logo

trugen jacn

تايلاند مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

4c080386-0fc2-46a7-a47e-a007429ef156

پىدائىي

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرنېت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاندىكى مۇسۇلمانلار توپلىمىنىڭ ئەڭ نوپوزلۇق ئورگىنى بولغان «تايلاند مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى» چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 52 نەپەر ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ، ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 15 – ئېيۇل چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر بايانات تايلاند مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىۋەر ئۆلىماسى ۋە تايلاند مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئەزىز پىتامكومپۇن ئۇستازنىڭ ئىمزاسى بىلەن ئېلان قىلىنغان.

باياناتتا، تايلاندتا پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېچقانداق دەلىلسىز ھالدا تېررورلۇق جېنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى ئىنسانيىلىققا توغرا كەلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە «خىتايلار بۇ بىچارە مۇسۇلمانلارنى چەكتىن ئاشقان جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى» دېيىلگەن.

بۇ مەسىلە بىلەن ئالاقىدار يەنە بىر خەۋەردە، تايلاند مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شەيخۇلئىسلام ئەزىز پىتامكومپۇننىڭ «تايلاند دائىرىلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە پاناھلانغان 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇسۇلماننى خىتاي ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى، خەلقئارا ساھەلەرنىڭ رەددىيىسىگە سەۋەب بولدى. تايلاند خەلقئارالىق نىزامنامىلەرگە تايىنىپ تۇرۇپ، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى تەرەپسىز بىر شەكىلدە تەكشۈرۈپ، ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشىغا چارە قىلىشىى لازىم» دېگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر ئۇيغۇرنېت تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تايلاند مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئەزالىرى ئۆلۈمالار مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىپ، نۆۋەتتە، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 52 مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئالاقىدار قارار چىقىرىشتا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت قىلىش، ئىنسانىي ئەخلاققا رېئايە قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش سەۋەبلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تايلاند ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەزىز پىتامكومپىن تايلاندتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئەڭ نوپۇزلۇق ئۆلىماسىدۇر. تايلاند مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى 9 – ئىيۇل تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئالاھىدە نامايىش قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن ئۆزۈر تىلىگەن ئىدى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ھۈسەييىن تەجەللىي تايلاند مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلىرى ھەققىدىكى ئىنكاسىنىڭ مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىدىن بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتايلارنىڭ مونوپوللۇقى سەۋەبلىك تەشۋىقات ساھەسىدىكى ئاجىزلىقىدىن، خەلقئارا ساھەلەرنىڭ يىتەرلىك ياردەملىرىگە، قوللىشىغا ئېرىشەلمەيۋاتماقتا ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/tayland-musulmanlar-jemiyiti-07192015233312.html

Share
2903 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.