logo

trugen jacn

تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى دىققەت قوزغىدى

12f05b21-9ad9-42c2-8051-95af210ac02b

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ب ب س تالىبانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 18-22-ئىيۇل كۈنلىرى خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ، ئافغانىستان ۋەزىيىتى بويىچە مۇھىم سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تالىبانلار ۋەكىلىنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار تارقىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ دىققىتىنى چەككەن ئىدى. ب ب س 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، دەرۋەقە تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ سىياسىي رەھبىرى ئابباس ستاناكزاي باشچىلىقىدىكى بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭدا 5 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تالىبانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ بۇنىڭ راستلىقىنى تەستىقلىغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر تارقاتمىغان.

ب ب س خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، تالىبانلارنىڭ بىر ئەمەلدارى بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى ھەققىدە توختالغاندا «تالىبانلار دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدۇ، خىتاي بولسا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى» دېگەن. بۇ قېتىمقى تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆپ تەرەپلىمە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان. تالىبانلار ۋەكىللىرى «خىتاينىڭ ۋاسىتىچى بولۇپ، تالىبانلارنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا ياردەم قىلىشىنى، تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش ۋە ئافغان خەلقلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىقلارغا خاتىمە بېرىش كۈرىشىگە دۇنيانىڭ يار-يۆلەكتە بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان. ۋەھالەنكى، تالىبانلار بولسا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغان ئىدى.

ئەمما ئافغانىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تالىبان ۋەكىللىرىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغانلىقىدىن نارازى بولغان. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 1-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ئافغانىستان دائىرىلىرى خىتاينى «ئافغانىستان خەلقىنى قىرغىن قىلغان بىر تەشكىلاتقا سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن» لىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان ۋە ئافغانىستان ۋەزىيىتى خىتاي جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان بىر ساھە. خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئىزچىل ئەنسىرەپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى «ئافغانىستاننى بازا قىلغان» دېگەن قارىشىنى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر زىيالىيسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تالىبانلارنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەخپىي قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ھەقتىكى پاكىتلار ئاشكارا بولماي كەلگەن. دولقۇن ئەيسانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قېتىم خىتاينىڭ تالىبانلارنى بېيجىڭغا سۆھبەتكە چاقىرىشى ۋە قوللىشى، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى قۇرۇپ چىققان ۋە ب د ت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھازىرقى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى يوقىتىپ، خىتاينىڭ تەسىرىگە بېقىنىدىغان تالىبانلار ھاكىمىيىتىنى تىكلەشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بىۋاسىتە چېگرىلىنىدىغان ئافغانىستان دۆلىتى ئافغان ھۆكۈمىتى ۋە تالىباندىن ئىبارەت ئىككى كۈچنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا. 2014-يىلى ئافغانىستاندىكى چەتئەل كۈچلىرى چېكىنىشكە باشلىغاندىن كېيىن، تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتى كۈچىيىپ، ئافغانىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى بېسىۋالغان.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئافغانىستان تۇپراقلىرى، بولۇپمۇ تالىبانلار قوشۇنى كونتروللۇقىدىكى رايونلار 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن ئىلگىرى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا پاناھگاھ بولغان. گۇەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى بۇنىڭ مىسالى دېيىش مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، 2015-يىلى ئىيۇلنىڭ بېشىدا، پاكىستاننىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار ۋەكىلىنىڭ 1-قېتىملىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن. 2 تەرەپنىڭ 2-قېتىملىق سۆھبىتى بولسا، خىتاينىڭ ساھىبخانىلىقىدا شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ئۆتكۈزۈلگەن. ئەمما ھەر ئىككى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى بولمىغان. بۇ يىل 18-يانۋار يەنە خىتاي، ئامېرىكا، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىن ئىبارەت 4 دۆلەتنىڭ كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىمۇ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان. سەۋەبى، تالىبانلار 4 تەرەپ سۆھبىتىگە ۋەكىل ئەۋەتىشنى رەت قىلغان. بۇ سۆھبەتلەرنىڭ مەقسىتى بولسا، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان تەرەپنى كېلىشتۈرۈش ئۈچۈن مۇرەسسە قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.

تۈركىيەدىكى ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبانلارنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش ئىشلىرى خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. ئۇلار ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەش ئۈچۈن خىتايدىن ماددىي ۋە سىياسىي ياردەملەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ تالىبانلارنى قوللاشتىكى مەقسىتىنىڭ ئافغانىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئېرىشىش ۋە «شەرقىي تۈركىستانچى كۈچلەر» نىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلەشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 5-ئايدا تالىبانلارنىڭ رەھبىرى مەنسۇر ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ بومباردىمانىدا قازا قىلغاندىن كېيىن، 4 تەرەپ سۆھبىتى توختاپ قالغان. بىراق، مەنسۇرنىڭ ئۆلۈمى تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئەسكەرىي قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ھازىر تالىبانلارنىڭ ئافغانىستاندا ئەمەلىي كونترول قىلىپ تۇرغان تېررىتورىيىسى 2001-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ دائىرىگە يەتكەن. تالىبانلار قوشۇنى، مانا مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە خىتايغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى ۋە تەلەپلىرىنى بىلدۈرگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/taliban-xitay-08012016154702.html

Share
1524 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.