logo

trugen jacn
05 فېۋرال 2015

تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا-1

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماس يازغان «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەر ئۇيغۇرلارنىڭ 1980-يىللاردىن بۇيانقى تارىخ تۇيغۇسى ۋە مىللەت ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.

1990-يىلىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئەسەر ئېلان قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا نۇتۇق سۆزلەشتەك ئىلمىي-ئاكادېمىك ھوقۇقلىرىنى بىردەك چەكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ «ئۇيغۇرلار» قاتارلىق ئۈچ كىتابىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك سىياسىي تەنقىد ۋە تەشۋىقات جېڭى ئېلىپ بارغان. ۋەھالەنكى، تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ تەسىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئىنكار قىلىنغىنى بىلەن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازى بارغانسېرى كۆتۈرۈلۈپ بارغان.

ئۇنداقتا، مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قانداق ياشىغان؟ ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى كۈندىلىك ھاياتى، روھىي ھالىتى، ئوي خىياللىرى ۋە ئۇيغۇر تارىخى بويىچە ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلغان شاھىتلار نېمە دەيدۇ؟

ئەينى يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تېببىي پەنلەر دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل بۇ ھەقتە رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇمات بەردى.

دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەينى يىللاردا مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ كېسىلىنى داۋالىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزى كۆرگەن، داۋالىغان ۋە كۆپ قېتىم ھەم سۆھبەتتە بولغان مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرغۇن ئالماس 1990-يىللاردىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا كۆپ ۋاقىتلىرىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ بۇ دوختۇرخانىغا دائىم كېلىپ تۇرۇشى كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى كىتابىنىڭ داۋامىنى يېزىش ئۈچۈن ئىكەن.

جۈرئەت ئوبۇلنىڭ كۆرسىتىشىچە، تارىخچى تۇرغۇن ئالماس ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا دوختۇر ۋە سېسترالىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلاردىن بولغان ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا كۈندە دېگۈدەك كېلىپ تۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باشقا دوختۇرخانىلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا ئۆزىنى بىخەتەر ھەم ئۆز خەلقىنىڭ قوينىدا تۇرغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇر ۋە سېستىرالارمۇ تۇرغۇن ئالماسقا ئەڭ ئەزىز ئادىمىنى كۈتكەندەك چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلغان. تۇرغۇن ئالماسنىڭ تەلىپى بويىچە دوختۇرخانا بىناسىدىن تۇرغۇن ئالماس ئۈچۈن مەخسۇس بىر ياتاق ئاجرىتىپ، ئۇنىڭ يېزىقچىلىق قىلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. ھۆكۈمەت تەرەپتىن كېلىۋاتقان شۇنچە زور بېسىمغا قارىماي ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تۇرغۇن ئالماسقا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.

جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى يەنە، مەرھۇم تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئاشۇ يىللاردىكى ئوي-خىياللىرى، ياشلاردىن كۈتكەن ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ھەمدە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرى ھەققىدە توختالدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/turghun-almas-02042015145043.html

Share
3055 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.