logo

trugen jacn

تارىموغلى: مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ

 

 

تارىموغلى

يىل  2017- 24-نويابىر

مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ

 

ئون-بەشىنچى ئەسىردە مۇستەملىكىچىلىك پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەر ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى (مەسىلەن، ياپونىيە) مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى ھەرىكەتلەرگە ئۆتتى. ئاشۇ ھەرىكەتلەر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1804-يىلى لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان ھايتى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قوزغاپ غەلىبە قىلىپ، ئاشۇ قىتئەدىكى تۇنجى قارا تەنلىكلەر رىپابلىكىسىنى قۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئارقا-ئارقىدىن مۇستەقىللىقنى تۈپ نىشان قىلغان قوراللىق كۈرەشلەر پارتلاپ كەتتى. 20-ئەسىردە ئافرىقىلىقلار كۆپلىگەن مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. ئاسىيالىقلارمۇ ياپونىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىدىن قۇتۇلۇش يولىدىكى كۆپلىگەن مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتايلار بىلەن كورېيەنىڭ ياپونغا قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، كورېيەلىكلەر ياپونلارغا ئىنتايىن ئۆچ كېلىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى ياپونىيەنىڭ كورېيەنى 50 يىل مۇستەملىكە قىلغانلىقىدۇر. گەندى ھىندىستاندا 1920 – 1940-يىللىرى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 1940-يىلى غەلىبە قىلدى. 1970- ۋە 1980-يىللىرى جەنۇبىي ئافرىقىلىقلار ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى كۈرەش ئېلىپ باردى. ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەر بولسا ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرەش ئېلىپ باردى

 

تارىختا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ باققان ئەللەرنى ساناپ چىقساق، ئۇلارنىڭ سانى 30 – 40 دۆلەت بولۇپ چىقىدۇ. ئەگەر بىز 19-ئەسىرنىڭ بېشىدىن تارتىپ 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرغىچە بولغان 200 يىللىق تارىخقا قاراپ باقىدىغان بولساق، مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرەرسىمۇ مەغلۇپ بولۇپ باقمىغانلىقىنى بايقايمىز. گەرچە بەزىلىرىگە ئۇزۇنراق ۋاقىت، يەنە بەزىلىرىگە بولسا قىسقىراق ۋاقىت كەتكەن بولسىمۇ، ئاشۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلغانلىقىنى بايقايمىز

 

نېمە ئۈچۈن مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تەسىر كۈچى ناھايىتى زور بولىدۇ؟

 

بىر مىللەت ئىچىدىكى ھەرىكەتلەر، مەسىلەن خىتاي مىللىتى ئىچىدىكى خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنى قوغدايدىغان كىشىلەر بىلەن ئۇنى ئاغدۇرۇۋېتىش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر ئوتتۇرىدىكى كۈرەشلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم باشقىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە

 

بىرىنجى: مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مىللەت بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ئۆچمەنلىكىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. نەتىجىدە بۇنداق ھەرىكەتكە ئاشۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتنىڭ ئەزالىرى يۈزدەيۈز پىرسەنت تولۇق قاتنىشىدۇ. يەنى، ئۇ ھەرىكەتكە مىللەتنىڭ ھەممە كىشىلىرى قاتنىشىدۇ. 2012-يىلى خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تىبەتلىكلەر ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار ئىچىدە 10 ياشلىق بالىلارمۇ بار. خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن كىشىلەرنى تەكشۈرسىڭىز، ئۇلار بەزى جەھەتلەردە كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇپ، يەنە بەزى جەھەتلەردە كومپارتىيىنى قوللايدىغانلىقىنى بايقايسىز. يەنى ئۇلار يۈزدەيۈز پىرسەنت قارشى تۇرغۇچىلاردىن بولالمايدۇ. ئەمما مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار يەنە بىر تەرەپكە يۈزدەيۈز پىرسەنت قارشى تۇرغۇچىلاردىن بولىدۇ. مىللەتنىڭ ئەزالىرى ھەرىكەتكە يۈزدەيۈز پىرسەنت تولۇق قاتنىشىدۇ، ھەمدە ھەر بىر ئادەمنىڭ قارشى تەرەپكە قارشى تۇرۇش دەرىجىسىمۇ يۈزدەيۈز پىرسەنت بولىدۇ. دۇنيادا بۇنداق كۈچكە تەڭ كېلەلەيدىغان باشقا بىرەر كۈچ يوق

 

ئىككىنجى: ئۆزى بىلەن دۈشمەن ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرا ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ. مەسىلەن، خىتايلار بىلەن تىبەتلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى، ۋە ئاق تەنلىكلەر بىلەن قارا تەنلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى چەك-چېگرا ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئوخشاش بولمايدۇ، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمايدۇ، قېنى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداقلا ياشاش ماكانلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ ئىشلار ئىككى مىللەتنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ چەك-چېگرىسىمۇ ئىنتايىن ئېنىق ئايرىلغان بولىدۇ. كىملەر ئۆزىنىڭ ئادىمى، كىملەر ئۆزىنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئىنتايىن ئېنىق چۈشىنىلگەن بولىدۇ

 

ئۈچۈنجى:  مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ بىر ئاساسى، ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى بارلىق خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكىدۇر. مەسىلەن، تىبەتنى ئالىدىغان بولساق، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم كىشىلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى خائىنلىققا سېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئاشۇ سېتىلىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كىشىلەردىن ئۆز مىللىتىگە خائىنلىق قىلىدىغانلار چىقمايدۇ. كومپارتىيىنىڭ تىبەتنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى بارلىق كىشىلەرنى سېتىۋالالىشى مۇمكىن ئەمەس. يۇقىرى قاتلامدىكى بىر قىسىم تىبەتلىكلەرنىڭ سېتىلىپ كېتىشى تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ھېچ قانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. يەنى، ئاساسىي قاتلامدىكى خەلقنىڭ ئىرادىسىگە تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس

 

تۆتىنجى:  مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر قۇربان بېرىشتىن قورقمايدۇ. ئەگەر سىز بىر ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئادەم بىلەن مۇشتلىشىپ قالىدىكەنسىز، سىز چوقۇم تۈگىشىسىز. يەنى، مۇشتلىشىشنىڭ مەقسىتى سىز قارشى تەرەپنى يىقىتىپ، ئۆزىڭىز ساق قېلىش. ئەگەر سىز مۇشتلىشىۋاتقان ئادەم ئۆزىنىڭ ساق قېلىش-قالماسلىقىغا پىسەنت قىلمايدىغان، سىزنى يىقىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان بىر كىشى بولىدىكەن، سىز چوقۇم ئۇنى يېڭەلمەيسىز. 2009.يىلىدىن بۇيان 143 تىبەتلىك  خىتاي ھاكىمىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۆزىگە ئوت قويۇپ، ئۆزىنى قۇربان قىلدى. ئۇلاردىكى ئىرادە ئۆز جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئەمەس، بەلكى ئۆز جېنىنى قۇربان قىلىش ئىرادىسىدۇر. بۇنداق كۈچنى ھېچ كىم توسۇپ قالالمايدۇ

 

 

پايدىلىنىش مەنبەسى:

 

王澄:西藏独立运动是大革命的首战

https://www.youtube.com/watch?v=guNO9nO-SKU&t=3s

 

Share
1511 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.