logo

trugen jacn

تايلاندتىكى بومبىلىق ھۇجۇمغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ سوتى باشلاندى

 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى باڭكوكتىكى سېرىن ئىبادەتخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشقا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان مىرئەلى يۈسۈپ ۋە بىلال مۇھەممەد ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنىڭ دەۋاسى سەيشەنبە كۈنى باڭكوكتىكى ھەربىي سوتتا باشلاندى. ئۇلارنىڭ سوتى ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلى سۆزلەيدىغان تەرجىمان يوق بولۇش سەۋەبىدىن ئۈچ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق سوتتىكى تەرجىماننى خىتاي ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن بولۇپ، مىرئەلى ۋە بىلاللار سوتتا يەنە تەرجىمانغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسى تەمىنلىگەن تەرجىماننى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق سوتچىلار بۇ ئىككى نەپەر تەرجىماننىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنى لايىق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ سوتنى داۋام قىلغان.

بىلال مۇھەممەدنىڭ ئادۋوكاتى چۇچارت كانپاينىڭ رويتېرس مۇخبىرىغا ئېيتىشىچە، بۇ تەرجىمانلار ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ۋە ئۇيغۇرچىسى راۋان ئىكەن. شۇڭا سوت داۋام قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما خەۋەرلەردە بۇ تەرجىمانلارنىڭ مىللىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، سوتقا كۆزەتكۈچى بولۇپ قاتناشقان «خەلقئارا قانۇنشۇناسلار كومىتېتى» ئاسىيا دىرېكتورى سام زارىفى تەرجىمانلارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تەمىنلىنىشىنىڭ ھەربىي سوتنىڭ ئادىل قارار چىقىرىشىغا قارىتا جىددىي ئەندىشە قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ داۋاسىغا ھەربىي سوتتا ئەمەس، مەمۇرىي سوتتا قاراپ چىقىشقا چاقىرغان.

يۇقىرىدىكى بۇ ئىككى ئۇيغۇر ياش 2015-يىلى 17-ئاۋغۇست كۈنى تايلاندتىكى داڭلىق سېرىن ئىبادەتخانىسىغا يۈز بەرگەن بومبىلىق ھۇجۇمدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئانالىزچىلار بۇ ۋەقەنى 2015-يىلى 7-ئايدا تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىر مەسىلىسىگە باغلاپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر تېررورچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ داۋاسى 2018-يىلىغىچە داۋام قىلىشى مۇمكىن ئىكەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tayland-uyghur-11152016161321.html

Share
1146 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.