logo

trugen jacn

تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 8 ئۇيغۇر قېچىپ كەتكەن

tayland-musapir-uyghur

ئىرادە

تايلاندنىڭ خاسود ناملىق ئىنگلىزچە خەۋەرلەر تورى تايلاندقا قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 8 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە،تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇر سەيشەنبە كۈنى كېچىدە سولاقخانىنىڭ توروسىنى تېشىپ قېچىپ كەتكەن. ساقچىلار ئۇلارنىڭ 9 نەپىرىنى سەھەر سائەت 4 ئەتراپلىرىدا تۇتۇۋالغان. قالغان 8 نەپىرى تېخىچە قېچىپ يۈرمەكتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار يەكشەنبە كۈنى تايلاند-كامبودژا چېگراسىدىكى ساكائېئو ئۆلكىسى ئارقىلىق تايلاندقا كىرگەندە قولغا ئېلىنغان ئىكەن. ئۇلار پايتەخت باڭكوك شەھىرىدىكى كۆچمەنلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل ساقچى باشقارمىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئۈچۈن سولاپ قويۇلغان مەزگىلدە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قېچىپ كەتكەن. خەۋەردە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقى بايان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا چاقىردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە تايلاند دائىرىلىرىنى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ مۇساپىرلار قانۇنىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ھەل قىلىشقا چاقىردى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/musapir-uyghur-04302015165301.html

Share
1541 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.