logo

trugen jacn

تايلاندتىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ سوتى تەرجىمان يوقلۇقى سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلدى

 

سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا تاراتقۇلاردا، ئۆتكەن يىلى 17-ئاۋغۇست باڭكوكتا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ھۇجۇمىغا چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغان بىلال مۇھەممەد يەنى ئادەم قاراداغ ۋە مىرئەلى يۈسۈپ قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر ئۈستىدىن ئېچىلىۋاتقان سوتنىڭ تەرجىمان يوقلۇقى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، تايلاند ھەربىي سوتى تەرىپىدىن داۋاملىشىۋاتقان سوت 23-ئاۋغۇست سەيشەنبە ئەسلى قەرەلىدە باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقلىغۇچى تەرەپ ئۇيغۇرچە بىلىدىغان تەرجىمان تەمىنلەپ بېرەلمىگەچكە كېچىكتۈرۈلگەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، سوت دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ يېقىنلىشىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىككىيلەننى ئاپتوموبىل بىلەن ئۇدۇل سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ كىرگەنلىكى تىلغا ئېلىندى.

ئۆتكەن يىلى 17-ئاۋغۇست تايلاند پايتەختى باڭكوكتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 20 ئادەم ئۆلۈپ، 120 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. تايلاند دائىرىلىرى يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ئىككى گۇماندارنى قولغا ئالغان ھەم ئۇلارنىڭ خىتايدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما بۇلار ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ قېتىمقى پارتلاش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىلگىرى تايلاند تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋەرلىرىدە، بۇ ۋەقە تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ چېگراسىدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىگە قارىتا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن دېگەن قاراشلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tayland-ikki-uyghur-08232016142527.html

Share
1326 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.