logo

trugen jacn

تايلاند تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 10 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تايلاند قانۇن ئورگانلىرىدىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەرباب تايلاند باڭكوك نوڭكھاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئون نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قويۇپ بېرىلىپ، باڭكوك مۇساپىرلار ئىدارىسىگە تاپشۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىزگە ئۇچۇر بېرىپ، بىزنى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 10 نەپەر ئۇيغۇرغا دائىر بەزى بىر يازما ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن باڭكوك مۇساپىرلار ئىدارىسىدىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، بۇ 10 نەپەر ئۇيغۇرغا مەسئۇل خادىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەسئۇل خادىم، بۇ 10 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى شۇنداقلا تۈرمە ئىدارىسىدىن بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار مۇساپىرلار ئىدارىسىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىش توغرىسىدا تايلاند ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قارار بېرىدىغانلىقىنى ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭ تەغدىرىنىڭ قانداق بولۇشى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ ئېنىق بىرنېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا ئۇ سۆزىدە، 10 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەغدىرىنى تايلاند بىخەتەرلىك ئىدارىسى دائىرىلىرىنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى بۇنىڭغا تايلاند مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ ئارلىشالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

10 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈرمىنىڭ شارائىتى توغرىسىدا توختالغان مەسئۇل خادىم: «تۈرمە، بۇ مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگىرىدىن پەرقلىق بولغان جاي. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەردە ھالال يېمەكلىكلەر بار» دېدى.

بىز قانۇن ئورگانلىرىدىكى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر ئەرباب تەمىنلىگەن، 10 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسىملىكى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا ئۇ: «تىزىملىكتىكى ئەڭ ئاخىرقى كىشىنىڭ ئىسمى ئەخمەت تۇراق بولىدىغۇ دەيمەن، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى تۇتۇپ بولالمىدىم.سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى بىلەن خىتاي تىلىدا يېزىلغان نام-شەرىپى تولىمۇ پەرقلىق ئىكەن» دېدى.

باڭكوكتىكى مەلۇم بىر ئەرباب تەمىنلىگەن، ئون نەپەر ئۇيغۇرغا دائىر تايلاند تىلىدا يېزىلغان يازما ماتېرىيالدا ئون نەپەر ئۇيغۇرنىڭ نام-شەرىپى، يېشى ۋە سۈرىتى بار بولۇپ، ئۇلار 24 ياشلىق مەھمۇد يەھيا، 32 ياشلىق يۈسۈپ ئېلى، 38 ياشلىق خېلىل مەھەم، 36 ياشلىق مۇھەممەت يۈسۈپ، 28 ياشلىق مۇستافا، 25 ياشلىق راشىد ھاشىم، 30 ياشلىق يارمۇھەممەت مۇھىتدىن، 40 ياشلىق سېيىت بايۋارىس، 20 ياشلىق ئابدۇل مەھمۇد، 28 ياشلىق ئەخمەت تۇراقلاردىن ئىبارەت ئىدى.

تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چالىدا خانىم تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن باڭكوكتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا مەن باشلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنى قوللىغۇچى كىشىلەر كۆپ قېتىم قانۇن ئورگانلىرىغا تەكلىپ سۇنۇپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، بىراق تا ھازىرغىچە بىزگە ئىجازەت بېرىلمىدى. سەۋەبى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشىمىزنى ئىزچىل چەكلەپ كەلدى. بىراق، باڭكوكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى دائىم تۈرمىلەرگە بېرىپ ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلەپ ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدۇ» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى چالىدا خانىم تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدانى توغرىسىدا توختىلىپ: «تايلاند بۇ مەسىلىسىدە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بېسىمىدىن ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خەلقئارا جەمئىيەتتىن قورقۇپ ئىككى ئارىلىقتا قالدى. بۇ مەسىلىگە بولغان مەيدانى ئېنىق ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئىلگىرى تايلاند ھۆكۈمىتى يۈزدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. شۇڭا بۇ مەسىلىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ناھايىتى جىددىي ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىش خەۋپىگە قارشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، تىزدىن بۇلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش كېرەك» دېدى.

باڭكوكتىكى مەلۇم شىركەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇل بېكىر تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئىگىلىشىمىزچە، تايلاند باڭكوك نوڭكھاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 10 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قويۇپ بېرىلىپ مۇساپىرلار ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بەزى بىر ئۇچۇرلار تارقالغان بولسىمۇ، بىراق تايلاندتىكى باشقا تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان 50 دىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ھېچقانداق بىر مەلۇمات بولمىغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tayland-turmisidiki-uyghurlar-07282017190426.html

Share
1475 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.