logo

trugen jacn

تايلاند قالغان 52 ئۇيغۇرنى ئۆزلىرى خالىغان دۆلەتكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

image

تۈركىيە تېلىۋىزىيىسى قانال 5 نىڭ 21 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تايلاند قالغان 52 ئۇيغۇرنى ئۆزلىرى خالىغان دۆلەتكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر تايلاند دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشىغا، تايلاندنىڭ 10 – ئىيۇل 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، تايلاند ھۆكۈمەت باياناتچىسى سانسېرن كائېۋكامنېرد مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تايلاندتا قالغان 60 قا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆزلىرى خالىغان دۆلەتكە ئەۋەتىمىز دېگەن.

ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تايلاند ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا. بولۇپمۇ تۈركىيىنىڭ 81 شەھىرىدە تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىلىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. نامايىش مەزگىلىدە تايلاند تۈركىيىدىكى ئەلچىخانىسىنى مەجبۇرىي تاقىغان، تۈركىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بولسا تۈركىيىدە تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرى ۋە ساياھەتچىلىرىگە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆزلىرىنى خىتاي پۇقراسى دېمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tayland-uyghur-07212015194856.html

Share
1093 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.