logo

trugen jacn

تاسادىپىيلىقمۇ ياكى پىلانلىغان ئىشمۇ؟

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

مەمەت ئىمىن
ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بولغاندەك، 2019 – يىلى 2 – ئايدا خىتتاي ھۆكۈمىتى ئابدۇرەھىم ھەيىتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئارقىلىق تۈركىيەدە تارقالغان ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى يالغان، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى يالغانچى قىلىپ كۆرسۈتۈشكە ئۇرۇندى. ئۇندىن كىيىن شۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، 7 – ئايدا خىتتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئۆزىنى قوللايدىغان ئايدىنلىق گىزىتىنىڭ مۇخپىرىنى ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ، ئابدۇرەھىم ھەيىت بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزى بىلەن خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە قاراتقان سىياسەتلىرىنى ماختاتقۇزدى. بۇلار تاسادىپىيلىقمۇ ياكى پىلانلىغان ئىشمۇ؟
2019 – يىلى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەت تەشكىلات ئىنسان ھەق ھۆقۇقى كومىتىدىغا ئەزا 22 دۆلەتنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىپلەپ ئىمزالىق خەت يىزىشىغا ئەگىشىپلا، 37 دۆۋلەت خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى قوللاپ ئىمزالىق خەت يازغان بولۇپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇ خەتكە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر 50 كە يەتكەن. بۇ 50 دۆۋلەتلەرنىڭ كۆپۈنچى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامىركىسىدىكى كىچىك دۆۋلەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىز بىلەن دىننى قىرىنداش بولغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى، ئۇزۇندىن بىرى ھەقسىزلىققا ئۇچۇراپ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزلىكسىز ھىسىداشلىقىغا ئىرىشىپ كەلگەن پالەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن قانداشلىق جەھەتتە بىزگە ئەڭ يىقىن بولغان ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ، بۇ خەتكە ئىمزا قويىشى بولسا كىرەك. بۇ بىر تاسادىپىيلىقمۇ ياكى پىلانلىق بولىۋاتقان ئىشمۇ؟ ئۇ دۆلەتلەر خىتتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان ئۇ خەتكە ئىمزا قويۇپ نىمىلەرگە ئىرىشمەكچى؟ ئەگەر ئۇلار ئۇ خەتكە ئىمزا قويمىسا، قانداق بولار؟ ئەلۋەتتە ئۇ 50 دۆلەت مەيلى ئىمزا قويسۇن ياكى قويمىسۇن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئالاھىدە پەرىقلىق بىر ئىش بولىشى ناتايىن.
بۇ ئىمزالىق خەت ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەلقارادىكى چوڭ ئاخبارات ئورۇنلىرى ئۇ توغۇرسىدا كەينى كەينىدىن خەۋەر بىرىشتى ۋە بۇ ھەقتە ئوبزۇرلار ئىلان قىلىشتى. مۇھاجىرەتتىكى پالىيەتچىلىرىمىز ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىمىزمۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۆزىلىرىنىڭ ئۇ دۆلەتلەرگە بولغان ئەپسۇسلىنىشىنى ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بەزىلەر ئۇ دۆلەتلەرنى خىتتاينىڭ پۇلىغا سىتىلغان دەپ تەنقىت قىلىشقان بولسا، يەنە بەزىلەر ئۇلارنى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىسىمى بىلەن ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلىشقا مەجبۇرە بولغان دەپ قاراشتى. ئۇ دۆلەتلەر ھەقىتەن پۇلغا سىتىلغانمۇ ياكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىسىمىغا ئۇچۇراپ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلىشقا مەجبۇرە بولغانمۇ؟ مېنىڭ قارىشىمچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلىغا سىتىلغان ۋە ياكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىسىمى بىلەن ئۇ خەتكە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇرى بولۇپ قالغان بولۇشى ناتايىن. بەلكىم بەزىلىرى خىتتاي ھاكىمىيىتىنى ئىنسانپەرۋەر بىر ھاكىمىيەت دەپ قارايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەن بولىشى مۈمكىن. چۈنكى ئۇلار بىز كەيگەن ئاياقنى كېيىپ باقمىغان، بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ياشاپ باقمىغان؛ بىزمۇ گەرچە خىتتاي ھاكىمىيىتىنى ناھايتى ياخشى چۈشەنسەكمۇ، بىراق خىتتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغان ئۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھاياتىدا ياشاپ باقمىغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەسىلىنى پەقەت سىرىتتىن كۈزىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسەن ئۇلار توغۇرسىدا ھەر خىل ئىھتىماللىقلارنى ئوتۇرغا قوياپ بىقىشىمىز مۈمكىن، بىراق بىز ئۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى تولۇپ بىلىپ كىتەلىشىمىز ناتايىن.
ئىنسانلار ئادەتتە ئۆز ھىسياتى ۋە سوبىكتىپ ئارزۇيى بويىچە ئۆزى ھەقىقەت دەپ قارىغان ئىشلارنى باشقىلارمۇ ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ دىگەن قاراشقا ئادەتلەنگەن. ئەمىلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتكە بولغان تونۇشى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ نىمىنى ھەقىقەت دەپ قارىشى، ئىنسانلارنىڭ  تەربىلەنگەن ۋە ياشىغان موھىتى، قىممەت قارىشى ۋە ئۆز مەنپەتى بىلەن بولغان باغلىنىشى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، مەن ۋەتەندە دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقاندا، يىلدا ئىككى ئۈچ قېتىم زۇكام بولۇپ قالاتتىم، ۋە نۇرغۇنلىغان تونۇش بىلىشلىرىم زۇكام بولۇپ قالسا مىنى ئىزدەپ كىلەتتى. ھەر قىتىم زۇكام بولۇپ قالغاندا ۋە ياكى تونۇش بىلىشلىرىم زۇكام بولۇپ قىلىپ مىنى ئىزدەپ كەلگەندە، مەن ئاسما ئوكۇل ئىسىش بىلەن بىرگە ئانتىبىئوتىك ئىشلىتەتتىم. بۇ گەرچە خاتا بولسىمۇ، مەن ئۇنى توغرا دەپ ئىشەنگەن ئىدىم؛ ئەمىلىيەتتە يالغۇز مەن ئەمەس مەن ياشىغان شۇ مۇھىتتا ياشىغانلار ئۇنى توغرا دەپ چۈشەنگەن ۋە ئۇنىنغا ئىشەنگەن ئىدى. مەن ئامىركىغا كىلىپ تۇنجى قىتىم زۇكام بولۇپ كىسەل كۆرۈنگىلى دوختۇرغا بارغىنىمدا، دوختۇر ماڭا ”چوڭ مەسىلە يوق، ئۇسۇزلۇقنى كۆپ ئىچىپ، ياخشى ئارام ئالسىڭىز ساقىيىپ كىتىسىز“ دەپ،  ھىچقانداق دورا بەرمەي يولغا سىلىپ قويدى. مەن گەرچە دەسلەپتە بۇنى پەقەت قوبۇل قىلالمىغان بولساممۇ، بىراق بۇ جەھەتتە ئاز تولا ئىزدىنىش ئارقىلىق بىز بۇرۇن قوللانغان ئۇسۇلنىڭ ۋە بىزنىڭ ئۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمىزنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئەمىلىيەتتە ئەسلى ئىختىزادى كېرىمنى مەخسەت قىلغان بۇ خىل خاتا داۋالاش ئۇسۇلىنى، بىز بىر توغرا ھەقىقەتەن دەپ قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ئىكەنمىز.  كىيىن زۇكام بولۇپ قىلىپ ئوخشاش سەرگۈزەشكە يوللىقان بەزى دوستلار مەن بىلەن ئالاقە قىلىپ، ۋەتەندە زۇكام بولۇپ قالسا دوختۇرلارنىڭ تىز داۋالاپ ساقايتىۋىتىدىغانلىقىنى، چەتەلدە بولسا ھىچقانداق دورا بەرمەي يولغا سىلىپ قويىدىغانلىقىنى دەپ شىكايەت قىلىشقان بولدى. مەن ئۇلارغا ئەسلى ۋەتەندە قوللانغان ئۇسۇلنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، ئادەتتىكى زۇكامنىڭ دورىسى يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بەلگۈلۈك ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلىگىدىن ساقىيىپ قالىدىغانلىقىنى، زۇكام دورىسى دەپ ئاتالغان دورىلارنىڭ پەقەت زۇكامنىڭ كىسەللىك ئالامەتلىرىنى يەڭگىللىتىپ، ئادەمنى راھەتلىتىدىغانلىقىنى، بىراق زۇكامنىڭ ساقىيىشىدا چوڭ رول ئوينىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم، بىراق ئۇلارمۇ دەسلەپتە ئۇنىڭغا تازا ئىشەنمىدى.
مېنىڭ قارىشىمچە، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشى يالغۇز خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىختىزادى تەرەققى قىلىشى، ئۇ دۆلەتلەرگە كۆپلەپ مەبلەخ سىلىشى ۋە ياكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى تۇتىۋىلىپ، ئۇلارنى مەجبۇرى قىلىشى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۈمكىن.
بۇندىن 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، خىتتايدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە كۆپلىگەن چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، ئۇلار ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردە بايۋەتچىلەردە ياشايىتتى. جەمىيەتتە كىشىلەر بولۇپمۇ قىزلار ئۇلار بىلەن باردى كەلدى قىلىشنى بىر خىل پەخىرلىنىدىغان ئىش دەپ بىلەتتى. مەن ئوقۇۋاتقان ئالى مەكتەپتىمۇ 100 دىن ئارتۇق چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار بار بولۇپ، ئۇلار گەرچە ئاساسەن ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامىركىسىدىكى كىچىك ۋە كەمبىغەل دۆۋلەتلەردىن كەلگەنلەر بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ھەر جەھەتتە يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەم ھەۋەس قىلىش ھەم ھەسسەت قىلىش ئوبىكتى ئىدى. يەرلىك ئوقۇغۇچىلار بىر ياتاقتا 8 ئادەم ياتسا، چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار 1، 2 ئادەم بىر ياتاقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ياتىقى يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتىقىغا نىسبەتەن كەڭ، پاكىز بولۇپ قالماستىن، ھەر بىر ياتاقتا تېلىۋىزور بار ئىدى. مەكتەپ ئىختىزادى جەھەتتە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئايدا 15 سوم تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەرسە، چەتەللىك ئوقوغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە 200 سوم تۇرمۇش پۇلى بىرەتتى. ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ ۋەتەندە ئىنسانلار ئوتۇرا ھىساپ بىلەن 70، 80 سوم مۇھاش ئالىدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقۇرى مۇئاشمۇ 200 – 300 سومدىن ئىشىپ كەتمىسە كىرەك.
ئويلاپ باقسام 80 – يىللاردىكى شۇ چەتەللىك ئوقۇغۇچىلار، 30 نەچچە يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۆز دۆلەتلىرىدە بەلگۈلۈك ئورۇنلارغا ئىرىشىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتكىدەك ھالغا كەپتۇ. كىم بىلىدۇ يۇقارقى دۆلەتلەردە ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگىزىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەر ئەينى ۋاقىتتا خىتتايدا تەربىيە كۆرگەن ۋە ياكى خىتتايدىن ياردەم ئالغانلارمۇ.  خىتتايلاردا ”1000 كۈن ھەربى تەربىلەپ، بىر كۈن ئىشلىتىش“ دەيدىغان ئەقلىيە سۆز بار. خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ قەيىنچىلىق مەزگىللىرىدىن باشلاپ، ئاسىيە، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامىركىسىدىكى كىچىك ۋە كەمبىغەل دۆلەتلەرگە ئۈزلىكسىز ماددى ياردەم بىرىپ كەلگەن. مانا ئەمدى خىتتاي ھۆكۈمىتى ھەر جەھەتتە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرەۋاتىدۇ.
1949 – يىلى مائو زېدوڭ قاتارلىق خىتتاي كومىنىست ئەمەلدارلىرى ئەمدىلا ھاكىمەت بىشىغا چىقىپ، خەلقىنىڭ قوسىقىنى تويغۇزۇشقا ھالى يوق شۇ مەزگىللەردە، ئۆزىنىڭ 100 يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ، 2049 – يىلىغا بارغاندا دۇنياغا خوجا بولۇش غەرىزىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىكەن. ئەپسۇس غەرىپ دۆۋلەتلىرى خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ غەرىزىنى 70 يىل ئۆتكەندىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاندىن تونۇپ يىتىشكە باشلىدى. ئەپسۇس بىز گەرچە ئۆزىمىزنى خىتتاي ھۆكۈمىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئىنسانلار دەپ بىلسەكمۇ، بىراق بىز يەنىلا نۇرغۇن تەرەپلەردە مەسىلىنىڭ ماھىتىنى ئەمەس، يۈزەكى تەرەپلىرىنى، يىراقنى ئەمەس، بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنى كۆرىمىز. ئۇزۇن مەزگىلنى مەخسەت قىلغان سىتراتىگىيەلىك پىلانىمىز كەم. كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەتنىلا ھىساپلىشىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان قۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلمەيمىز، ياكى ئۇنداق بىر ئادەت ۋە قابىلىيەت بىزدە كەم. خىتتايلاردا ”بىر تال زىغىرنى ئىلىپ، تاۋۇزنى يوقاتماق“ دەيدىغان بىر ئەقلىيە سۆز بولىدىغان. بىز ھازىر بىزگە ياردەم قىلمىغان ۋە بىزنى قوللىمىغان ئىنسانلارنى ۋە ياكى دۆلەتلەرنى ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يىتىشىچە ئامال قىلىپ ئۆزىمىز تەرەپكە تارتىشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىمىزنىڭ سوبىكتىپ ئارزۇسىغا تايىنىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، بىزگە دۈشمەن يەتمىگەندەك، ئۇلارنى دۈشمەن قاتارىغا قويىۋاتىمىز ۋە ياكى ئۇلارنى ھاقارەتلەش ئارقىلىق دۈشمەن تەرەپكە ئىتتىرېرىۋاتىمىز.
خىتتاي ھۆكۈمىتى ئامال قىلىپ بىزگە چىگىرداش ۋە بىزگە مىللى ۋە دىننى جەھەتتە قىرىنداش بولغان دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇلارنى بىزدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تېرىشىۋاتقانلىق كۆرسۈتۈپ كەلمەكتە. بىز خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ مەخسىتىنى بىلىپ تۇرۇپ، خۇددى بىز خىتتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىۋاتقاندەك ۋە ياكى خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۈمۈت قىلغان بويىچە ئىش كۆرگەندەك، ئەتىراپىمىزدىكى بىزگە خوشنا دۆلەتلەرنى بىزگە ياردەم قىلمىدى ۋە ياكى بىز تەرەپتە تۇرمىدى دەپ ھاقارەتلىدۇق، ئۇلارنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلدۇق، ئۇلارنى ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇردۇق، ھەتتا ئۇلارنى دۈشمەن ئورنىغا قويدۇق. ئەڭ ئاخىردا ئۇ دۆلەتلەر نىمە قىلسا قىلسۇن، ئۇلاردىن بەك ئاغرىنىپ كەتمەيدىغان ھالغا كەلدۇق. ئەمدىلىكتە بولسا، بىزنىڭ ئەڭ يېقىن قان قەرىندىشىمىز بولغان ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتى، گەرچە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقىمىزنى باستۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئۇ گەرچە بەك ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولغان بولسىمۇ، بىراق بىز ئالاھىدە ئەجەپلەنمىدۇق ھەم شۇنداقلا ئۆزبەكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ قىلمىشىنى تەنقىتلىگىدەك ۋاختىمىزمۇ بولمىدى.
ئەمىلىيەتتە بىزگە نىسبەتەن ئۇ خوشنا دۆلەتلەر بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنۇتۇش ۋە ياكى ئۇلارغا دوستانە مۇھامىلىدە بولۇش بەكلا موھىم ئىدى. چۈنكى بىز مەيلى ھازىر بولسۇن ۋە ياكى كەلگۈسىدە مۇستەققىل بولغاندىن كىيىن بولسۇن، بىزگە تەۋە بولغان ئۇ زىمىننى، بىز ياخشى كۆرگەن ئامىركا، ياۋروپا ۋە ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ يېنىغا يۆتكەپ ئەكىتەلمەيمىز. بىز مەيلى بىزنىڭ مۇستەققىللىققا ئىرىشىش جەريانىمىزدا بولسۇن ۋە ياكى مۇستەققىللىققا ئىرىشكەندىن كىيىن بولسۇن، بىز ئۇ خوشنا دۆلەتلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قوللىشىغا مۇختاجمىز؛  بىز ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ، ئىناق خوشنىلاردىن بولۇپ، تىنچ ياشاشقا مەجبۇرىمىز. بىزدە ”يىراقتىكى تۇققىنىڭدىن يىقىندىكى خوشناڭ ياخشى“ دەيدىغان ئەقلىيە سۆز بولۇپ، ئىشىنىمەنكى ئۆزىنى خىتتاي دۆلىتى بىلەن چىگىرداش دەپ قارىغان ئۇ دۆلەتلەرمۇ، دەل شۇ سەۋەپتىن خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دوست بولۇپ ئۆتۈشكە  مەجبۇرى بولغان بولىشى مۈمكىن.
خىتتاي ھۆكۈمىتى بىز بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى باغنى ئۈزۈل كىسىل ئۈزۈپ تاشلاپ، بىزنى يالغۇز قالدۇرۇش ئۈچۈن، يىقىندا ”ئاق تاشلىق كىتاپ“ نى ئىلان قىلىپ، ”شىنجىئاڭ ئەزەلدىن شەرىقى تۈتكىستان ئەمەس، ئۇيغۇرلار تۈرك ئەمەس، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق“ دىگەن سەپسەتىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشقا باشلىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي زىننەتگۈل تۇرسۇننىڭتاجىك ۋەتەندىشى دەپ قارىلىپ، ئەۋەل تاجىكىستانغا، ئۇندىن كىيىن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتتايغا قايتۇرۇلغانلىق خەۋىرىنىڭ ئورتاغا چىقىشى بىلەن  ”تۈركىيە ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا ساتىدۇ“ دىگەن ۋەھىمە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى. ئۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلغان بەزى ئىنسانلىرىمىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىپلىسە، يەنە بەزى ئىنسانلىرىمىز تەشكىلات ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنى ئەيىپلەشكە باشلىدى. بەزىلەر ھەتتە ”تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ساتىدۇ“ دىگەننى چۆرىدەپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىپلەشتى. ئارقىدىنلا خىتتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆمەك تەشكىللەپ بىزنىڭ ۋەتەنگە بىرىپ، خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش قايتا تەربىلەش ئورۇنلىرىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىنساننى قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەينى كەينىدىن ئوتۇرغا چىقىشى ئەجىبا شۇنداق بىر تاسدىپىيلىقمۇ ياكى ئۇلارنىڭ كەينىگە مەلۇم سۈيقەست ۋە ئويۇنلار يوشۇرۇلغانمۇ؟
مەن زىننەتگۈل تۇرسۇن ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدىن تولۇق خەۋرىم بولمىغاچقا، ئۇ توغۇرسىدا كۆپ توختالمايمەن. مەن پەقەتلا ”تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ساتامدۇ ياكى ساتمامدۇ“ دىگەن تالاش تارتىشلار ۋە يىقىندىن بىر ئورتىغا چىققان بۇ ئىشلار توغۇرسىدا ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتۇرغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن. ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ بولۇپمۇ ئۆز ئارا جىنايەتچى ئۆتكۈزۈش كىلىشىمىگە ئىمزا قويغان دۆلەتنىڭ ئىككىنجى بىر دۆلەتنىڭ پۇخراسى دەپ قارالغان كىشىنى، ئەگەر شۇ ئىككىنجى دۆلەت تەلەپ قىلسا، ئۇنى ئۇ دۆلەتكە ئۆتكۈزەپ بىرىش بەرمەسلىكى، ھەرگۈزمۇ بىزنىڭ سوبىكتىپ ئارزۇيىمىزغا باغلىق ئىش بولماستىن، بەلكى شۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت مەنپەتىگە باغلىق بىر ئىش. ھەرقانداق بىر دۆلەت، دۆلەت مەنپەتى ئۈچۈن، يالغۇز بىزگە ئوخشاش باشقا دۆلەتنىڭ گىرەجدانىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆزىنىڭ پۇخراسىنىمۇ قۇربان قىلىشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتتايغا قايتۇرۇپ بىرىشىنى ھەقلىق ياكى توغرا قارار دىمەكچى ئەمەسمەن. ھەم شۇنداقلا بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىت قىلماسلىقىمىز كىرەك دىمەكچىمۇ ئەمەسمەن. مەن پەقەت بىز چوقۇم پالانى دۆلەت ئۇيغۇرنى ساتىدۇ، پۇستانى دۆلەت ئۇيغۇرنى ساتمايدۇ دەيدىغان قاراشنى كاللىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئۆز ئىشىمىزغا پۇختا بولىشىمىز، قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى قوغداشنى بىلىشىمىز ۋە سەزگۈرلىكىمىزنى ئاشۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئوينىغا كەلمەسلىكىمىز كىرەك دىمەكچىمەن. دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانى ئەخلاق ۋە ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرىنى چىقىش قىلىپ تۈزگەن بۇ خىلدىكى قانۇن پىرىنسىپلىرى، شۇ دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرىدە ئوخشاش بولمايدۇ. ھىچقانداق بىر دۆلەتتە، ئۇ خىلدىكى پىرىنسىپلارغا نىسبەتەن مەڭگۈ ئۆزگەرمەس بىر كاپالەت يوق. مەسىلەن، ئۆلۈم جازاسى بار دۆلەتكە جىنايەتچى قايتۇرۇپ بەرمەيمىز دىگەن كانادامۇ، خىتتاي پۇخراسى لەي چاڭشىڭنى (赖昌星) خىتتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسىتى ھەر خىل چارە تەببىر ۋە ھېلە مىكىرلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىغا زىدىيەت سىلىپ، ئۇلارنى بىر بىرىگە ئىشەنمەس قىلىش؛ ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىدىكى باغنى بۇزۇپ تاشلاپ ئۇيغۇرلارنى يالغۇز قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. تۈرك خەلقى بىزگە ئىچىدىن كۆيىنىدىغان خەلق، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ئوبدان بىلىدۇ ۋە بىزنىڭ تەقدىرىمىزگە زور دەرىجىدە ھىسىداشلىق قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ ئارىسىدىكى مۇنائىۋەت ئۇنداق ئاسان بۇزۇلىشى ناتايىن، بىراق تۈركىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسىلىلەرنى بىزدىن پەرىقلىق ئويلايدىغان بولغاچقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە قاراتقان بەزى سىياسەتلىرىنىڭ بىزگە ياقماسلىقى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىمىزنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللانغان بەزى ئۇسۇللىرى بىزنىڭ ئۈمۈت ۋە ئارزۇيىمىزغا تازا ماس كەلمەسلىكى مۈمكىن؛ بىراق بىز شۇنى ئۇنتىماسلىقىمىز كىرەككى مەيلى تۈرك خەلقى بولسۇن ۋە ياكى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بولسۇن، بىز ئۈچۈن موھىم؛ بىزمۇ تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن موھىم. مەيلى بىز خالايلى ياكى خالىمايلى، بىز ئۆزىمىزنى تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن يىراق تۇتالمايمىز.
ھازىر ئالدىمىزدا ئىككى خىل تاللاش بار بولۇپ، ئالدىمىزدىكى بىرىنجى تاللاش بىز بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ ئىككىنجى ۋەتىنى كۆرۈپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكىزىۋاتقان خاتالىقىنى ئائىلە ئىچىدىكى خاتالىق ئورنىغا قويۇپ، تۈركىيەگە بولغان ۋەتەنداشلىق بۇرچىنى ۋە مەسۇليەتنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇ ئۆتكۈزگەن خاتالىققا نىسبەتەن سەممى تەنقىت بىرىش؛ ئۆزلىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە قوغداش؛ بولۇپمۇ كەڭ تۈرك خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ، ئۇلار ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بىسىم چۈشۈرۈش. ئالدىمىزدىكى ئىككىنجى تاللاش، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ ۋە ياكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى دۈشمەن قاتارىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇنى سىسىتىش. مەنىڭ قارىشىمچە بىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىمىز خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىكىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇنىڭ بىزگە ھىچقانداق پايدىسى يوق.
ئاخىردا مەن تۈركىيەنىڭ كۈچلىنىشىنى، مەيلى ھازىرقى ۋە ياكى كەلگۈسى تۈركىيە ھۆكىمىتىنىڭ خىتتاي پىلانلاپ قويغان ئويۇنغا كەلمەي، ئۆزلىرى تۈركىيە خەلقى ۋە تۈركىيە دۆلىتىنىڭ مەنپەتىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان پىلانلارنى تۈزىشىنى، خىتتاي ھۆكۈمىتىگە بېقىندا بولۇپ قالماسلىقنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
2019 – يىلى 7 – ئاينىڭ 31- كۈنى

Share
5824 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.