logo

trugen jacn

تارىم نېفىتلىكىدىن 140 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن

orta-asya-cin-dogalgaz-boru-hatti-hizlandirilacak

يېڭىدىن ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن ئون يىل جەريانىدا تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گاز 140 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكەن

شىنخۇا ئاخباراتنىڭ 29-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى بۇ ھەپتە ئاشكارىلىغان

خەۋەرگە قارىغاندا، تارىم نېفىتلىكىنىڭ يىللىق تەبىئىي گاز ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى 2004-يىلى 351 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇ 2013-يىلىغا كەلگەندە 17 مىليارد 8 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلگەن

تارىم نېفىتلىكى 2004-يىلى تاماملانغان ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 1-تۇرۇبا لىنىيىسى» نىڭ باشلىنىش نۇقتىسى

خىتاي ئۆزى تارقاتقان مەلۇماتقا قارىغاندا، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق يۆتكەلگەن تەبىئىي گازلار خىتاينىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى 80 شەھەر ۋە 3 مىڭ سانائەت مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 400 مىليون ئادەمنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن

خىتاينىڭ شەرقىدىكى 400 مىليون ئادەم ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گازلاردىن ئەركىن بەھرىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاران 4 مىليون ئادەمنىڭ 2013-يىلىدىن باشلاپ مەزكۇر تەبىئىي گازلارنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم

ھالبۇكى، بۇ 4 مىليون ئادەمنىڭ قانچە پىرسەنتىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tebii-gaz-10292014161622.html

Share
1647 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.