logo

trugen jacn

تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن 2 نەپىرىنىڭ ئاۋات ناھىيىسىدە سوتلانغانلىقى مەلۇم بولدى

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تايلاند ھۆكۈمىتى 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئارىدىن تۆت ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىيلەننىڭ يۇرتى ئاۋات ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىنىپ سوتلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى كېچىدە 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىر خىتاي ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن باڭكوكتىن بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىنگەن. ئۇلار بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن، تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

ئاۋات ناھىيەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر مۇقىملىق كادىرىنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى تايلاندتىن قايتۇرۇلغان ھەر بىر ئۇيغۇر ھەققىدە دېلو تۇرغۇزغان. ھەر بىر تۇتقۇننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن ئەسلىدىكى يۇرت تەۋەلىكىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 2 نەپىرى يۇرتى ئاۋات ناھىيەسىگە ئېلىپ كېلىنىپ بىر ئاينىڭ ئالدىدا سوتلانغان. ناھىيەلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بۇ ئىككىيلەن ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ، يېزا-كەنتلەردە ئاممىغا كۆرسەتكەن.

يېڭىئېرىق يېزىسىغا مۇقىملىق خىزمىتى ئۈچۈن چۈشكەن مەزكۇر كادىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق يېزىسىدىن ئىكەن. ئۇلار ئاۋات ناھىيەسىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن ناھىيەلىك سوتتا سوتلانغان. ھالبۇكى، ئۇ مەزكۇر سوتنىڭ جەريانى ۋە ئاخىرقى ھۆكۈم ھەققىدە ئېنىق خەۋىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ناھىيەلىك سىياسىي-قانۇن كومىتېتى بۇ ئىككىيلەننىڭ قانداق قىلىپ تايلاندقا بارغانلىقىنى، ئۇ يەردە قانداق جاپا-مۇشەققەتلەرنى چەككەنلىكى ۋە ئۆز قىلمىشىغا قاتتىق توۋا قىلغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ، يېزا-كەنتلەردە دېھقانلارغا كۆرسەتكەن.

بىز بۇ ھەقتە يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان يېزىلىق ساقچىخانىسى بىلەن تامتوغراق يېزىلىق ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇلار تايلاندتىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ ئاۋات ناھىيىسىدە سوتلانغان ئىككىيلەن ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىمنىڭ يېزا-كەنتلەردە قويۇلۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/tayland-musapir-10212015143920.html

Share
1291 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.