logo

trugen jacn

تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى كۈچلۈك خەلقئارا نارازىلىق قوزغىدى

image

ئەركىن

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى 2 ئايروپىلانغا قاچىلاپ، مەجبۇرىي خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كۈچلۈك خەلقئارا نارازىلىق قوزغىدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۇنىڭ خەلقئارادا رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربىي پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قوپال مۇئامىلە ۋە قانۇنىي رەسمىيەتسىز بىر تەرەپ قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ، «بۇ ھەرىكەت تايلاندنىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتى شۇنداقلا ئۇنىڭ مۇساپىرلارنى بىخەتەر ماكان بىلەن تەمىنلەشتەك ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىيىتىگە مۇخالىپ» دەپ كۆرسىەتتى. جون كىربي يەنە، تايلاندتىكى مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەرنىڭ قوغدىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز تايلاند ھۆكۈمىتىگە ۋە باشقا ئۇيغۇرلار مۇساپىر بولۇپ تۇرىۋاتقان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرماسلىقنى چاقىرىق قىلىمىز» دېدى.

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ «جانسۈيى» ناملىق تۈرك خەير ساخاۋەت جەمئىيىتىنىڭ تايلاندتىكى بىر خادىمى بايقىغان. ئۇ تۈرك ئاخباراتىغا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ قولىغا كويزا سېلىنىپ، 3 ساقچى ئاپتوموبىلىدا بانكوكتىكى ھەربىي ئايرودرومغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئارقىدىنلا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا مۇخالىپ ھالدا 3 – دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى 3 – دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، 1951 – يىلى ئىمزالانغان مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى، 1984 – يىلى ئىمزالانغان تەن جازاسى، زالىمانە، غەيرىي ئىنسانى، كەمسىتىش خاراكتىرلىك مۇئامىلە ۋە جازاغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى بولسا تايلاندنىڭ ھەرىكىتىدىن قاتتىق چۆچىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇنغا پەرۋاسىزلارچە خىلاپلىق قىلىش، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ قوغداش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مەن تايلاند دائىرىلىرىنى بۇ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا كۈچلۈك چاقىرىق قىلىمەن ۋە تايلاندنىڭ ئاساسىي خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا سەمىمىي بولۇشىنى تەلەپ قىلىمەن» دېگەن.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر تايلاندنىڭ ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانپەرۋەرلىك، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، ئەقەللىي ئادەمگەرچىلىككە خىلاپلىق قىلىپ، خىتاي بىلەن سودىلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدىنىپ قالدۇق. چۈنكى، چوڭ دۆلەتلەر بىز ياردەم قىلدۇق، بىز سۆزلەشتۇق، قەتئىي قايتۇرمايدۇ، ئىشىنىڭلار، دېسە، بىز شۇنىڭغا ئاساسەن ب د ت نىڭ، ئامېرىكىنىڭ ھەممىسىنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپ )قاپتۇق(. تايلاند ھۆكۈمىتىمۇ ئامېرىكىغا قەتئىي قايتۇرمايمىز، دەپ ۋەدە بەردى. ئۆزلىرىمىزنىڭ ئادەملىرىمىزمۇ شۇ گەپنى قىلدى. شۇڭا، 172 ئادەمنى تۈركىيەگە يۆتكەپ بولغاندىن كېيىن، 90 نەچچە ئادەمنى يۆتكەشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ تىزىمىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، مۇشۇ نامايىشنىڭ ئالدىدا – كەينىدە يۆتكەيدىغان بولۇپ تۇراتتى. تۇيۇقسىزلا خىتاي ھۆكۈمىتى 109 ئادەم – 89 ئەر، 20 ئايالنى ئېلىپ كەتتى، ھەممىسى قىران ياشلار. قېرى ئاياللار، ئۇششاق بالىلارنى تۈركىيەگە بېرىشكە ماقۇل، دەپ بۇ گۇيلار، ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى. ئەمدى ھازىر بىزنىڭ قورقۇۋاتقان، ئەنسىرەۋاتقان يېرىمىز، ئاشۇلارنى قايتۇرۇپ ئاپىرىپ قاتتىق قىيناپ ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، دېگەن ئەندىشىدە بولۇۋاتىمىز.»

ھازىر، تايلاند سولاقخانىسىدا يەنە 67 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر قالغان. رابىيە قادىر خانىم، ئۇلارنىڭ خەۋپلىك ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھازىرقى مۇھىم مەسىلە ئۇلارنىڭ قانداق قۇتقۇزۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمدى ھازىر 67 ئادىمىمىز قالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن ئاۋۇ تەرەپتىن تايلاند ھۆكۈمىتىگە ئاغزىدىن – بۇرنىدىن ئىقتىساد تىقىپ، پۇل خەجلەۋاتىدۇ. ماۋۇ تەرەپتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن بىز ئېلىپ كېتەيلى، دەپ تەكلىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن باشقا دۆلەتلەر بۇلارغا ئۇنداق قىلماڭلار، قايتۇرماڭلار، دەپ تەكلىپ بېرىۋاتىدۇ. ب د ت مۇ قايتۇرماڭلار، دەپ تەكلىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇ 67 ئادەم ئۈچۈن مەن ۋە د ئۇ ق دىكى سەپداشلىرىمىز بۇ 67 ئۇيغۇر ۋە بۇنىڭدىن كېيىن قېچىپ چىقىدىغان ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە ھەرىكەت قوزغاش پىلانىمىز بار.»

بىز تايلاندنىڭ ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، 109 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش مەسىلىسىنى سورىدۇق. ئەلچىخانىنىڭ ئايال ئاخبارات ئەمەلدارى سۇشادا، سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ، سوئالىمىزغا تېز جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز سوئاللىرىمىزنى ئەۋەتكەن بولساقمۇ، بىراق ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.

تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاقلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بەردى، دېگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرىگە ئالاقىدار ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، «جۇڭگونىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغان گۇمانلىق كىشىلەرنى قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. جىنايەت سادىر قىلمىغان گۇماندارلارنى ۋە ياكى يېنىك جىنايەت سادىر قىلغانلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىدۇ» دېگەن.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ 109 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى جىددىي خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا، يارۋروپا ئىتتىپاقى، ب د ت ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن تايلاند ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مىنىستىرلىقى مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ دۇنياغا، بۇ بىزنىڭ ئىشىمىز ئەمەس. ئۇلار جۇڭگو پۇقراسىكەن، بىز ئۇلارنى جۇڭگوغا قايتۇرۈپ بېرىمىز، دەپ. بۇ خاتا. بۇ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ. چۈنكى، خەلقىمىز ئاشۇ يەردىكى بېسىم، ئاشۇ يەردىكى قورقۇنچ، ئاشۇ يەردىكى زوراۋانلىق، ئاشۇ يەردىكى ئۆلۈمدىن قېچىپ، دۇنيادىن پاناھلىق سوراپ قېچىپ چىقتى.

2 يىلدىن بېرى تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى جىنايەتچى قاتارىدا ئازاپ ئوقۇبەتكە سېلىپ تۈرمىگە تاشلىدى. ئۇيغۇرلار ۋە مۇخبىرلار ئۇلارنى يوقلىدى. دۇنيا ئۇلارنى تەلەپ قىلسا بەرمىدى. مەن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بەرمەيمەن، دەپ ئامېرىكىنى ئالدىدى، تۈركىيەنىمۇ ئالدىدى، ياپونىيەنىمۇ ئالدىدى، مالايشىيا ۋە ئىسلام دىنى تەشكىلاتلىرىنىمۇ ئالدىدى. تايلاند ھۆكۈمىتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئالدىدا نومۇسسىز ئىش قىلدى. مېنىڭ كارىم يوق دېگەن قانداق گەپ! بۇ دۇنياغا دۇنيانىڭ ھەممىسىنىڭ كارى بار. ئۇنىڭ كارىم يوق دېگىنى ئۇنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى.»

تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ قالغان ئۇيغۇرلارنى قەتئىي قايتۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى نېكولاس بېكۇلىن مۇنداق دەيدۇ، «ئۇيغۇرلار 1980 – يىللارىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سېستىمىلىق ۋە ئۈزلۈكسىز كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ كەلدى. تايلاند 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى. بۇ ئۇلارنى ئېغىر جازاغا مەھكۇم قىلىش بىلەن باراۋەر. بىز خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قاراڭغۇ زىندانلاردا يوقاپ كەتكەنلىكىنى، بەزىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بەزى ئەھۋاللاردا ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇپ، ئىجرا قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tayland-uyghur-xelqara-07092015215619.html

Share
1421 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.