logo

trugen jacn

تايلاندنىڭ خاتياي تۈرمىسىدە 140 نەپەر مۇساپىر ئاچلىق ئېلان قىلغان

uygur-multeci

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، تايلاندنىڭ خاتياي شەھىرىدىكى بىر تۈرمىگە قامالغان 140 نەپەر مۇساپىرنىڭ ئىككى كۈندىن بۇيان ئاچلىق ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم.

بۇ ئۇچۇرلارنى مەزكۇر تۈرمىدە ئاچلىق ئېلان قىلىشقا قاتناشقان، ئەمما ئىسىم-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر مۇساپىر رادىئومىز زىيارىتى داۋامىدا ئاشكارا قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خاتياي شەھىرىگە جايلاشقان بۇ تۈرمىنىڭ شارائىتى پەۋقۇلئاددە ناچارلىشىپ كەتكەن. بۇ يەرگە قامالغان 140 نەپەر مۇساپىر بىر يىلغا يېقىن داق سېمونت ئۈستىدە يېتىش، ناچار تاماق ۋە ساپ ھاۋانىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن چىدىغۇسىز ئەھۋالدا قالغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، تايلاندتىكى بىرقانچە تۈرمە ۋە تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىغا قامالغان 400 گە يېقىن مۇساپىرلار ئاز كەم بىر يىلغا يېقىن تۇتقۇنلۇق ھاياتىدا سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاساسەن ئۈزۈلگەن. ئەر بىلەن خوتۇن، ئاتا-ئانا بىلەن بالا چاقىلار بىر-بىرى بىلەن ئايرىلىپ قامىلىش جەريانىدا ئېغىر روھىي زەربىگە ئۇچرىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ تايلاندقا بېرىشى، ئاندىن تايلاند باش مىنىستىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن، تايلاند تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مۇساپىرلارغا بولغان مۇئامىلىدە بىراقلا ئۆزگىرىش بولغان. تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى مۇساپىرلارنى خارلىشى، يانلىرىدىكى پۇللىرىنى ئاختۇرۇپ ئېلىۋېلىشى ھەتتا ئۇلارنى دۇمبالىشى كۆپەيگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەلۇم مۇساپىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خاتياي تۈرمىسىدىكى 140 نەپەر مۇساپىر تۈنۈگۈن، يەنى تايلاند ۋاقتى بويىچە چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ كوللېكتىپ ئاچلىق ئېلان قىلغان. ئۇلار تاماق تاشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇ ۋە باشقا ئىچىملىك ئىچىشنىمۇ رەت قىلغان.

تۈرمە دائىرىلىرى ئۇلارغا «ئەگەردە سىلەر ھەقىقەتەن تۈركىيە پۇقراسى بولىدىغان بولساڭلار، تۈركىيە تەرەپ سىلەرنىڭ ئۆز پۇقراسى ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان خەت چىقىرىپ بەرسىلا بىز سىلەرنى قويۇپ بېرىمىز»  دېگەن.

مەلۇمكى، خاتياي تۈرمىسىگە قامالغان مۇساپىرلاردىن 3 ياشلىق ئابدۇللا بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن تۈرمىدە يۇقتۇرۇۋالغان تۇبېركۇليوز كېسەللىكى بىلەن قازا قىلغان ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تۈرمىدىكى مۇساپىرلار يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئابدۇللانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنمۇ بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدا ھېچقانداق ياخشىلىنىش بولمىدى، بەلكى ئەھۋالىمىز كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ ئايلارچە يېتىپ كەتكەن بىمارلار تېخىچە داۋالىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ. ئېغىر كېسەللىك ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلى ئالدىنقى كۈنى ھوشىدىن كەتكەن بىر چوڭ ياشلىق ئايال تېخىچە ھوشىغا كەلمىدى. بۇ يەردىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئىنسان چىدىمايدۇ.»

ئۇلار يەنە زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىزمۇ ئىنسان، بىزنىڭمۇ نورمال ئادەملەردەك ياشاش ۋە ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايمىز. بىز يۇرتىمىزدا ھېچ بىر جىنايەت سادىر قىلغان ئىنسانلار ئەمەسمىز، پەقەتلا دىنىي ۋە مىللىي زۇلۇمغا چىدىماي يۇرتىمىزنى تاشلاپ ئەركىنلىك ئىزدەپ چىققانمىز. بۇ يەردىن قاچان قۇتۇلۇشىمىزنى، كەلگۈسى تەقدىرىمىزنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلمەيمىز. چەتئەللەردىكى قېرىنداشلاردىن ۋە تايلاندتىكى مۇسۇلمانلاردىن كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئىنسانىي ياردەملەر ئاز بولسىمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن قولىمىزغا تەگدى. بىز بىزگە ياردەم قولىنى سۇنغان شۇنداقلا بىزنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tayland-musapir-01212015163532.html

Share
1700 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.