logo

trugen jacn

تايلاند،ماشىيا چىگرىسىدا يەنە 15 نەپەر ئۇيغۇر تۇتۇۋىلىندى

image

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى؛مالاشىيانىڭ “مەترو گىزىتى” دە ئىلان قىلىنىشىچە،23.مارت كۈنى تايلاندتىن مالاشىياغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 15 نەپەر ئۇيغۇر تايلاند چىگرا مۇداپىيە قىىسملىرى تەرىپىدىن تۇتۇۋىلىنغان.بۇ ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى تۈرك،دەپ تۇنۇشتۇرغان بولۇپ،بانكوڭدىكى تۈركىيە بۈيۈك ئەلچىخانىسىدىن مەسئۇل خادىملار بۇ ئۇيغۇرلارنى يوقلاپ بارغان ۋە ئۇلارغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ئىيىتقان

بۇ مۇلتىجى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان خىتاينىڭ تايلاندتىكى باش ئەلچىسى،دەرھال تايلاند ھۈكۈمىتىدىن،خىتاي پۇخراسى بولغان بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان

تايلاند تەرەپ،ھازىر يىغىۋىلىش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان 15 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ يىقىن ئارىدا سوتقا چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

خەۋەرنى تەمىنلىگۈچى؛جەم ئەرسەۋەر-مالاشىيادا تۇرۇشلۇق تۈرك ئىش ئادىمى

Share
2172 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.