logo

trugen jacn

تارىم نېفىتلىكى قىشتا گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 9 مىليارد 800 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى 11-ئايدىن 2018-يىلى 3-ئايغىچە بولغان پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە، تارىم نېفىتلىكىنىڭ غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۆۋەن ئېقىنى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 9 مىليارد 829 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىپ، گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى ئالدىنقى قىش پەسلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا  801 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيگەن، قىش پەسلىدىكى ئەڭ بېسىق تاق كۈندە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 73 مىليون كۇب مېتىر بولغان

بۇلتۇر قىش كىرگەندىن بۇيان، كۆمۈر يېقىلغۇ گازغا ئۆزگەرتىلىپ، ئاھالىلەر ۋە سانائەتكە كېرەكلىك گاز ئېھتىياجى ئاشتى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا گاز بىلەن تەمىنلەش جىددىي بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلدى. جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تارىم نېفىتلىكى گاز بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش كۈندىلىك گاز مىقدارىنى كۆپەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدىن قاندۇرۇپ، تۆۋەن ئېقىننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش زىددىيىتىنى پەسەيتتى، ھەمدە ئەتراپتىكى سانائەت، خىمىيىۋى ئوغۇتقا ئىشلىتىلىدىغان گازنى تەڭشەپ، تارىم نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتى بىلەن غەربىي – جەنۇب تارىم تەكشۈرۈش تەرەققىيات شىركىتى قاتارلىق ئىككى نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائەت كارخانىسىنى ۋاقتىنچە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ، قالغان تەبىئىي گازنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش ئىستىراتىگىيەسى بويىچە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تەبىئى گازلىرى ئۈزلۈكسىز ئىچكى ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈلۈش كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

 

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

Share
2060 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.