ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
تايلاندتا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلاردىن 17 كىشىنىڭ دېلوسى 27 – فېۋرال كۈنى ئادۋوكاتلار تەرىپىدىن سوتقا سۇنۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئېلىشىچە، ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن مۇساپىرلاردىن 17 كىشىنىڭ دېلوسى بۈگۈن سوتنىڭ قاراپ چىقىرىشىغا سۇنۇلغان.
بۇ ھەقتە جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە شىكايەتنامە سۇنغان تايلاندلىق بىر ئادۋوكاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېلوسى سوتقا تاپشۇرۇلغان 17 نەپەر مۇساپىر ئىچىدە تۇتقۇندا تۇغۇلغان ئىككى بوۋاقمۇ بار ئىكەن.
ئادۋوكاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ 17 نەپەر مۇساپىرنىڭ دېلوسى ئۈچۈن تاپشۇرۇلغان شىكايەتنامىگە قاراپ چىقىش يىغىنى بۈگۈن باڭكوك ۋاقتى سائەت 9:00 ئېچىلغانلىقى مەلۇم.
تايلاند جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى مەزكۇر تۇتقۇنلارنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ تايلاندنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىغا خىلاپ ياكى خىلاپ ئەمەسلىكىگە قاراپ چىقىشقا قوشۇلغان. سوت مەھكىمىسى يەنە تايلاند كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر دېلو ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشىگە قوشۇلغان.
ئادۋوكاتلارنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق سوتنىڭ ئاخىرقى قارارى 24-مارت كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.