقسىز زەربە بەرگىنىڭىز ياخشى. ترامپ ھەربىي جەھەتتىمۇ ئەنە شۇنداق بىر يولنى تۇتۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا ھەربىي ساھەدىكى بەزى قاتتىق مەيدانلىق كىشىلەرنى تاللىدى. ئامېرىكا بۇرۇنقى 65 يىلنىڭ مابەينىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا بىرەر كەسپىي ھەربىي قومانداننى قويۇپ باققان ئەمەس. ئۇ خىزمەتنى ئىزچىل تۈردە ھەربىي زىيالىيلار ئىشلەپ كەلگەن. بۇ قېتىم ترامپ ئۇ ئورۇنغا بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلىي ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، 4 يۇلتۇزلۇق كەسپىي ھەربىي گېنېرالنى تاللىدى. دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسىگىمۇ 4 يۇلتۇزلۇق ھەربىي گېنېرالنى تاللىدى. ئۇ تاللىغان كىشىلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمى بۇرۇن دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ باققان، ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ۋەزىپە ئۆتەپ باققان. قىسقىسى، ئۇ مەيدانى قاتتىق، ھەربىي ساھەدە ئىشلەپ باققان كىشىلەرنى ئەتراپىغا توپلىدى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىدا مەلۇم مەقسەتلەر بار. ترامپ ھازىر تاقابىل تۇرمىسا بولمايدىغان دۆلەتلەردىن رۇسىيە، جۇڭگو، شىمالىي كورېيەلەر، ھەمدە ئىسلام دۆلىتى قاتارلىقلار بار. ترامپ ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئېلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. ئەمما ئۇلار بىلەن قانداق ئېلىشىدىغانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىدى. بۇ بىر ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بارىدىغان ئىش.

ترامپ ھازىر ھەربىي خىراجەتنى كېمەيتىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۇنى ئۆستۈرمەكچى، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئىتتىپاقداش ئەللەر بىلەن قايتىدىن كېلىشىپ، ئۇلارنىمۇ بۇرۇنقىدىن كۆپرەك ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا قىستىماقچى بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق قىلغاندا ئۇ بىر قىسىم خىراجەتلەرنى تېجەپ قىلىپ، ئۇلارنى باشقا ئىستراتېگىيىلىك ساھەلەرگە ئىشلىتەلەيدۇ. ئىسلام دۆلىتىدىن باشقا ئىستراتېگىيىلىك چوڭ دۆلەتلەرگە تاقابىل تۇرالايدۇ. ئىسلام دۆلىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئۇنچىۋالا كۆپ پۇل كەتمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ھازىر باشقا ئىستراتېگىيىلىك مەقسەتلەر ئۈچۈن پۇل توپلىشىدا كۆزدە تۇتۇۋاتقان ئىش رۇسىيە بىلەن جۇڭگوغا، بولۇپمۇ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى كۈچلۈكرەك بولۇپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا كېتىدىغان كۈچ سەرپىياتىمۇ يۇقىرىراق بولىدۇ.

ئاڭلىشىمچە ترامپ مېنىڭ دوستۇم بەي فاڭرۇي (白邦瑞, Michael Pillsbury) نى ئۆزىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ تاللاپتۇ [3]. بەي فاڭرۇي كاتو ۋە رىگان دەۋرلىرىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جۇڭگو مەسىلىسىدە ناھايىتى ياخشى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بەرگەن. ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئۈمىد قىلغىنى جۇڭگو كۈچىيىپ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر كۈچ بولۇش. شۇڭا ئۇ چاغدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگوغا بىر قىسىم ئىلغار ھەربىي قورال-ياراغلارنى سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان. مۇشۇنداق ئىشلاردا بەي فاڭرۇي ناھايىتى زور رول ئوينىغان. بەي فاڭرۇينىڭ ھازىرمۇ جۇڭگو ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار. يالغۇز جۇڭگو رەھبەرلىرى ئىچىدىكى ياۋاش گۇرۇھ بىلەنلا ئەمەس، بەلكى قاتتىق مەيدانلىق گۇرۇھ بىلەنمۇ يېقىن مۇناسىۋىتى بار. ئۇنىڭ ئانچە نامى چىقمىغان ھەربىي گېنېراللار بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك. مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئايرىم پاراڭلىشىپ باققان. ئۆتكەندە تېد كرۇز (Ted Cruz) ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىنى تالىشىۋاتقان مەزگىلدە بەي فاڭرۇينى ئۆزىنىڭ 20 نەپەر مەسلىھەتچىسىنىڭ بىرى قىلىپ تاللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇ چاغدا بەي فاڭرۇي ماڭا «ئەگەر تېد كرۇز پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىپ قالسا، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىرىگە ئېھتىياجى بار. شۇ چاغدا سەنمۇ ياردەم قىلارسەن»، دېگەن ئىدى. ھازىرقىدەك ئەھۋالدا، جۇڭگو مەسىلىسى ئۈستىدىكى مۇزاكىرىلەر چوقۇم ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. شۇ چاغدا بەي فاڭرۇينىڭ «100 يىللىق مارافون» (The hundred-year marathon: Chinese secret strategy to replace America as the global superpower) دېگەن كىتابى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ ئۆز كىتابىدا «سۈنزى ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» ۋە «36 خىل ئىستراتېگىيە» قاتارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ قەدىمىي كىتابلىرىدىن كۆپ پايدىلانغان بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ سۆز-ئىبارىلىرىنىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىشلەتكەن. ئۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ لوگىكىلىق ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ تەپەككۇر شەكلىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆز كىتابىدا ئاشۇنداق بىلىملەر ئاساسىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ساھەدىكى پىلانلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئۇ يېقىندا جۇڭگوغا يەنە بېرىپ، جۇڭگونىڭ ھەربىي ۋە دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. مېنىڭچە ئۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىزمەتلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپلەپ قىلىپ، ئامېرىكا ئۈچۈن پايدىلىق ئۇچۇر توپلاپ بېرىدۇ.

6-سوئال: ترامپ جۇڭگو ھەققىدىكى ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ قالسا، ئۇ جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مەسىلەن، ئۇ دەپ يۈرۈۋاتقان چېگرا بېجى قاتارلىق جازالاش تەدبىرلىرى ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىسبىتى بىر مىنۇس سانغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ھازىرغىچە جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جۇڭگو ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ قالالىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. شۇڭلاشقا ترامپ قوللانماقچى بولغان سىياسەتلەر جۇڭگو ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن، ترامپ ئامېرىكىنىڭ سىرتتىكى كارخانىلىرىنى دۆلەت ئىچىگە قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلسا كۆپلىگەن ئامېرىكا شىركەتلىرى جۇڭگودىن ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چەت ئەل كاپىتالى جۇڭگودىن سىرتقا ئېقىشقا باشلايدۇ. بۇمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىغا چوڭ تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. سىز بۇ مەسىلىلەرگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: سىز يۇقىرىدا بەزىلەرنىڭ مۇنداق دەپ قارايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتىڭىز: ئەگەر ترامپ جۇڭگوغا قاراتقان چېگرا بېجىنى 45 پىرسەنت قىلىدىغان بولسا، جۇڭگو GDP سىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى ھازىرقى 7 پىرسەنتتىن 2 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالىدۇ. مەن بۇنداق كۆز-قاراشقا قوشۇلمايمەن. چۈنكى، مېنىڭ قارىشىمچە پەقەت تاشقى سودىدىن ئىبارەت بىرلا ئىش GDP غا ئۇنچىۋالا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. جۇڭگونىڭ سىرتقا قاراتقان ئىقتىسادىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ھەقىقەتەنمۇ چەت ئەللەر ئۈچۈن ھەر خىل بۇيۇملارنى ياساپ بېرىش. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ بازارلىرى ئامېرىكىدىن باشقا يەنە ياۋروپا، ياپونىيە، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق كۆپلىگەن ئەللەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن جۇڭگونىڭ GDP سىنىڭ 2 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن، ئەمما 5 پىرسەنت تۆۋەنلەيدۇ، دېيىش، مېنىڭچە سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چېگرا بېجىنى 45 پىرسەنتكە ئۆستۈرۈش ئىشىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنچە ئاسان تەستىقلىمايدۇ. ھازىر بۇ ئىشقا يالغۇز ئامېرىكىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرىلا ئەمەس، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ ئادەملىرىمۇ قارشى چىقىۋاتقاندەك قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئىشنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەستىقلاشتىن بۇرۇن بىر قىسىم تەڭشەشلەرنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ترامپ دەسلىپىدە كىرىم بېجىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھازىر ئۇ گەپلىرىنى ئازراقتىن ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. ئۇ سايلام ۋاقتىدىكى بىر قىسىم شوئارلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىيەت جەريانىدا چوقۇم بىر ئاز ئۆزگەرتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن 45 پىرسەنت چېگرا بېجى سىياسىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئانچە ئىشەنمەيمەن. ئەمما، ئەگەر ئۇ باجنى 40 پىرسەنت ياكى 35 پىرسەنتتەك بىر سەۋىيىگە ئۆستۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەنمۇ زور بولىدۇ. جۇڭگونىڭ خىزمەت تېپىش ۋە كارخانا قۇرۇش پۇرسەتلىرىنى زور دەرىجىدە كېمەيتىۋېتىدۇ.

ئالدىنقى 20 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھەر بىر پىرسەنت ئۆسۈشى 3 مىليون كىشىلىك يېڭى خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. ئىقتىساد 3 پىرسەنت ئۆسكەندە 9 مىليون ئادەمگە يېڭى خىزمەت چىقتى. شۇڭلاشقا ئەگەر ئىقتىساد 3 پىرسەنت چۈشۈپ كېتىدىكەن، كەم دېگەندە 9 مىليون ئادەم ئىشتىن بوشايدۇ. بۇ بىر ناھايىتى كونسېرۋاتىپ سان بولۇپ، بۇ ئىشنىڭ ئەمەلىي تەسىرى تېخىمۇ چوڭراق بولۇشى مۇمكىن. كەم دېگەندە 10 – 20 مىليون ئادەمنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگودا كەڭ-كۆلەملىك ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، ھەممىمىزنىڭ بىلگىنىدەك، جۇڭگودا ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرى ئىنتايىن ناچار. بۇ جەھەتتىكى ئىشلار ھېچ قانداق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. جۇڭگونىڭ بەزى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى «يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ سالامەتلىك سۇغۇرتىسىغا ئىگە بولۇش نىسبىتى 99 پىرسەنتكە يەتتى»، دەپ پو ئېتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەڭ دەسلەپتە يېزىلاردىكى خەلقلەردىن سالامەتلىك سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ئېيىغا 10 سومدىن پۇل چىقىرىش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ ئېيىغا 10 سوم پۇل چىقىرىش، ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتمۇ ئېيىغا 10 سومدىن پۇل چىقىرىش تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئەمما بۇنچىلىك پۇل بىلەن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ. ھۆكۈمەت بۇ ئىشتا ھېسابنى خاتا ئىشلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ كەلدى. كېسەل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ كەلدى. ئەسلىدە ھەر 10 مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئاران بىر قانچە كىشىلا كېسەل بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ سان ئۇ مۆلچەردىن ناھايىتى كۆپ ھەسسە ئېشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى سۇغۇرتا تۈزۈمى ئەمەلىي ئېھتىياجنى زادىلا قاندۇرالماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقتى.

شۇڭلاشقا ئەگەر جۇڭگو جەمئىيىتىدە بىر چوڭ داۋالغۇش يۈز بېرىدىكەن، ئۇنى نورماللاشتۇرۇش ئىنتايىن قىيىنغا توختايدۇ. مەسىلەن، پايچەك بازىرىدا بىر قېتىم چوڭ چۈشۈش يۈز بەرگەن ئىدى، ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتى ھازىرمۇ توختىماي داۋاملىشىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ پايچەك بازىرىدا ناھايىتى كۆپ قارا قوللار بار. بازارنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان ئىنتايىن قەبىھ ئىچكى كۈچلەر بار. شۇڭلاشقا ئەڭ ئاخىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ساقچى ئەۋەتىپ، پايچەك بازىرىدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغان بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتۇشقا مەجبۇرى بولدى. بۇ خىل ئەھۋاللار بازار ئىقتىسادى قائىدىلىرىگە پۈتۈنلەي خىلاپ كېلىدۇ.

پايچەك بازىرىدىن باشقا، ھازىر پۇقرالارنىڭ پۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۆي بازىرىغا مەبلەغ قىلىپ سېلىندى. ئۆي بازىرىنىڭ ماغزاپلىشىش ئەھۋالى ھازىر كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۆي بازىرى ئۆزىنى ساقلاپ قالالمايدىكەن، پۇقرالارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىقتىسادىي كاپالىتىمۇ يوق بولىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر كۆپلىگەن جۇڭگولۇقلار پۇللىرىنى دوللارغا تېگىشىۋېلىش ياكى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ياكى بولمىسا پۇللىرىنى چەت ئەلدىكى مۈلۈككە ئايلاندۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بولسا ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئاشۇنداق قىلىشىنى توسۇۋاتىدۇ. دېمەك، ھازىر جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كاپالەتلىك مەسىلىسى بىر ئىنتايىن گەۋدىلىك مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر كۆپ سانلىق جۇڭگولۇقلار بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يوقاتتى. كۆپلىگەن كارخانىچىلار، بولۇپمۇ چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىگىلىرى ياكى پۇللىرىنى ماددىي بايلىقلارغا ئايلاندۇرۇۋاتىدۇ، ياكى بولمىسا چەت ئەللەرگە يۆتكەۋاتىدۇ. ئىمكانىيىتى بارلىرى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە بالىلىرىنى چەت ئەلگە كۆچمەن قىلىپ، ئۇلارغا چەت ئەلدە ئۆي-مۈلۈك ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئەڭ يۇقىرىسىدا مەركەزدىكى رەھبەرلەردىن تارتىپ ئەڭ تۆۋىنىدە ئادەتتىكى پۇقرالارغىچە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقانلىقىنى، ھازىرقى ھاكىمىيەتكە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

يېقىنقى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولساق، ھازىر جۇڭگودا مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكىدەك بىر قىسىم ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ ئۆز ھوشىنى يوقاتقانلىقىنى بايقايمىز. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى ئەمەس. كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچى يوق. پۇقرالارنىڭمۇ ئىشەنچسىز. چەت ئەلدىن جۇڭگوغا مەبلەغ سالىدىغانلارنىڭمۇ ئىشەنچى يوق. بەزى چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىگىلىرى ھازىر جۇڭگودىكى كاپىتالىنى سىرتقا يۆتكەپ كېتىۋاتىدۇ. مېنىڭچە بۇ خىل ئەھۋال كېيىنكى بىر مەزگىل ئىچىدە ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا توختاۋسىز يامان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

7-سوئال: ھازىر كۆپلىگەن كىشىلەر پۇللىرىنى دوللارغا تېگىشىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. دوللارنىڭ باھاسىمۇ توختىماي ئۆرلەۋاتىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ مۆلچىرىدە، ترامپنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىقتىسادىي سىياسىتى جۇڭگو پۇلىغا بولغان بېسىمنىمۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ھازىر جۇڭگودىكى كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار يىغقان پۇللىرىنى خەجلەپ، بالىلىرىنى ئامېرىكىدا ئوقۇتۇش يولىنى تۇتۇۋاتىدۇ. جۇڭگولۇق پۇقرالارنىڭ ئىچىدە بىر دوللارنىڭ باھاسى ھازىرقى 6.7 – 6.8 سومدىن 8 سومغا ئۆسىدۇ، دەپ قارايدىغانلارمۇ كۆپ. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ئىقتىسادىي بازارنى ئەركىن قويۇۋەتكەن ئەللەرنىڭ پۇلىنىڭ باھاسىدا ئادەتتە چوڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئۆزگىرىش ئىشلىرى يۈز بەرمەيدۇ. كىشىلەرنىڭ كۆڭلىمۇ دەككە-دۈككىگە پېتىپ قالمايدۇ. ئەمما پۇل باھاسىنى سۈنئىي ھالدا كونترول قىلىپ كەلگەن ئەللەر ئاشۇنداق كونتروللۇقنى توختىدىكەن، پۇل باھاسى شىددەتلىك ھالدا ئۆزگىرىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان باشقا بىر قىسىم رىپابلىكلارنىڭ ھەممىسىدە بۇرۇن ئاشۇنداق بىر جەريان يۈز بېرىپ باققان. جۇڭگو بۇرۇن پۇل باھاسىنى ناھايىتى قاتتىق كونترول قىلىپ كەلگەن. ئۇ 1994-يىلىدىن باشلاپ بۇ ساھەدە بىر قىسىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. ھەمدە 10 يىلدەك ۋاقىتتىن كېيىن پۇل باھاسىنى ئەركىن قويۇۋېتىشنى پىلانلىدى. پۇل باھاسىنى ئازراق-ئازراقتىن ئۆزگەرتىپ تۇردى. جۇڭگو «خەلقئارا پۇل سىستېمىسى» (International Monetary System, IMS) گە ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن، ئەسلىدە پۇل باھاسىنى ئەركىن قويۇۋېتىشى كېرەك ئىدى. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ بىر قىسىم مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار ئىدى. بۇرۇنقىدەك پۇل باھاسىنى ئۆزى خالىغانچە بېكىتىۋالسا بولمايتتى. ئەمما ئۇ جەھەتلەردە جۇڭگو نورمال ئىش كۆرمىدى. بەزىدە خەلقئارالىق بازارلاردا ناھايىتى زور مىقداردا ئۆز پۇلىنى سېتىۋېلىپ، خەلقئارالىق بازارلارنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە ئارىلىشىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ ئۆز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلىپ مېڭىش ئىمكانىيىتى ۋە ئىقتىدارى يوق. بۇرۇن جۇڭگو ئەمەلدارلىرى «جۇڭگو پۇلى قىممىتىنىڭ زور دەرىجىدە داۋالغۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت ئەمەس»، دەپ يۈردى. ئەمما ئۇ گەپلەر ئاتقان پو بولۇپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن «جۇڭگو پۇلىنىڭ قىممىتى داۋاملىق ھالدا ئۆزگىرىپ ماڭمايدۇ»، دېيىشكە باشلىدى. بۇ خىلدىكى گەپلىرىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىپ بولدى. ھازىر جۇڭگو پۇلى قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئەمەلدارلىرى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ پۇللىرىنى چەت ئەل پۇلىغا ئايلاندۇرۇشىغا ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشقا باشلىدى. ئاڭلىشىمچە ھازىر جۇڭگودىكى بەزى ئۆلكىلەر ئالدىن كېلىشىپ قويمىغان كىشىلەرگە پۇل ئالماشتۇرۇپ بەرمەيدىكەن. بۇرۇن كېلىشىپ قويغان تەقدىردىمۇ، پەقەت ئىنتايىن ئاز مىقداردا پۇل ئالماشتۇرۇپ بېرىدىكەن. بۇرۇن «ھەر يىلى 50 مىڭ دوللار تېگىشىپ بېرىلىدۇ»، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ھازىر ھەر خىل توسۇقلارنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا تېگىشىپ بېرىدىكەن. جۇڭگو ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى، ئەگەر پۇقرالار پۇللىرىنى كۆپلەپ دوللارغا ئايلاندۇرۇپ، چەت ئەللەرگە يۆتكەپ كېتىدىكەن، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىمۇ تەۋرەشكە باشلايدىغانلىقىدۇر. جۇڭگو يېڭى تېخنولوگىيىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان دۆلەت ئەمەس. تېخنولوگىيىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان دۆلەتمۇ ئەمەس. پەقەت ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان چوڭ دۆلەت. ئۇ كۆپلىگەن ساھەلەردە چەت ئەل بازىرىغا تايانمىسا بولمايدۇ. چەت ئەل تېخنولوگىيىلىرىگە تايانمىسا بولمايدۇ. گەرچە ئۇ ئۆزىنى «ئىككىنچى ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەت» دەپ ئاتىۋالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر ئىنتايىن ئاجىز دۆلەت. ئەگەر بىرەر چوڭ ئىقتىسادىي داۋالغۇش يۈز بېرىدىكەن، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ.

شۇڭلاشقا بەزى كىشىلەر «ئەگەر جۇڭگو ئىقتىسادى يىقىلىپ چۈشىدىكەن، جۇڭگو ھاكىمىيىتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يىقىلىپ چۈشىدۇ»، دەۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈم ئۇ دەرىجىدە ئۈمىدۋار ئەمەس. يەنى مەن ئىقتىسادنىڭ يىقىلىپ چۈشىشى جۇڭگو ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ ئويلىمايمەن. ئەگەر ئەسلەپ باقىدىغان بولساق، جۇڭگو ھاكىمىيىتى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلى ۋە 3 يىللىق «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» مەزگىللىرىدىكىدەك ناچار ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ئاشۇنداق ناچار ئىقتىسادىي ئەھۋاللار ئاستىدىمۇ يىقىلىپ چۈشمىگەن. ھازىر جۇڭگو ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە پۇقرالارنى باستۇرۇش قابىلىيىتى بۇرۇنقىدىن كۆپ كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ يەنە دۆلەت بايلىقىنى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشنىمۇ بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئاسانلىقچە ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ.

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

[1] 直播:川普對中國經濟殺傷力有多大?(《明鏡編輯部》第33期)
https://www.youtube.com/watch?v=22UJAI6YyWI

[2] 夏业良
https://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%A4…B8%9A%E8%89%AF

[3] 白邦瑞, Michael Pillsbury
https://www.amazon.com/Michael-Pills…4604039&sr=8-1

Share
997 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.