logo

trugen jacn

تارىخ تەكرارلانمايدۇ، ئىبرەت ئېلىنمىغان خاتالىق تەكرارلىنىدۇ

 

 

يۇلغۇن

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىللىي ھاكىمىيىتى بولغان سەئىدىيە خانلىقى ئاپئاق خوجا باشچىلىقىدىكى جاھالەت پىرلىرىنىڭ ئاغدۇرمىچىلىقى سەۋەبىدىن مۇنقەرز بولدى. 17 – ئەسىردىن باشلاپ مۇستەقىل مىللىي دۆلىتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلار تا 1887 – يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە بەزىدە مۇستەقىل بەزىدە ياتلارغا بېقىندى بولۇپ ياشاپ كەلدى. 1887 – يىلى زوزۇڭتاڭ 14 يىللىق قەشقەرىيە دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننى رەسمىي ھالدا خىتاينىڭ يېڭى ئىشغال قىلىنغان ئۆلكىسى شىنجاڭ دەپ ئاتىغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە چوڭ – كىچىك شەكىلدە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى قوزغاپ كەلدى. بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا گەرچە ئۆمرى ئۇزۇن، دائىرىسى كەڭ دائىرىدە بولمىسىمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدە ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئۇلى بولغان بايراق، ئاساسى قانۇن، دۆلەت تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ بەرگەن بولسا، 14 يىللىق قەشقەرىيە دۆلىتى بىلەن بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان تېرىتورىيىسى شەكىللەندى.

1949 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستانغا كىرىپ جايلىشىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، كوممۇنىست خىتايلارنىڭ مۇستەملىكە ھەرىكىتىگە قارشى قوراللىق ۋە تىنچ خاراكتېرلىق قارشلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. 1990 – يىلىدىكى بارىن قوزغىلىڭىدىن باشلاپ تالىپ قېرىنداشلار مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى بولۇپ كەلگەنىدى. بۇ سەۋەپتىن تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ ھۇجۇم ئوبىيكتى دىنى ساھەدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ كەلدى.

1990 – يىلىدا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوشنىسى بولغان بەش تۈركىي جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇستەقىللىققە ئېرىشىشى ئۇيغۇر خەلقىگىمۇ بىر ئۇمىت ئېلىپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستاندا ئەركىن ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىر تەرەپتىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبەكىستاننى مەركەز قىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1997 – يىلىدا ئافغانىستاندا مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن تالىبان ئافغانىستانىدا يىلىتىز تارتىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ 1990 – يىللاردا ئەرەبىستان ۋە مىسىر قاتارلىق ئەللەردە دىنى تەلىم – تەربىيە ئۈچۈن ئوقۇشقا كۆپلەپ چىقىشى، ھەسەن مەخسۇم باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ تالىبان ئافغانىستانىدا ئوسامە بىن لادىن باشچىلىقىدىكى ئەلقائىدە ( بازا ) تەشكىلاتىدىكى جىھاتچى ئەرەپلەر بىلەن ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە، مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ يۆنىلىشىدە ماھىيەتلىك بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى. تالىبان ئافغانىستاندا يىلتىز تارتقان خەلقئارالىق جىھادچى سىياسىي ئىسلام چۈشەنچىسى دۇنيادا پەقەت ئىككىلا مىللەت، يەنى ئىسلام ۋە كۇپۇر مىللىتى بار بولۇپ، ئىسرائىل ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ دۇنياسى ئىسلامنىڭ، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىدى. گەرچە خىتاي ھاكىمىيىتى ئوچۇق دىنسىز بولسىمۇ، بۇ چوڭ دۈشمەن بىلەن كۆرەشتە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇپ ھېسابلىناتتى. تالىبان ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر جىھاتچىلار ئۈچۈن ئافغانىستاندا ھەربىي لاگىر تەسىس قىلىپ بەرگەن، ئۇلارغا قۇچاق ئاچقان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، پوچتا – تېلگراف، روسلاردىن قالغان كۆرەشچى ئايروپىلاننى رىمۇنت خىزمەتلىرى جەھەتتىن خىتايلاردىن ياردەم ئالماقتا ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغانلارنىڭ روسلارغا قارشى ئېلىپ بارغان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىدە مۇجاھىتلارنى پەردە ئارقىسدا تۇرۇپ قوللاپ، ئۇلارغا قورال – ياراق ۋە ئوق – دورا جەھەتتىن ئەڭ كۆپ ياردەم قىلغان بولۇپ، ئافغانىستاندا خىتايدا ياسالغان قورال – ياراق ۋە ئوق – دورىلارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرىشى بۇنىڭ ئىسپاتى. بۇ ئارقىلىق خىتاي روسلارنى تەقلىت قىلىپ ياسىغان قوراللىرىنى ئافغانىستاندا سىناش پۇرسىتىگە ئىگە بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يىقىن خوشنىسى بولغان سوۋىت ئىتتىپاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتەتتى.

موللا ئۆمەر باشچىلىقىدىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى 2001 – يىلىدىكى 11 – سېنتەبىر تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. ئافغانىستاندىكى يېڭى ھۆكۈمەت ۋە ناتو ئارمىيسىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن تالىبانلارنى بۈگۈنگىچە يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەربىي جەھەتتىن قوللاپ كەلمەكتە. ھەتتا تالىبانلار بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا دەللاللىق رولىنى ئويناپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان ھەقىقەت.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان بولغۇسى قوزغىلاڭدا ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينايدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى ئالداپ چەتئەلگە چىقىرىۋېتىش پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن بۇ خىل ھىجرەت دەۋەتلىرىگە كۆز يۇمسا[1]، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنى بېسىمنى كۈچەيتىپ، پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، يۈننەن چېگرىسىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىر يېزىدىن خوشنا يېزىغا ئەركىن بارالمايدىغان ئۇيغۇرلار يۈننەن چېگرىسىغا، ھەتتا ۋېتنام، تايلاند، مالايسىيا، تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيە جەڭگاھلىرىغا يېتىپ بېرىپ، خەلقئارا جىھادچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ جەرياندا چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تايلاند ئورمانلىقلىرىدا بايقىلىپ، تايلاند تۈرمىلىرىگە قامىلىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنيا كۈنتەرتىۋىگە ئېلىپ كىردى. دۇنيا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقان پەيتتە خىتايلار ھۆكۈمىتى يۈننەن چېگرىسىنى تاقاپ، ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇشقا تېگىشلىك « رادىكال ئىسلامچى »، « دىنى ئاشقۇن » قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى باسقۇچ ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. 2014 – يىلى 1 – مارتتا كۈنمىڭ ۋوگزالىدا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈزبەردى. شۇ يىلى 18 – ئاپرېلدا ئوغۇرلۇقچە ۋېتنام چېگىرىسىدىن ئۆتكەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ۋېتنامدا قولغا ئېلىندى ۋە بىر قىسمى ۋېتنام ساقچىلىرى بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئېتىپ تاشلاندى، بىر قىسمى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. نەتىجە ئىتىبارى بىلەن خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا يۈزبەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، خىتاي دۆلىتى « تېروررىزمنىڭ قۇربانى»غا ئايلاندى. پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، « رادىكالىزم »غا قارشى تۇرۇش باھانىسىدا ۋەتەن ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. « دىنى ئەسەبىيەتچىلىكتىن پاكلاش » شۇئارى بىلەن لاگىرلارغا تەخمىنەن 4 مىليۇنغا يىقىن ئۇيغۇر قامالدى.

2018 – يىلىنىڭ كيېىنكى يېرىمىدا ئامېرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستلىرىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ھەققىدە ماقالىلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. ھەتتا 26 – ئىيۇلدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئامېرىكا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بەردى. ماركو رۇبىيۇ باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا سەناتورلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى قايتىدىن دۇنيا كۈنتەرتىۋىدىن ئورۇن ئالدى. 10 – ئاۋغۇست كۈنى جەنۋەدە ب د ت ئىرقى ئايرىمچىلىقنى يوقۇتۇش ئورگىنى تەرىپىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىر مەسىلىسىدە سوراققا تارتىلدى. 13 – ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋاپ بېرىپ ئۇيغۇرلار قامالغان لاگىر مەسىلىسىنى ئىنكار قىلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ۋە ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئارقمۇئارقىدىن ماقالىلار ئېلان قىلىشقا باشلاندى. بۈگۈن، يەنى 15 – ئاۋغۇست كۈنى ۋاشىڭتون پوست گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، « خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەت ئىكەنلىكى، بۇ ھەرىكەتنىڭ بېرما ھۆكۈمىتى روھىڭگا خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قېرغىنچىلىقتىن قېلىشمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى، پەقەت ئامېرىكا پۇقرالىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى تەنقىت قىلىنىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىرما ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ ھېچقانداق دەخلىسىز ھالدا كەڭ كۆلەملىك مىللىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشنىڭ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭ جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقى، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلسىىدە ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتمىسە، دۆلەت مەجلىسىنى ھەرىكەتكەت ئۆتۈشكە چاقىرغان »[2]. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ جان جەھلى بىلەن ئاخبارات ئورگىنى بولغان يەرشارى ۋاقىت گېزىتىدە « غەرپ كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى مۇقىمسىزلاشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق تەدبىرنى ئىشقا سالىدىغانلىقى »نى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

خەلقئارادىكى ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ پايدىسىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، خىتاي مەيلى تەشۋىقات ۋەياكى باشقا جەھەتتىن بولسۇن بارغانسېرى يالغۇزلىشىپ غالجىرلىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شەكىللەنگەن بۇ پايدىلىق ۋەزىيەتنى ئىلگىرىكىدەك تەتۈر بۇراش ئۈچۈن ھەرقانداق تەدبىرنى ئىشقا سېلىشتىن يانمايدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تارىختىن ئىبرەت ئېلىشى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى « رادىكال ئىسلامچى »، « دىنى ئەسەبىيەتچى » قىلىپ كۆرسىتىش تاكتىكىسىغا ماسلىشىپ بەرمەسلىكى؛ ۋەتەندە ناتسىت لاگىرلىرىدا، تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى ئويلىشى، قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ئۇلارغا قانچىلىك پايدا – زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىشى لازىم. خىتايغا ئوخشاش « يوقالسۇن ئامېرىكا! » دەپ ۋاقىراشنىڭ ئورنىغا « يوقالسۇن فاشىست خىتاي! » دېيىشنى ئۈگىنىشى لازىم. ئۆزىگە زىيان يەتكۈزمىگەنلەرنى دۈشمەن قىلىۋېلىشتەك ھاماقەتلىكتىن ساقىلىنىپ، ئىنىترناتسىئونال جەڭچى بولۇشتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان يەرلىك جەڭچى بولۇشقا بۇرلۇشى لازىم.

بولۇپمۇ تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئەھۋالى ھەر جەھەتتىن ئېغىر بولۇپ، مەيلى كىملىك ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتىن بولسۇن قېيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. مانا بۇ ۋەزىيەتنى غەنىمەت بىلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر قولىدا ھېچقانداق كىملىكى يوق ئۇيغۇرلارنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تۈركىيەدىن ھېچقانداق كىملىك كەتمەيدىغان باشقا يەرگە يۆتكەشكە تىرىشماقتا. غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇڭ. خوتەن، قەشقەرنىڭ چەت ياقىلىرىدىن سۈرىيە جەڭگاھلىرىغا ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كېلەلىگەنلەر يەنە ئافغان جەڭگاھلىرىغا ئېلىپ بارالايدۇ. بولۇپمۇ « چېگراغا يىقىن، كىرىش ئاسان » دېگەندەك شىرىن سۆزلەر بىلەن ئالدىشى مۇمكىن. ئافغان جەڭگاھلىرىغا بارغان ئۇيغۇرلار يەنە تالىبانلارنىڭ تىزگىنى ئاستىغا چۈشىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە ئافغانىستاندىكى ناتو قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە خىتاي كۆپ چىقىم قىلماي، يەنىلا ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېروررچى قىلىپ كۆرسىتىپ پايدا ئالىدۇ.

بۇنى يىقىنقى 18 يىلدا بىر قانچە قېتىم باشتىن ئۆتكۈزدۇق. ئىبرەت ئېلىنمىغان خاتالىق تەكرارلىنىدۇ.

 

 

[1] http://freedomsherald.org/ET/publications/book01_38.html

[2] https://www.washingtonpost.com/opinions/global-opinions/we-cant-ignore-this-brutal-cleansing-in-china/2018/08/14/e0b7b0f0-9f19-11e8-83d2-70203b8d7b44_story.html

Share
1427 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.