logo

trugen jacn

تايلاند بومبا ۋەقەسىدىكى ئۇيغۇر گۇماندارلار ئىنسانىي مۇئامىلە تەلەپ قىلدى

timthumb

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشىچە، تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن بۇلتۇر 17-ئاۋغۇست يۈز بەرگەن ئېرىۋان ئىبادەتخانىسىدىكى بومبا پارتلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى دەپ قولغا ئېلىنغان ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىن، 15-ماي سەيشەنبە كۈنى تايلاند ھەربىي سوتىدا يەنە بىر نۆۋەتلىك سوت ئېچىلغان.

سوتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار ئۆزلىرىگە ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

گۇماندارلاردىن ئادام قاراداغ سوت مەيدانىدىن پۇتلىرىغا كىشەن سېلىنغان ھالەتتە ساقچىلار تەرىپىدىن يالاپ چىقىلىۋاتقاندا كەيپىياتى ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا، سوت مەيدانى سىرتىدا ساقلاپ تۇرغان مۇخبىرلارغا «مەن ھايۋان ئەمەس! مەن ئادەم، مەن ئادەم!» دەپ ۋارقىرىغان. يەنە بىر گۇماندار مىرئەلى يۈسۈپ، ساقچى ئاپتوموبىلىغا يالاپ چىقىلىۋاتقاندا «بىز گۇناھسىز، بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، كىشىلىك ھوقۇق نەگە كەتتى؟» دەپ ۋارقىرىغان.

بۇلتۇر 17-ئاۋغۇست باڭكوك شەھىرىدىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسى ئالدىدا يۈز بەرگەن بومبا ۋەقەسىدە 20 ئادەم ئۆلۈپ، 125 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. كېيىن تايلاند ساقچى تەرەپ مەزكۇر ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە جىنايىتىنى بوينىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما بۇ ئۇيغۇرلار ئۇلار ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا ئەسلىدىكى ئىقرارىدىن يېنىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ يىل 2-ئايدا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادام قاراداغنىڭ ئادۋوكاتى سكوچارت كانپاي، ئادام قاراداغنىڭ ساقچىلارنىڭ قىيناپ سوراق قىلىشى نەتىجىسىدە ئەينى چاغدا ئىقرار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن سوتتا ئۆز ئىقرارىدىن يېنىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى گۇماندار ئۈستىدىن ھازىرغىچە بىرقانچە قېتىملىق سوت ئېچىلغان. نۆۋەتتە 250 تىن ئارتۇق كىشى سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرىلغىنى ئۈچۈن سوت بۇ يىل ئاخىرىغىچە داۋاملىشىشى ياكى يەنە بىر يىل سوزۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

Share
2138 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.