logo

trugen jacn

تايلاندا تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇتقۇزۋېلىندى

 

تايلاندا تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار  قۇتقۇزۋېلىندى

گونگۈر ياۋۇزئاسلان تۈركىيەنىڭ خەلقئارا دېپلوماتىيە ساھەسىدە يەنە بىر چوڭ ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تايلاند تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى قۇتقۇزۋېلىندى، تايلاندىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە كېلىشكە باشلىدى» دېدى.

تايلاندا تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار  قۇتقۇزۋېلىندى
  تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى باشلىقى گۈنگۆر ياۋۇزئاسلان تۈركيەنىڭ خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدە يەنە بىر چوڭ ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، تايلاند تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشكە باشىلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا: «2014 – يىلىدىن بۇيان تايلاند تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى تۈنۈگۈن 30 – ئىيۇن كەچتە تۈركىيەگە كېلىشكە باشلىدى. دەسلەپكى باسقۇچتا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن تەركىپ تاپقان 173 كىشىلىك گۇرۇپپا تۈركىيەگە كەلدى. تۈركىيەنىڭ قانچىلىغان ئايلاردىن بېرى تايلاند دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۇچرىشىشلىرى ۋە زور تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تۈركلىرى ئانا ۋەتەن تۈركىيەگە غولىبىلىك ھالدا ئېلىپ كېلىندى. مەسئۇللار قارشى ئالدى» دېدى
تايلاندا تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار  قۇتقۇزۋېلىندى
تايلاندا تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار  قۇتقۇزۋېلىندى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى
Share
1361 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.