logo

trugen jacn

تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بەلگىلىنىدىغان سوت-تايلاند ئۈچۈن بىر ئىمتىھان

891522de-c060-4e89-a7c9-7ab3e53e9bfe

ئىرادە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن، تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتىكى جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا بىر يىلدىن بېرى تۈركىيەگە كېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ئائىلە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى. سوت دائىرىلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيەگە كېتىشىگە يول قويۇش ياكى خىتايغا قايتۇرۇش ھەققىدىكى ئاخىرقى قارارىنى 27-مارت كۈنى ئېلان قىلىدۇ. مەزكۇر سوتقا تۈركىيەنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئەلچىسى قاتنىشىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ سوتقا ئادەم ئەۋەتكەن. بىز ھازىر تايلاندتا تەرجىمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئابدۇقادىر ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ، سوتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق. ئۇ سۆزىدە، تايلاند ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئالدىدا ئۆزىنىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر چوڭ ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا دېدى.

24-مارت سەيشەنبە كۈنى، ئەتىگەن سائەت 9 دا، جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا ھەسەن تەكلىماكان ۋە ئۇنىڭ ئايالى رۇقىيە تەكلىماكان ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى. ھەسەن ۋە رۇقىيە تەكلىماكان ئەر-ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 كىشى ئۆتكەن يىلى تايلاند چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، بىر يىلدىن ئوشۇق ۋاقىتتىن بېرى ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىشىلەر سولاقتا ۋاقتىدا تۈركىيەنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بۇ ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە پاسپورتى بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىكەن. بۇ قېتىملىق سوتتا تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىۋاتقان ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى بۈگۈن بىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سوتنىڭ جەريانلىرىنى بىزگە سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەر-ئايال ئىككىسى سوتتا ئۆزلىرىنىڭ تايلاندقا كېلىش سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.

ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككىيلەننىڭ ئائىلە ئادۋوكاتى بولغان ۋوراسىت پىرىياۋىبون سوتتا سۆزىدە، تايلاند قانۇنلىرىغا ئاساسەن كۆچمەنلەرنى ئەسلىدە 48 سائەتلا تۇتۇپ تۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى، ئۇزارتىپ تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنىڭمۇ 7 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، باڭكوك دائىرىلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرىدىغانغا ھېچقانداق قانۇنى ئاساسىي يوقلۇقىنى ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا تايلاندتا بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قولغا چۈشكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن بۇيان بۇ كىشىلەرنى خىتايغا قايتۇرۇپ ئەكېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. بۈگۈنمۇ تايلاندتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى سوتقا بىر قانچە ئادىمىنى ئەۋەتكەن. ئابدۇقادىر ئەپەندى بىزگە قىلغان سۆزىدە، سوتقا خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئادەم كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى بۇ داۋاغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ تۇتقۇنلارنىڭ قولىدا قانۇنلۇق تۈرك پاسپورتى بولغان ۋە تۈركىيە پۇقراسى، دەپ قوبۇل قىلىنغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۈگۈن سوتقا چىققان ھەسەن ۋە رۇقىيە تەكلىماكان ئائىلىسىنىڭ ئىككى پەرزەنتى بار بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ بىرى تۈرمىدە تۇغۇلغان. رۇقىيە تەكلىماكان بۈگۈن سوتتا قىلغان سۆزىدە، تۈرمىدە تۇغۇلغان بالىسىنىڭ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ياشاش، ئوقۇش ۋە ئۆز دۆلىتىدە چوڭ بولۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ، تايلاند سوتىدىن ئۆزلىرىنى ئەركىنلىككە چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، تايلاندتىكى بىر يەرلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان ئەركىنلىك ئۇيۇشمىسىنىڭ خادىمى دانتوڭ بىرىن سوتتا سۆز قىلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ تايلاند قول قويغان ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىقىنى كۆرسىتىپ، ھېچبىر كىشى ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنماسلىقى كېرەك، دېگەن. سوتتا ئادۋوكاتلار سوتچىلارغا بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنلۇق تۈرك پاسپورتىغا ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق سوت ھەرقايسى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىملىق سوتنىڭ تايلاند ئۈچۈن بىر ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخبىر خىتاي باياناتچىدىن تايلاندتىكى سوتتا 17 ئۇيغۇرنىڭ داۋاسىغا قاراپ چىقىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ تايلاندتىن ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقىنى سورىغان. خىتاي باياناتچى خۇا چۈنيىڭ بۇ سوئالغا « قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئالاقىدار دۆلەتلەر ئۈچۈن ئورتاق بىر مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. بۇ، ھەممە دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىي تەرتىپىگە زىيان سالماقتا، شۇڭا خىتاي بۇنداق مەسىلىلەردە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار» دېگەندەك يۇمىلاق جاۋاب بېرىپ ئاياغلاشتۇرغان.

تۈركىيەنىڭ تايلاندتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەخمەت ئىدەم ئاكاي ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، خۇددى سوتتا تەكىتلىگىنىگە ئوخشاش، بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭمۇ ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىراق ھازىر ھەممە ئىش تايلاند دائىرىلىرىگە باغلىق بولۇپ قالدى، دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/tayland-sot-03242015140328.html

Share
1507 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.