logo

trugen jacn

تارىخىمىزنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشلىرى

 

ئالماس ھاجى  

ئىنسان ياشاشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تەربىيەلىنىشى لازىم. شۇڭا، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئىنسانىي قەدىر – قىممىتىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا تەربىيە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. نۆۋەتتە بىزنىڭ رېئاللىقىمىزدا مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى خاسلىقىمىزنى ساقلاپ قىلىش تۇيغۇسى بىزگە ئائىلە تەربىيەسىدە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەزىپىنىڭ يۈكلەنگەنلىگىنى ھېس قىلدۇرماقتا. چۈنكى، ئائىلە تەربىيەسى مىللىي كىملىكىمىزنى ۋە مىجەز-خاراكتېرىمىزنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. ئائىلە تەربىيەسىنى مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئاتا -ئانا بولغۇچىدا جەزمەن ئائىلە ئېڭى يەنى مىللىي ئاڭ، مىللىي غۇرۇر شەكىللەنگەن بولۇشى ۋە ئۆزمىللىتىنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى ھەققىدە يېتەرلىك چۈشەنچە بولۇشى لازىم. يازغۇچى مۇھەممەتتۇرسۇن ئەمەت ئۇيغۇر يېزىپ چىققان «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتاب دەل مۇشۇ جەھەتتە بىزگە ئەسقاتىدىغان مىللىي روھنىڭ ئوقۇشلۇق دەستۇرى بولالايدۇ.
«100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتابتا تارىخىمىزدا  ئۆتكەن 100 مەشھۇر ئۇيغۇر تونۇشتۇرۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىمپىراتورلار، خاقانلار، قۇماندانلار، ئەللاما ئۆلىمالار، ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر، جامائەت ئەربابلىرى، زىيالىيلار، يازغۇچى، شائىرلار، قەھرىمان پىداكارلار بار. ئاپتور كىتابتا ھەربىر تارىخى شەخسنىڭ ھاياتىنى كەسكىن زىددىيەتلەرگە تولغان ھاياجانلىق كەچمىشلىرى بىلەن ھەرقايسى دەۋر رېئاللىقى ئىچىدە يورۇتۇپ، ئاجايىپ سەلتەنەتلىك تارىخى ئابىدىلەرنى تىكلىگەن.

مىللىي روھ تەربىيەسىگە موھتاج بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلىرىمىزدە، ئالدى بىلەن تارىخىمىزنى پىششىق ئۆگىنىشىمىز كېرەك. تارىخ بىر مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يىغىندىسىدۇر. تارىخنى ئۆگىنىش دېمەك ئۆتمۈشتىن ئىبرەت ئېلىپ، كەلگۈسى ئۈچۈن توغرا قەدەم ئېلىش دېمەكتۇر. ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەتلەرنىڭ تارىخىنى ھەر زامان باشقىلار يېزىپ كەلدى. شۇڭا، خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، يالغان تارىخ ياساپ يېزىپ چىقتى. ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى، ئەسلى نەسەبىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ھېچقاچان مۇستەقىل دۆلەتى بولمىغان، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بېقىندى بولۇپ ياشاپ كەلگەن مىللەت، شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى دېگەندەك ئۇقۇمنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈشكە جان – جەھلى بىلەن ئۇرۇنۇپ كەلدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا دۇنيا تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ، بۈيۈك، قۇدرەتلىك ئىمپېرىيەلەرنى قۇرغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىقلىرىدىن، ئىلىم — پەندە ئالەمشۇمۇل نەتىجە ياراتقان ئەجدادلىرىمىزنىڭ شان – شۆھرەتلىرىدىن ئەۋلاتلىرىمىزنى خەۋەرلەندۈرۈش ھەمدە تارىخىمىزنىڭ قاراڭغۇلۇق تەرەپلىرىنى، ئاچچىق ساۋاقلارنى، مىللىي مۇناپىقلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئىبرەت قىلىپ ھېكايە قىلىپ بېرىدىغان بۇنداق بىر كىتاب – مىللىي روھ تەربىيەسىگە موھتاج بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلىرىمىزدە بىزگە تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. شۇڭا، مۇھەممەتتۇرسۇن ئەمەتنىڭ بۇ كىتابىنى «خەلقىمىزنىڭ ئاچ يېرىگە باردى»، دېسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولمايمىز.

كىتابتا مىلادىدىن بۇرۇنقى 7- ئەسىردە ياشىغان، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەپسانىۋى ھۈكۈمدارى، باتۇر ئالپ ئەرتۇڭادىن باشلاپ، 1990 – يىلدىكى خىتاي باسقۇنچىلىرىگە قارىشى كۆتۈرۈلگەن بارىن قوزغىلىڭىنىڭ قوماندانى مىللىي قەھرىمان زەيدىن يۈسۈپكىچە بولغان ئارىلىقتىكى 100 مەشھۇر ئۇيغۇر تۇغۇلغان يىل تەرتىپى بويىچە تونۇشتۇرۇلغان. شەخسلەرنىڭ تارىخىنى يېزىشتا شۇ شەخس ياشىغان تارىخى دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئاپتور بۇ ئارقىلىق تارىخنى جانلىق ھاياتى كۆرۈنۈشلەر ئىچىدەگەۋدىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جانلىق ۋە تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئاسان ئەستە قالىدىغان ھەم ئۇنتۇلمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان.

كىتابنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرىپى ئاپتور ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن تارىخى شەخسلەرنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى ئۇلار ياشىغان دەۋر ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، سەلتەنەتلىك دۆلەتلىرىمىزنىڭ شان-شەرەپلىرى بىلەن كىرىشتۈرۈپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق تارىخىمىزنىڭ بىر-بىرىگە باغلانغان كۆرۈنىشلىرىنى ھاسىل قىلغان ۋە بۇ ئارقىلىق كىتابنى ناھايىتى يۇقىرى تارىخى قېممەتكە ئىگە ئوقۇشلۇققا ئايلاندۇرغان:

مىلادىدىن بۇرۇنقى 546 – يىلى تۇران زېمىنىغا بېسىپ كىرگەن ئىران پادىشاھى كەيخىسراۋ تۇران لەشكەرلىرىنىڭ شىددەتلىك زەربە بېرىشى بىلەن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىدۇ. تۇران لەشكەرلىرى جەڭدە غەلىبە قىلىپ تاجاۋۇزچىلارنى تۇران زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، ئېغىر يارىلانغان باش قوماندانى تەرتىۋارۇنى كۆتۈرۈپ قايتىدۇ. تەرتىۋارۇنىڭ يارىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ئۆز قارارگاھىدا جان ئۈزىدۇ.

يىللارچە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ تۇران زىمىنىگە ئېرىشەلمىگەن كەيخىسراۋ ئاخىرى ھىيلە – مىكىر يولىغا كىرىدۇ، تەرتىۋارۇنىڭ ئايالى تۇمارىسقا ئۆيلۈنۈش تەلىپى قويۇپ، سوۋغا سالاملار بىلەن ئەلچى ئەۋەتىدۇ. كەيخىسراۋنىڭ بۇ ھىلىسىگە قاتتىق غەزەپلەنگەن تۇمارىس ئۇنىڭ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ ۋە جەڭگە تەييارلىق قىلىدۇ. بىراق ھېلىگەر كەيخىسراۋ  گۈزەل قىزلار ۋە ھاراق – شاراب توزىقى قۇرۇپ تۇمارىسنىڭ ئوغلى سىپارگاپىرىس سەركەردىلىرى بىلەن يەپ، ئىچىشىپ كۆڭۈل ئېچىشىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئەسىرگە ئېلىۋالىدۇ، بۇ ئارقىلىق تۇمارىسقا بېسىم ئىشلىتىپ مەقسەتكە يەتمەكچى بولىدۇ.

تۇمارس ئەلچىلەر ئارقىلىق كەيخىسراۋغا: «ئەي ھىيلىگەر ئالدامچى، قانخور، زالىم پادىشاھ كەيخىسراۋ… قىلغان ئىشلىرىڭ بىلەن ماختانمايلا قوي. سەن مېنىڭ ئوغلۇمنى جەڭ بىلەن يەڭگىنىڭ يوق، ئۇ سىنى يېڭىپ غەلىبىنى تەبرىكلەپ بەزمە قىلىۋاتقاندا ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىپ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلدىڭ. ئەمدى مىنىڭ مەسلىھەتىمگە كىر، ئۆز ماكانىڭغا زىيان – زەخمەتسىز كېتەي دېسەڭ ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بەر! چۈنكى مەن قان تۈكۈشنى خالىمايمەن! ئەگەر ئۇنىمىساڭ ماسساگىت،ساكلارنىڭ تەڭرىسى قوياش نامى بىلەن قەسەمكى، مەن سەندەك ئاچكۆز يۇھانى قان بىلەن سۇغۇرىمەن!!!» دەيدۇ. كەيخىسراۋ،- تۇمارىس خانىش قىلىشىمغا قوشۇلمىسا، تۇران زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ، خەلقىنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن،- دەپ كۆرەڭلەيدۇ. كەيخىسراۋنىڭ لەشكىرىي كۈچى سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىدى. تۇمارىس ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىگەن،مىللىتىنىڭ ھۆرلىگىگە، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىغا قەسىت قىلغان بۇ تاجاۋۇزچى قانخورغا قارىشى باتۇرلارچە ئۇرۇشۇپ، شۇنچە كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ، كەيخىسراۋنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، قانغا تولدۇرۇلغان تۇلۇمغا پاتۇرۇپ قەھرى بىلەن: «باشقىلارنىڭ ئەل يۇرتىغا زوراۋانلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ باستۇرۇپ كىرگەنلەرنىڭ جازاسى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ!» دەيدۇ.

كىتابتا تەسۋىرلەنگەن بۇ كۆرۈنۈشلەر، تۈرك نەسلىدىن بولغان بۇ قەھرىمان ھۆكۈمدارئايالنىڭ جاسارىتى قەلبىمىزنى ئىشەنچ ۋە غۇرۇر بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدۇ. ۋەتەن سۈيگۈسى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ھەرقانداق تاجاۋۇزچى كۈچتىن غالىب كىلىدىغانلىغىنى نامايان قىلىدۇ.

ۋەتەن سۈيگۇسى كىشىنى پىداكارلىققا،ئەقىل-پاراسەتكە يېتەكلەيدۇ. ۋەتەن سۈيگۇسى كىشىگە كۈچ – قۇۋۋەت، جاسارەت بېغىشلايدۇ. كىتابتا تۇنۇشتۇرۇلغان شىراق بىر ئۆزى يالغۇز لەكمىڭلىغان تاجاۋۇزچى ئىران لەشكەرلىرىنى پايانسىز قۇملۇقتا ھالاك قىلغان مىللىي قەھرىماندۇر. بىز شىراق توغرىسىدا يېزىلغان سەتىرلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا ۋەتەن سۈيگۈسىنىڭ ئاددىي بىر پادىچى يىگىت قەلبىدە پەيدا قىلغان ئەقىل پاراسەتكە، باتۇرلارچە پىداكارلىققا ئاپىرىن ئەيىتماي تۇرالمايمىز.

«تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى» ئاسىيانىڭ شەرقىدىن غەربىگە سۇزۇلغان پايانسىز ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرى بولۇپ، بۇلار ئاسىيا قىتئەسىنىڭ بەل ئومۇرتقىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. چەكسىز كەتكەن بۇ زېمىندا شەرقتە قېدىرخان(ھىنگان) تاغلىرى، شىمالدا بايقال ۋادىسى، ئالتاي تاغلىرى، غەربتە ئىدىل (ۋۇلگا)دەرياسى، ھازەر (كاسپىي) دېڭىزى، جەنوبتا ھىندىقۇش، پامىر، قاراقۇرۇم ۋە قاراڭغۇ تاغ (كوئىنلۇن) تاغ تىزمىلىرى ۋە سېرىق دەريا بىلەن قايتىدىن قېدىرخان تاغلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان بۇ جايلار تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىدۇر. سۇلىرى ئەلۋەك، باغۇ – بوستانلىق، يەر ئاستى يەر ئۈستى بايلىققا تولغان بۇ زېمىن تارىختىن بېرى باشقا يۇرتتىكى قارا نىيەتلەرنىڭ ھەسەتخورلىقىغا ۋە ئاچكۆزلىك بىلەن نىيىتىنى بۇزۇپ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچراپ كەلدى. بۇنداق ۋاقىتلاردا قاغان – پادىشالىرىمىزدىن تارتىپ، ئاددىي خەلقىمىزغىچە بۇ ئەزىز دىيارنى ئاجايىپ باتۇرلۇق ۋە پىداكارلىق روھى بىلەن قوغداپ قالغان. ئەنە شۇنداق تاجاۋۇزچىلارغا قارىشى قەھرىمانلىرىمىزنىڭ بىرى ۋەتەنپەرۋەر،قەھرىمان يىگىت –  شىراقتۇر.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 513 – يىلى پارس ئىمپېرىيەسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ ھۆكۈمدارى دارا-1 تۇران زېمىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. بۇ دەھشەتلىك خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە پۈتۈن تۇران زېمىنىگە تارقىلىدۇ. ئۇرۇش تەييارلىقى باشلىنىدۇ. ئۇغۇزلارنىڭ بىر تارمىقى – پامىر ئىتەكلىرىدە ياشايدىغان قەبىلە- ساكلار ياۋغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا كېڭەش ئۆتكۈزۈۋاتقاندا، ياساۋۇل كىرىپ، بىر پادىچىنىڭ چېدىرغا كىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزىدۇ. بۇنداق بىر چوڭ كېڭەشكە ئاددىي بىر پادىچىنىڭ كىرىشنى تەلەپ قىلىشى سورۇن ئەھلىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ساكلارنىڭ قاغانى «باشلاپ كىر!» دەيدۇ. پادىچى كىرىپ قاغانگە ۋە يۇرت ئاق ساقاللىرىغا تازىم بەجا كەلتۈرىدۇ. سورۇن ئەھلى پادىچىنىڭ ۋىجىك بۇي-تۇرىقىغا، تىتىلىپ كەتكەن تېرە كىيىملىرىگە كۆز يۈگۈرتىشىدۇ.

  • ئاۋۋال ئۆزۈڭنى مەلۇم قىل! نېمە ئادەمسەن؟- دەيدۇ ساكلارنىڭ قاغانى.
  • مېنى شىراق دېيىشىدۇ، يۇرتۇم موز تاغنىڭ شەرقىي يايلاقلىرى،پادىچىمەن.
  • سۆزلە نېمە مۇددىئا بىلەن كەلدىڭ؟

شىراق يۇقىرى ئاۋازدا مۇددىئاسىنى بايان قىلىدۇ.تاجاۋۇزچى ئىران لەشكەرلىرىنى ئۆزى يالغۇز ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىش پىلانىنى كېڭەش ئەھلىگە چۈشەندۈرىدۇ. ئاقساقاللار شىراقنىڭ قەتئىي ۋە جەسۇرانە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، بىر – بىرىگە قارىشىدۇ، شىراقنىڭ خوتۇن – بالىلىرىغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

شىراق ياۋ مەنزىلىگە قاراپ يولغا چىقىپ، ئۆتكۈر خەنجىرى بىلەن بۇرۇن، قۇلاقلىرىنى كېسىپ، يۈزلىرىنى تىلىپ تاشلاپ، قان تەپچىپ تۇرغان ھالدا پارس شاھى دارانىڭ ئالدىغا كىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا داد ئەيتىپ: «مەن قېرىنداشلىرىمغا ئۇلۇغ شاھ دارا ئالىيلىرىغا ئەل بولايلى دېسەم، ئۇلار ماڭا مۇشۇنداق رەھىمىسىزلىك قىلدى، مېنىڭ ھالىمغا يەت، ساكلاردىن قىساس ئېلىشىمغا ياردەم بەرگىن!» دەپ، ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنى بىخەتەر يول بىلەن باشلاپ بېرىپ، ساكلار بىپەرۋا تۇرغاندا ھۇجۇم قىلىشقا كاپالەت بىرىمەن، دەپ دارا شاھنى ئىشەندۈرۇدۇ.

دارا شاھنى سۆزىگە ئىشەندۈرگەن شىراق ئۇنىڭ لەكمىڭلىغان لەشكىرىنى تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىگە باشلاپ ماڭىدۇ. يەتتە كېچە – كۈندۈز يۇل يۈرگەندىن كېيىن لەشكەرلەرنىڭ سۇ ۋە ئوزۇق – تۈلۈكلىرى تۈگەپ ھالسىزلىنىشقا باشلايدۇ. شۇ چاغدا لەشكەر قوماندانى ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىغىنى بىلىدۇ. باتۇر شىراق ئۆز مەقسىتىنىڭ بۇنداق توسالغۇسىز ئەمەلگە ئاشقانلىغىدىن قاتتىق ھاياجانغا چۆمگەن ھالدا: «مەن يەڭىدىم! يالغۇز ئۆزۈم ئانا تۇپرىقىم تۇران زېمىنىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى دەپنى قىلدىم. لەك مىڭلىغان تاجاۋۇزچى ئىران لەشكەرلىرىنى ھالاكەتكە ئېلىپ كەلدىم، پايانسىز قۇملۇققا دەپنە قىلدىم!» دەپ مەغرۇلۇق بىلەن خىتاب قىلىدۇ.

چەكسىز ئىزتىراپقا چۈشكەن تاجاۋۇزچى لەشكەر قوماندانى مەغرۇر قىياپەتتە قاراپ تۇرغان شىراققا قىلىچ چاپىدۇ. قەھرىماننىڭ قېنى ئانا تۇپراققا تۆكۈلۈپ، بېشى يۇمشاق قۇمغا كۈلۈپ چۈشىدۇ، ئانا زېمىن ئۇنى باغرىغا ئېلىپ، قۇم باراخانلىرى بىلەن ئابىدە تىكلەيدۇ!

بۇ بىر قەھرىمانلىق داستانى، مىللىي روھ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا يېزىلغان، بىر قېتىم ئوقۇپ چىقسلا مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان دەرسلىك. بۇنداق پىداكارلىق ھەركىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، لېكىن، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلالايدىغانلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. شىراقنىڭ مىللەت ۋە ۋەتەنگە بولغان پىداكارلىق روھى، ئۇنىڭ ئانا زېمىنغا تۆكۈلگەن قېنى بىزگە بىر بۈيۈك پىداكار مىللىي قەھرىماننىڭ شانلىق ئۆلگىسىنى تىكلەپ بىرىدۇ.

تارىخىمىزدا دۇنيا مەدەنىيىتىدە ئالەمشۇمۇل تۆھپە ياراتقان ئەبۇ ناسىر فارابى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەۋلانە لوتفى، كوماراجىۋا، ئەلشىر نەۋايى، ئەھمەد يۈكنەكى، سەككاكى، رەبغۇزى، مۇھەممەت سىددىق زەلىلى قاتارلىق ئالىملىرىمىز، پەيلاسوپ، شائىرلىرىمىز ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى بىلىملەر – پەلىسەپە، دۆلەتچىلىك،  جەمىيەتشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، گۇمانىتارلىق ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىلىم ھەقىقەتلىرىنى دۇنيا نەچچە ئون يىلدىن كېيىن تونۇپ يەتكەن. بۇ كىتابتا ئۇلارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى، ئالەمشۇمۇل ئوتۇق – نەتىجىلىرى تەسىرلىك ھېكايەتلەر ئىچىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن. بۇنىڭ بىلەن سىزنى چەكسىز پەخىرلىنىش ئىچىدە مىللەتنىڭ ھازىرى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىشقا يېتەكلىگەن. بۇ، كىتابنىڭ يەنە بىر مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرىپىدۇر.

«دۇنيادا مانا مۇشۇنداق شانلىق تارىخ، يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سەلتەنەتلىك دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان سەئىدىيە خانىدانلىقى 1678 – يىلى ئاپئاق خوجىنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن مۇنقەرز بولغاندىن كېيىنكى ئۈچ ئەسىردىن كۆپ ۋاقىت ئەڭ قاباھەتلىك يىللار بولدى. بۇ يىللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانچىلىغان ئەسىر جەريانىدا جۇغلانغان ئەقلى تەپەككۇر جەۋھەرلىرى خانى- ۋەيران قىلىندى. مەرىپەت، ئىلىم،- پەن مەركەزلىرى زاۋاللىققا يۈزلەندى. مىللەت گەۋدىسىنى نادانلىق، قاششاقلىق، ئۈمىدسىزلىك، ھەسەتخورلۇق قاپلىدى. مىللىي مەدەنىيەت، مىللىي مائارىپ قاتارلىق ھەر جەھەتلەردىن ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، نەتىجىدە ئۇيغۇرلار 19 – ئەسىردىن باشلاپ دۇنيادا ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈز تۇتتى.»- دەپ يازىدۇ مۇھەممەتتۇرسۇن كىتابىدا.

تارىختا ئۆتكەن سەلتەنەتلىك دۆلەتلىرىمىزنىڭ دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ غالىب كېلىشى بىلەن مەغلۇپ بولۇپ گۇمران بولغانلىرى يوق دېيەرلىك. مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزئارا ئىتتىپاقسىزلىق، ئىچكى نىزالاردىن كېلىپ چىققان جەڭگى – جېدەللەر بىلەن ئاجىزلاشقاندا ياكى خائىن مۇناپىقلارنىڭ ساتقۇنلىقى بىلەن پايدىسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ مەغلۇپ قىلىنغان.بۇ تارىخىمىزدىكى ئەڭ ئىبىرەتلىك ۋە ئەڭ ئاچچىق ساۋاقتۇر. كىتابتا تارىخى شەخسلەرنىڭ ھاياتى ئىچىدە بۇ مەزمۇن ناھايىتى روشەن گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

كىتابنىڭ 2 – قىسمى مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر دەمۇللامنى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلانغان. ئابدۇقادىر دەمۇللام ئۆز خەلقىگە قانداق قىلغاندا ئىسلام دىنىنى ھەقىقىي ماھىتى بىلەن توغرا يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زامانغا ئۇيغۇن يېڭىچە مائارىپ سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرغان، مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە قايغۇرغان مەرىپەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ئەللامە ئۇستاز ئىدى. ئۇ، تەسۋىرلىگىسىز نادانلىق، خار – زەبۇنلۇق ئىچىدە قايمۇقۇپ قالغان خەلقنى ئويغىتىش ئىمكانىيەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇمىي ئىسلاھات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىنچىلىكلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئىمكانلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئىدى.

كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ئابدۇقادىر دەمۇللامنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىدىن مەنچىڭ ئىشغالىيىتىن كېيىنكى قاتتىق ئاسارەت ئىچىدە قاششاقلىق ۋە نادانلىق ئىلكىدە قالغان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئابدۇقادىر دەمۇللام يېتەكچى بولۇپ باشلانغان ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى «جەدىدچىلىك» ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سىڭدۈرۈلگەن دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ غايەت زور قوزغىتىش رولى تارىخىمىزدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سابىت دەمۇللام ئابدۇقادىر دەمۇللام ئايرىم تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

يۈز يىللاپ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان مۇستەملىكە ئاسارىتىدىن مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلەر خەلقىمىزنى كۆپ نەرسىلەردىن – ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى بايلىقلىرىدىن مەھرۇم قىلدى. لېكىن، مىللىي غورۇرىدىن، مىللىي زۇلۇمغا قارىشى تۇرۇش ئىرادىسىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىدى. ئۇيغۇر خەلقى دۆلەت ئاتىسى سابىت دەمۇللامنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەرلىكتىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، تۈركىستان زېمىنىغا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تىكلىدى. بۇ، دۇنيادا قۇرۇلغان ئىسلامنىڭ كېڭەش پىرىنسىپى بىلەن جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسى ئىجابىي ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىدى. كىتابنىڭ مەشھۇر سىياسەتچى، بۈيۈك ئىسلام ئالىمى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سابىت دەمۇللامنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان قىسمىدا، تارىخىمىزدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە ئىخچام، چۈشىنىشلىك تارىخى مەلۇماتلار بېرىلگەن. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھازىرقى زامان دۆلەتلىرى شەكىللەنگەن، مىللىي چىگىرالار ئاساسەن مۇقىملاشقان بىر تارىخى شارائىتتا بارلىققا كەلگەن، پۈتۈنلەي شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەقلىگە ۋە كۈچىگە تايانغان، ئۆز مىللىتىمىز تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن دۆلەت بولۇپ، فۇنكسىيەلىك قۇرۇلمىلىرى تولۇق، بىر دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك ھەممە ئورگانلىرى، بەلگىلىرى، ئالامەتلىرى (ئاساسى قانۇنى، دۆلەت پروگراممىسى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گىرىبى قاتارلىق دۆلەتچىلىك سىمۋوللىرى) بولغان مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىنغان. خۇددى سابىت دەمۇللام «تارىخى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كېيىنكىلەرگە دەلىل يارىتىپ قويۇش» دېگىنىدەك ھازىرقى كۈندە سىياسىي دەۋايىمىزنىڭ پولاتتەك دەلىلى بولۇپ قالغانلىقى بىلەن تارىخىمىزدا قانچىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن .

گەرچە  شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قىسقىغىنا ۋاقىت دەۋر سۈرگەن  بولسىمۇ، دۆلەت ئاتىسى سابىت دەمۇللام ئىسلام شەرئىيىتى ۋە زامانىۋى دۆلەت تۈزۈلمىسى تەتبىقلانغان، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا جاكالاش ئارقىلىق،  ئەسىرلەر داۋامى ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دۆلەتچىلىك ئېڭى، ئازادلىق ئىستىكى ۋە مۇستەقىللىق روھىنىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىنى نامايان قىلغان. بۇ تارىخى پاكىت خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولمىغان» دېگەن سەپسەتىلىرىنى يېقىنقى زامان تارىخىي ئەمەلىيىتى بىلەن رەت قىلىپ، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ يۈرىگىنى ساقايماس جاراھەت قىلىۋەتتى. كىتاب ئاپتورى ئابدۇقادىر دەمۇللامنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشى ۋە مەغلۇپ بولۇشى ھەققىدە قىسقا، لېكىن خېلى مۇكەممەل مەلۇمات بېرىش بىلەن، بۇ تارىخنى ئەۋلادلىرىمىزغا بىلدۈرۈشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئۇيغۇر دۆلەتچىلىك ئېڭىنى سىڭدۈرۈشىمىزنىڭ زۈرۈرلىگىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسەتكەن.

ئەي پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قوتقازمىساڭ،

ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

بۇ، ئوت يۈرەك ئىنقىلاپچى، تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ زۇلۇم ۋە نادانلىق ئىچىدە غەپلەتتە قالغان ئۇيغۇر خەلقىگە قىلغان خىتابى ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، 1930 – يىللاردا جاللات ياڭ زېڭشىننىڭ ئۇيغۇرلارغا «مائارىپنى بەرمەسلىك»، «نادانلىقتا قالدۇرۇش» ۋە «ئىشىكنى تاقىۋېلىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشى داۋامىدا غەپلەتتە قالغان خەلقنى ئىدىيە جەھەتتىن ئويغۇتۇشنى، مىللىي قەدىرىيەتلەر بويىچە تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى  مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ بىرىنچى قەدىمى دەپ قارىغان ئىدى. كىتابتا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ خەلق ئىشلىرىغا بولغان پىداكارلىقى، ئۇنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قانلىق قىلىچى ئالدىدىمۇ باش ئەگمەي باتۇرلارچە شېھىت بولغانلىقى ناھايىتى جانلىق تەپسىلاتلار ئارقىلىق تونۇشتۇرۇلغان ۋە بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ، 1931 – يىللىرى قوزغالغان قۇمۇل خەلق ئىنقىلابى ۋە خائىنلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن بۇ ئىنقىلابنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇلىشىدىن بېرىلگەن مەلۇماتلار ئاچچىق ساۋاق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كىتابتا، 1934 – يىلدىن 1937 – يىلغىچە ئىزچىلار قوشۇنىنى باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاجايىپ تەسىر پەيدا قىلغان، مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى يورۇتۇپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن پارلاق سەھىپىلەرنى ئاچقان مائارىپ سەركەردىسى مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى تونۇشتۇرۇلغان سەھىپىلەردە، مەمتېلى تەۋپىقنىڭ ئىلىم – پەن بىلەن خەلقنى ئويغىتىش غايىسى ۋە بۇ جەھەتتە قىلغان ئاجايىپ پىداكارانە خىزمەتلىرى يېزىلغان. مەمتېلى تەۋپىق جىددىي تۇتۇش قىلىپ ئاتۇشتا 3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدۇ.ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدىكى مائارىپ ھەرىكىتى قىسقىغىنا 6 ئاي ئىچىدە گويا قاراڭغۇ زۇلمەتتە يانغان مەشئەلگە ئايلىنىدۇ. ئۇ تەربىيەلەپ چىققان «ئىزچىلار» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ھەرتەرەپكە تارقىلىپ، ئاقارتىش ۋە تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە 24 مەكتەپ ئېچىلىپ، ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچىدۇ. تەلىم – تەربىيەنى مەقسىتى ئېنىق ھالدا، مەلۇم ئۈنۈمىگە يېتىشنى كۆزلەپ، نەتىجە ياراتقىدەك ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭلاشقا، مەمتېلى ئەپەندى تەربىيەلىگەن ئىزچىلار قوشۇنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جاي – جايلىرىدا ئەۋلاد تەربىيەلەشنىڭ پىداكارلىرىغا، خەلق ئىنقىلابىنىڭ ئاۋانگاردلىرىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار سالغان ئىز بىلەن ئېچىلغان يوللار كۈنىمىزگىچە داۋام ئېتىدۇ. بۇ يوللار ئۇزۇن يوللار، دەھشەتلىك پاجىئەلەرگە، قانلىق قىرغىنچىلىققا تولغان يوللار، باتۇرلۇق بىلەن قارىشىلاشقان، باش ئەگمەي جان تىكىپ ئېلىشقان ئەزىمەتلەر ماڭغان يوللار ئىدى.

1937 – يىلى 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى جاللات شىڭ شىسەي سىتالىننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قەشقەر ياۋاغ تۇرمىسىگە قاماقلىق مەمتېلى ئەپەندى باشلىق 300 نەپەرگۇناسىز سىياسىي مەھبۇسنى ئوققا تۇتۇپ قىرىپ تاشلاپ، جەسەتلىرىنى كىرسىن چېچىپ كۈيدۈرىۋىتىدۇ. كىتابتا تەسۋىرلەنگەن بۇ پاجىئەلىك كۆرۈنۈش ھەممىمىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس بىرساۋاق، مىللىي روھ تەربىيەسىدە ئاچچىق ئەسلىمە ئىدى.

كىتابتا، 1933 – يىلدىكى خوتەن قوراللىق قوزغىلىڭىنىڭ باش قوماندانى، 1933 -يىلى 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى قۇرۇلغان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، ھەم قەلەم بىلەن، ھەم ئەلەم بىلەن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە مەشھۇر سىياسەتچى ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن ئەگرى توقاي يوللاردىكى سىياسىي تۇقۇنۇشلار، قانلىق جەڭلەر، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر، خاتالار ۋە ئاچچىق ساۋاقلار تارىخى رېئاللىققا سادىقلىق بىلەن تونۇشتۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئىنقىلاب قوشۇنىدا زامانىۋى بىلىمگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بولغانلىقىنى تونۇپ، ياشلارنى ئوقۇتۇپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىگى، گېزىت، جۇرىنال نەشر قىلىش ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مىللىي ئويغىنىش ۋە مىللىي سەۋىيەنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىغى  نۇقتىلىق ھالدا يېزىلغان. مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ 1944 – يىلى مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى «داگوڭباۋ»دا ئىلان قىلىنغان «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركىستان» ۋە «شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركتۇر» دېگەن ماقالىلىرىنىڭ ئىجابىي تەسىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا يازغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» دېگەن چوڭ ھەجىمدىكى كىتابىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئاتاقلىق تارىخى شەخس مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كۈرەش يۆنىلىشى ۋە مەپكۇرىسى تونۇشتۇرۇلغان.

ئەسىرلەر داۋام ئەتكەن مۇستەملىكە ئاسارىتىدە خەلقىمىز جاھالەت ئىچىدە نادانلىق، نامراتلىق، خۇراپاتلىق ئىسكەنجىسىدە قالدى. لېكىن خەلقىمىز دىنى ئېتىقادىنى، مىللىي غۇرۇرىنى يوقۇتۇپ قويمىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىگە ھەر ۋاقىت، ھەر زامان قارىشى تۇرۇپ كەلدى. ئارقا – ئارقىدىن كۆتۈرۇلگەن قوزغۇلاڭلار بىر – بىرىگە ئۇلۇشۇپ، ئاخىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى قاپلىغان مىللىي ئىنقىلاپقا ئايلاندى، 1944 – يىلى 11 – ئاينىڭ 12 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكالاندى. ئۇيغۇرلار يېقىنقى زاماندا يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىككىنچى رەئىس جۇمھۇرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھاياتى پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلغان سەھىپىلەردە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ كۆتۈرۈلىشى، ئىنقىلاب جەريانىدىكى ئەگرى – توقايلىقلار، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھىلىگەرلىگى، ساتقىن، خائىنلارنىڭ مۇناپىقلىقى، ئىنقىلاب مەغلۇبىيىتىنىڭ سەۋەبلىرى تارىخى ماتېرىياللار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ قۇرلار ئارىسىدىن چىقىپ تۇرغان «نېمە ئۈچۈن»لەر بىزنى، ئەۋلادلىرىمىزنى ئويلىنىشقا، ئىزدىنىپ جاۋاب تېپىشقا يېتەكلەيدۇ.

ئاپتور تارىخى شەخسلەرنى يازغاندا كۆپ مەنبەلىك ماتېرىياللارغا مۇراجىئەت قىلغان. ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ، توغرىسىنى تاللاش ئۈچۈن يىللاپ – يىللاپ ۋاقىت سەرپ قىلغان. ئاپتورنىڭ مۇنداق كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىشى، تولۇقلىشى ئارقىلىق تارىخى شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ شان – شەرەپلىرى ۋە نام – نومۇسلىرى بىلەن، ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە خاتالىقلىرى بىلەن، ھەم ئۈلگىلىك، ھەم ئىبىرەتلىك ئادىمىلىكى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ ۋە بىزگە كۆپ تەرەپتىن دەرس ۋە ساۋاق بېرىدۇ.

تارىختا بىز كېرەكلىك بولغان كۆپ نەرسىلىرىمىزنى يوقۇتۇپ قويدۇق، قانچە قېتىم پايدىلىق پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدۇق. خاتالار قانچە قېتىم تەكرارلاندى، ساۋاق ئالمىدۇق، ئىبرەت ئالمىدۇق. چۈنكى بىز تارىخنى ياخشى ئۈگەنمىدۇق، تارىخى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ ئۆزگەرتىپ تۇرۇشنىڭ يولىغا كېرەلمىدۇق. مىللەتنىڭ مەۋجۇت شارا ئىتتىكى رېئال ھالىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، مىللىي مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي مەنپەئەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش مەقسىتىدە بىر نىشان ئەتراپىغا زىچ ئويۇشالمىدۇق. ۋۇجۇدىمىزدا مىللىي روھ ياكى ئەمەلىيەتتىكى مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە پىداكارلىق تۇيغۇسى ئەسلى مەنىسى بىلەن تولۇق يىتىلمىدى. بۇ كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان مىللىتىنى سۆيگەن، ۋەتىنىنى جاندىن ئېزىز بىلگەن ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىدىكى شان – شەرەپلەر، مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى ۋە بۇ جەرياندىكى مىللىي مۇناپىقلارنىڭ رەزىللىگى،خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەھشىلىگى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىن ھەممىمىزگە ياخشى دەرسلىك بولالايدۇ. ھەر قانداق كىشى پەقەت مىللىي روھ بىلەن مىللەتكە باغلانغاندىلا ئاندىن مىللەتنىڭ ھەقىقىي بىر ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1949 – يىلى 9 – ئايدا كوممۇنىست خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن كېيىن ئەھۋالىمىز تېخىمۇ يامانلاشتى. چۈنكى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن ھەرقانداق تاجاۋۇزچى، ھەرقانداق مۇستەملىكىچىگە ئوخشىمايدىغان قارانىيەت، ئىچ – ئىچىدىن قۇۋلۇق، شۇملۇق چىقىپ تۇرىدىغان، ئىنتايىن ۋەھشىي، قانخور ھاكىمىيەت ئىدى. ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنى تارىخ سەھنىسىدىن ئۈزۈل – كېسىل يوقۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈلۈك يۇتۇۋېلىشنى پىلانلىدى. تۈگىمەس سىياسىي دولقۇنلاردىكى تازىلاشلار، باستۇرۇش، قولغا ئېلىشلار، ئۆمۇرلىك سىياسىي رېجىم، روھى سۇندۇرۇشلار، مۇستەملىكە مائارىپى ۋە ھەرخىل تەلىم – تەربىيە نامى بىلەن پىلانلىق، قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مېڭە يۇيۇش، خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلمەي، كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى ئوقۇپ چىقسىڭىز، خەلقىمىزنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە ئىزچىل قارىشى تۇرۇپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئاجايىپ تەسىرلىك ھېكايىلەر سىزنى چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە قىلىدۇ.

كىتابنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىنىرالى مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوفنىڭ ھاياتى پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلغان قىسمىدا شەرقىي تۈركىستاننى تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۈزۈل – كېسىل مۇستەقىل دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلانغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ كۈرەشلىرىگە ئېتىبار بېرىلگەن ۋە بۇ ھەقتە ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف سىياسىي پرۇگىراممىسى ئېنىق ۋە مۇستەھكەم تەشكىلى قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان، 1960 – يىللاردا ئەزا سانى ئىككى مىليونغا يېقىنلىشىپ، 78 ئاساسى قاتلامغا كېڭەيگەن جەڭگىۋار پارتىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىتاي باسقۇنچىلىرىگە قارىشى قوراللىق قوزغىلاڭغا تەييارلىق قىلىدۇ. 1969 – يىلى 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىدۇ. لېكىن، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە ئۈچ كۈن قالغاندا ئۇلار ئىشەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ساتقۇنلارنىڭ مۇناپىقلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ بارلىق پىلانلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن خىتاي باسقۇنچىلىرى جىددىي ھالدا زامانىۋى قوراللانغان نەچچە يۈزمىڭ ئەسكەر يۆتكەپ، بىرلا ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى 15 شەھەردە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك قورشاۋغا ئېلىش ئارقىلىق زور كۆلەمدە باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.  بۇ قېتىمقى باستۇرۇش، تۇتقۇن قىلىشتا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ 78 نەپەر رەھبىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ ئىجرا قىلىدۇ، شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋە بىگۇناھ پۇقرا بولۇپ  62 مىڭ ئادەمنى تۇتقۇن قىلىپ جازالايدۇ. مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف مەخپىي ھالدا دوختۇرخانىدا زەھەرلىك ئوكۇل بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. گەرچە قەشقەردىكى پولكۇۋنىك ئاخۇنوف، مىجىت قوماندانلار قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، تەڭسىز جەڭدە كۆپ قىسمى قەھرىمانلارچە شېھىت بولىدۇ، قالغان قىسمى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئېتىپ تاشلىنىدۇ.

كىتابتا گىنىرال مۇھەممەتئىمىن ئىمىنوف، پولكۇۋنىك ئاخۇنوف ۋە مىجىت قوماندانلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرغاندا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى خەلق پارتىيەسى ھەققىدە خېلى كۆپ كىشىلەر ھازىرغىچە تولۇق خەۋەر تاپمىغان مەلۇماتلار يېزىلغان. خەلقىمىزنىڭ خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارىشى پىداكارلىق بىلەن ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ ئىزچىللىقى، مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرى، تەكرارلانغان تارىخى ساۋاقلار، بۇ تۈپەيلى خەلقىمىز باشتىن كەچۇرگەن بالايى – ئاپەت، قانلىق كەچمىشلەر كىشىنىڭ ئىسىدىن چىقمىغىدەك ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر ئىچىدە كۆرسىتىپ بېرىلگەن:

خىتاي كوممۇنىسىت تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى خەلق پارتىيەسى مەكىت ئىنقىلابچىلىرىنىڭ رەھبىرى روزى ھېكىم بىلەن مۇھەممەتئىمىن قادىرغا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغاندا روزى ھېكىمنى جازا مەيدانىغا ماشىنا بىلەن ئېلىپ بارغىچە ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ – چەيلەپ قىيناپ ئۆلتۈرىدۇ. چەمبەرچاس باغلانغان  مۇھەممەتئىمىن قادىرنى جازا مەيدانىدا ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، تەرەپ – تەرەپتىن ئۆلمەيدىغان يېرىگە ئوق ئېتىپ، ئۇنىڭ ئوق تەككەندە يىقىلىپ، قانلىرى چاچرىغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇشىنى ۋە يەنە ئوق يەپ يىقىلىپ، قانلىرى چاچرىغان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ غەزەپ بىلەن ئېتىلغان كۆرۈنىشىنى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل ئىچىش ئويۇنى قىلىپ، ئوق تېگىپ يىقىلغاندا قاقاقلاپ كۈلۈشۇپ، بىر – بىرىگە شەرەت قىلىشىپ، ئۆچرەت بىلەن نىشان ئېلىپ، 16 پاي ئوق بىلەن ۋەھشىيلەرچە قىيناپ ئۆلتۈرىدۇ. جەسەتنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن مۇھەممەتئىمىن قادىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەتراپ قان بىلەن تولغان بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ 14 ياشلىق سىڭلىسى قانغا پاتقان ئاكىسىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىغىنىچە يۈرىكى يېرىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. بىر جەسەتنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەنلەر  ئىككى جەسەتنى ئېلىپ قايتىدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان، بۇنداق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىلىك بىز ئۈچۈن، ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن مەڭگۈ ئەستىن چىقىرىپ بولمايدىغان تارىخى ئۆچمەنلىكنىڭ، ئەبەدىي قىساسكارلىقنىڭ، ئۇنتۇلماس غەزەپ -نەپرەتنىڭ ئاجايىپ جانلىق دەرسلىكىدۇر. بۇنداق دەرسلىك ئارقىلىق مىللىي روھ تىكلىنىدۇ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇلغۇيىدۇ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى مىللىي ئۇيۇشچانلىق كۈچىيىدۇ.

تېخىچە، تارىخچىلىرىمىز تەرىپىدىن ئۆزىمىزنىڭ تارىخى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنىپ يېزىپ چىقىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، تارىخىمىزنى تارىخى شەخسلەرنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى ئىچىدە ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بىزگە ناھايىتى چوڭ مەنپەئەت بېرىدۇ. مۇھەممەتتۇرسۇن ئەمەت بۇ كىتاب ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى جىددىي خەۋەپكە دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولغان ئەۋلاد تەربىيەلەشكە ياندىشىپ، دەل مۇشۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى 70 يىلدىن بۇيان ھەركۈنى دېگۈدەك تاجاۋۇزچى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قانلىق بەدەل تۆلەۋاتىدۇ، مۇستەملىكىنى، قۇللۇقنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى جانلىرىنى ۋە ماللىرىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ. كىتابتا يېزىلىشىچە، 1949 – يىلدىن 2009 – يىلغىچە بولغان 60 يىل جەريانىدا تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىشى  ئۇيغۇرلارنىڭ 420 قېتىمدىن ئارتۇق قارىشىلىق ھەرىكىتى كۆتۈرۈلگەن.

كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان مىللىي قەھرىمان زەيدىن يۈسۈپ رەھبەرلىكىدىكى بارىن قوراللىق ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مۇستەملىكىچى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىشى ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ئىنقىلابلارنىڭ بىرسى بولۇپ، غايە، مەقسەت، نىشانى ئېنىق بولغان، تەسىرى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قوراللىق ئىنقىلابتۇر. زەيدىن يۈسۈپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنى قۇرۇپ، تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ، ئالدى بىلەن، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۇغۇت چەكلەش ۋە خىتايلارنى تۈركۈملەپ كۆچۈرۈپ كېلىش سىياسىتىگە قارىشى تۇرۇش شوئارى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ خەلقنى قوزغايدۇ، پارتىيە ئەزالىرى بىر يېزىدىلا 500دىن 700گىچە تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇلار ھەر خىل يوللار بىلەن قوراللىنىپ، قوراللىق قوزغۇلاڭغا تەييارلىق قىلىدۇ. قوزغۇلاڭ ۋاقتىمۇ بەلگىلىنىدۇ، بىراق، تارىختىن بىرى تەكرارلىنىۋاتقان ھەر قېتىمقى مەخپىي ھەرىكەت ۋە ئىنقىلاپلىرىمىزنىڭ پاش بولۇپ قالغىنىغا ئوخشاش، بۇ قېتىممۇ خائىنلارنىڭ ساتقۇنلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى پاش بولۇپ قالىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان، تىك ئۇچار، تانكا، بىرونېۋىك، توپچى قىسىملار ماسلاشتۇرۇلغان 24 مىڭ 454 ئەسكەر بىلەن بارىن يېزىسىنى قورشاۋغا ئېلىپ، قوزغۇلاڭچىلارنى ۋە بارىنلىق دېھقانلارنى دەھشەتلىك ھالدا باستۇرىدۇ، بەزى ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە قىرىپ تاشلايدۇ. ئىنقىلاپچىلار گەرچە دۈشمەن ئەسكىرى كۈچى ئۆزلىرىدىن نەچچە ئون ھەسسە ئارتۇق بولسىمۇ تىز پۈكمەي، دۈشمەنگە قارىشى بەش كېچە – كۈندۈز جەڭ قىلىدۇ. بۇ تەڭسىز جەڭدە (خىتاي  مەلۇماتى بۇيىچە) 232 قوزغۇلاڭچى شېھىت بولغان، 289 قوزغۇلاڭچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە قاماق جازاسى بېرىلگەن، بۇنىڭدىن باشقا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 10 ناھىيە، شەھەردىن 2000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاماققا ئېلىنىپ جازالانغان. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلىرىنىڭ جەسەتلىرىنى بەش يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن توشۇپ ئېلىپ كەتكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى، بارىن ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، تونۇلغان مىللىي قەھرىمان زەيدىن يۈسۈپ قوزغىغان قوراللىق ئىنقىلاب زۇلمەت باسقان شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا قاراسلاپ چاققان چاقماقتەك چاقناپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى ئالاقزەدە قىلىۋەتتى، خەلقىمىزنىڭ مەڭگۈ باش ئەگمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. مۈگۈدەۋاتقان قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ، مۇستەملىكە ئاسارىتىنى بىر قېتىم، ياق، مىڭ قېتىمغا تەڭ سىلكىپ تاشلىدى.

كىتابتا مۇشۇنداق مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق مىللىي روھنىڭ ئويغىنىشى، تەربىيەلىنىشى، ئىشغالىيەتكە قارىشى قوزغىلىپ چىقىشى ۋە بۇ قوزغۇلۇشلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارغا بولغان تەربىيەۋى ئەھمىيىتى جانلىق كۆرۈنۈشلەر ۋە قەھرىمانلىق ھېكايىلىرى ئارقىلىق ئاددىي لېكىن ناھايىتى ئۇقۇمۇشلۇق تىل بىلەن تەسىرلىك ھالدا بايان قىلىنغان. شۇڭا بۇ كىتاب چوڭلارغىمۇ، ياشلارغىمۇ، ئۆسمۇرلەرگىمۇ ماس كېلىدىغان، ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تارىخىمىزنى ئۆگىنىش ۋە مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈشنىڭ دەستۇرى بولالايدىغان ئەتىۋالىق كىتاب بولۇشقا ئەرزىيدۇ.

كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن تارتىپلا مىللىي روھنى سۇندۇرۇپ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش پىلانىنى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا چوڭقۇرلاشتۇردى. لېكىن، مىللىتىمىزنىڭ سەرخىللىرى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك، سىياسىي رېجىم ۋە نازارەتنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي مىللىي روھنى ئويغىتىش، تەربىيەلەش، قوزغىتىش ۋە مىللەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىغا قارىشى كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش يولىدا ئۇنتۇلماس خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. كىتابتا تونۇشتۇرۇلغان قەھرىمان مۇجاھىتلارنىڭ ئۇستازى ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىم، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى زۇنۇن قادىرى، ئەھمەد زىيائى، ئىبراھىم تۇردى، زىيا سەمىدى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، تۇرغۇن ئالماس، ئابباس بورھان، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن قاتارلىقلارنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى، ئۇلار بېسىپ ئۆتكەن دەۋردە قالدۇرغان ئىزلار، ئۇلار ئىجاد ئەتكەن ئەسەرلەر تارىخىمىزنىڭ ئۇنتۇلماس پۈتۈكلىرى بولۇپ قالدى. بۇلار، بىز ئۈچۈن، ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن «بىز كىم ئىدۇق، كىم بولۇۋاتىمىز ۋە كىم بولۇشىمىز كېرەك»لىكىنى بىلدۈرىدىغان ناھايىتى ياخشى تارىخ دەرسلىكى. بۇ ئۈچمەس ئىزلار «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتابتىن ئورۇن ئالغان  ۋە كەلگۈسىگە نىشان بەرگەن.

بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققان ئادەمدە تەبىئىي ھالدا بىر سوئال پەيدا بولىدۇ: بۇ كىتاب تارىخىمىزدا ئۆتكەن، ئالەمشۇمۇل شان – شەرەپ قازانغان  ئىمپېراتور، خاقانلارنى، ئۆلىما، ئالىملارنى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلىنىپ، پىداكار ئىنقىلاپچى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ؟ ئالەمشۇمۇل شان – شەرەپ قازانغان ئىمپېراتور، خاقانلىرىمىز ۋە ئۆز دەۋرىدىلا ئەمەس، ھازىرمۇ شان – شۆھرىتى ۋە قىممىتىنى يوقاتمىغان بىلىمدانلىرىمىزدىن بىز نېمىشكە شۇنچە ئۇزاقلىشىپ قالدۇق ۋە نېمە ئۈچۈن بۇ شان-شەرەپلىك تارىخ ئۈزۈلۈپ قالدى؟». بۇ ھەقىقەتەن ھەممىمىزنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ۋە جاۋاب تېپىشقا ئۈندەيدىغان ۋەزنى ئېغىر بىر  مەسىلە. بۇ مەسىلە ئۈستىدە پىكىر قىلىش ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرۇلدى، ماقالىمىزدا ئەتراپلىق توختالمىدۇق.

مەن يېزىپ شۇيەرگە كەلگەندە كۈڭلۈمدىن چاقماق چاققاندەك يالتىراپ بىر  خىيال كەچتى، بىر پىداكار قەھرىماننىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى، ئارىمىزدىن، كۆرەڭلەپ كەتكەن تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ قولىدىن دۇنيا ئولىمپىك مەشئىلىنى  تارتىۋېلىپ رەسۋا قىلىش ئۈچۈن ئارىسلاندەك ھۇجۇم قىلغان بىر تاغ يۈرەك باتۇر  چىقتى! ئۇ يەنە تاجاۋۇزچى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېنزىن بومبىسى ئېتىپ كۈيدۈرۈپ تاشلاپ، دۇنيانى زىل-زىلىگە سالدى. مەن بۇ قورقماس ئۇيغۇرنى يېزىش كېرەك، دەپ ئويلىدىم. بىلىمەن، بىزدە ھاياتلار قەھرىمان بولالمايدۇ، قانچىلىك مەردانىلىق كۆرسەتمىسۇن، ئۇنى ماختاپ قويسىڭىزلا، ئۇنىڭ «يېغىرىنى» ئاچىدىغانلار كۆپ بولىدۇ. كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق، پاساتچىلىق بەدىرەڭ تىكەنلىك گۈل بولۇپ يېغىپ كېتىدۇ. شۇڭا، بىزنىڭ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ھايات قەھرىمانلىرىمىز ۋە بېشى ئۆزىمىز تەرىپىدىن يېرىلمىغان يېتەكچىلىرىمىز يوق دېيەرلىك. بۇ بىزگە مۇستەملىكە ئاسارىتى يۇقتۇرغان كېسەللىك، خەير، بۇ كېسەلدىنمۇ قۇتۇلارمىز. يازىدىغانلىرىم ھەقىقەت بولغاچقا پىكرىمنى ئۆزگەرتمىدىم. «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» كىتابىنىڭ ئاپتورى، مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ باتۇر جەڭچىسى مۇھەممەتتۇرسۇن ئەمەت ئۇيغۇرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بۇ ماقالىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولدۇم. لېكىن مەشھۇر ئۇيغۇرلار ئاخىرلاشمايدۇ، «100 مەشھۇر ئۇيغۇر»نى يازغان ئاپتورنىڭمۇ يۈرىكى سۇقۇشتىن توختىمىغىچە  قەلىمى تىنمايدۇ!

 

مۇستەقىللىق دەۋاسىدىكى قورقماس جەڭچى – مۇھەممەتتۇرسۇن ئەمەت

 

مۇھەممەتتۇرسۇن ئەمەت 1968 – يىلى 4- ئاينىڭ 14 – كۈنى كۇچا كونىشەھەردە تۇغۇلغان. 1975 – يىلدىن 1983 – يىلغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. لېكىن، مۇستەملىكە مائارىپى ئۇنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇشىغا پۇرسەت بەرمىگەن. مۇستەبىت تۈزۈمدە يەكلەنگەن ياش مۇھەممەتتۇرسۇننىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى نارازىلىق بىلىنىپ تۇرغاچقا، تاجاۋۇزچى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن گۇمانلىق شەخس دەپ قارىلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بىر قانچە قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. خىتاي غالچىلىرىنىڭ قاتتىق نازارىتى ۋە خالىغانچە تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلىشلىرى، غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامالسىز ھالدا ئەزىز ۋەتىنىنى تاشلاپ، ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

مۇھەممەتتۇرسۇن ئەمەت 1997 – يىلى قىرغىزىستانغا چىقىپ، كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن. 1998 – يىلى ھەجگە بېرىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل چەمبەرلىتاشتىكى «كارىزما كۇيۇمچۇلۇك» (زەرگەرلىك) شىركىتىدە ئىشلىگەن. كېيىنچە ھەرخىل كەسىپلەربىلەن شۇغۇللانغان. مىڭ بىر مۇشەققەتتە توققۇز يېرىم يىلدىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن تۈركىيەدە جەم بولالىغان.

مۇھەممەتتۇرسۇن ئەمەت چەتئەلگە ھىجرەت قىلىپ چىققاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەتچى بولدى، لېكىن بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي – چوڭقۇرى كۆپ بولدى. ئەمما، ئۇ بوش كەلمىدى، ھەتتا خېلى زور ھەرىكەتلەرنى ئۆزى يالغۇز ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلدى. 2008 – يىلى 8 – ئايدا تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئىلى 4 – ئاينىڭ 3 – كۈنى (پەيشەنبە) ئىستانبۇلدىكى گالاتا كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈۋاتقاندا مەشئەلنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغان. قورقۇپ كەتكەن خىتايلار مەشئەلنى باشقا يوللار بىلەن ئېلىپ قاچقان.

2008 – يىلى 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى (جۈمە) بېيجىڭدا خىتاينىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى باشلانغان كۈنى، تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى نامايىش جەريانىدا ئۆزىگە بېنزىن چېچىپ ئوت ياققان. نەتىجىدە تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ۋە تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە بىر كۈن ئىچىدە ئىككى دانە «ئولىمپىك مەشئىلى» يانغان. بۇ ئەينى يىللىرى دۇنيادىكى 1 – دەرىجىلىك خەۋەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، 3200 دىن ئارتۇق تېلېۋىزور قاناللىرى تەرىپىدىن تارقىتىلغان. بۇ ۋەقە تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زەربە بەرگەن.

مۇھەممەتتۇرسۇن 2009 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنى كەچتە، خىتاي ۋاقتى بىلەن 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئەنقەرەدىكى تاجاۋۇزچى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېنزىن بومبىسى ئېتىپ، ئەلچىخانىنىڭ 3 – قەۋىتىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. ئۇ نەق مەيداندا تۈركىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان. 3 ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن بەش يىللىق كېسىلگەن. 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى باشقا ۋەقە سادىر قىلماسلىق شەرتى بىلەن تۈرمە جازاسىنى ئۆيىدە ئۆتەش ئۈچۈن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن.

مۇھەممەتتۇرسۇن مۇستەقىللىق دەۋاسى ئېلىپ بېرىشتا ئالدى بىلەن خەلقىمىزدە مىللىي ئاڭ، مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىغىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، شۇ تەلەپكە لايىق كېلىدىغان بىر كىتاب يېزىپ چىقىشقا بەل باغلىدى.ئۇ پىداكارلىق بىلەن ئىنقىلابى ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش جەرياندا بىر مۇھىم مەسىلىنى يەنى مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزدە ئۆزىمىزنى، ئەۋلادلىرىمىزنى تەربىيەلەشنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇھىم مەسئىلە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى، گەرچە ئۇ مۇنتىزىم تەربىيە ئالغان تارىخچى ياكى يازغۇچى بولمىسىمۇ بۇ ئىشنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يەنە بىر مەردانە قەدەم تاشلىدى. 2009 – يىلى 6 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن باشلاپ «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق بۇ كىتابىنى يېزىشقا كىرىشىپ، 9 يىلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاپ كىتابخانلار بىلەن يۈز كۈرۈشتۈردى. ئۇ ھېلىھەم مۇستەقىللىق دەۋا كۈرىشىمىزنىڭ ئالدىنقى سېپىدە مىننەتسىز، داۋراڭسىز پىداكارانە روھ بىلەن خىزمەت قىلماقتا.

ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ۋە ئۈمۈتۋارلىقى چاقناپ تۇرغان تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى ماقالەمدە ئۆز تىلى بىلەن تەكىتلەشنى توغرا تاپتىم:

«ئۇيغۇرلارناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، مەدەنىيەتلىك بىر مىللەتتۇر.ئۇيغۇرلار مانا شۇ كۆپ ئەسىرلىك تارىخىي دەۋرلەردە، مەركىزىي ئاسىيادا قۇدرەتلىك سىياسىي كۈچ بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي، جۇغراپىيەلىك تارىخىنى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.

دۇنيادا مانا شۇنداق شانلىق تارىخ، يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى 68 يىلدىن بۇيان كوممۇنىست خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرلەر بويى دەۋر سۈرگەن شانلىق تارىخىنى، بۇ تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ۋەتىنىدە شۇنداقلا دۇنيا تارىخىدا ئۆچمەس نام قالدۇرغان مەشھۇر شەخسلەرنى بىلىشتىنمۇ مەھرۇم قالدى. نەتىجىدە، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر خەلقى خىتايلار غەرەزلىك ھالدا يېزىپ بەرگەن يالغان تارىخلارنى ئوقۇپ ئېغىر دەرىجىدە قايمۇقۇش ئىچىدە قالدى. ئەڭ ئالىي ئورۇنغا قويۇپ كەلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك، دۆلەتچىلىك ئېڭى، مىللىي روھ، مىللىي غۇرۇرى ئاجىزلىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقى بۇزۇلدى. ئۆز ئارا مېھرى – شەپقەتنىڭ ئورنىنى ھەسەتخورلۇق، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك ئىگىلىدى .

تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتى 1990- يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقىگە تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە مىسلىسىز ئېغىر زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر خەلقى بۇ تارىختىن باشلاپ، تىلى، يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى قاتارلىق ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇر خەلقى 21 – ئەسىرنىڭ باشلىنىشى بىلەن تېخىمۇ ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلىشكە باشلىدى. ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ھايات – ماماتلىق، خاراكتېرى كەسكىن بولغان شەپقەتسىز سىناق بولۇپ، ئەگەر ئۇيغۇر خەلقى تەخىرسىز ھالدا ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە جىددىي ئويلانمىسا، پۈتۈن خىيالى دېموكراتىيە شوئارى ئاستىدا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەپىلىشىش بىلەن قالغان دۆلەتلەر بىلەن تولغان دۇنيادىن نام – نىشانسىز يوق بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى يوق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ئالدى بىلەن زىيالىيلىرىدىن باشلاپ <بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟> دېگەن سوئالنى ئۆزىگە قويۇشى كېرەك!

بىز ئالدى بىلەن خەلقىمىزدە مىللىي ئاڭ، مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم. ئۆز ئىچىمىزدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا قۇرۇلغان، دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن، شانلىق ئىمپېرىيە ۋە دۆلەتلىرىنىڭ بولغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ باشقا دۆلەت ۋە مىللەتلەردەك دۇنياۋى ئالىم ۋە مەشھۇر شەخسلىرىنىڭ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. خەلقىمىزنى مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي پاكىتلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تارىخى بىلەن يۈزلەشتۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئۆز- ئۆزىگە ئىشىنىشكە، ئۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتىنى بىلىشكە، كەلگۈسى تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتەكلەش كېرەك».

دېمەك، «100 مەشھۇر ئۇيغۇر» دېگەن كىتاب تارىخىمىزدا ئورۇن ئالغان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھاياتى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنى ئىخچام، جانلىق يورۇتۇپ بەرگەن، بالىلىرىمىزغا ياخشى ئۇقۇشلۇق بولىدىغان قۇرال كىتاب.  ئاپتور مۇھەممەتتۇرسۇن ئەمەتنىڭ خەلقىمىزدە مىللىي ئاڭ، مىللىي روھنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، خەلقىمىزنى ئەمىلى پاكىتلار ئارقىلىق تارىخقا يۈزلەنتۈرۈپ، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنىڭ قەدىر قىممىتىنى بىلىش، كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە يېتەكلەش لازىم، دېگەن ئىدىيە بىلەن بۇ كىتابنى روياپقا چىقىرىشى  ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ھەر بىر ئۇيغۇر  ئائىلىسىدە بالىلىرىمىزغا ھەركۈنى بىر مەشھۇر ئۇيغۇرنى ئوقۇپ تۇنۇتساق 100 كۈندە تارىخىمىزنى بالىلارنىڭ ئىسىدىن چىقمىغۇدەك رىيال، جانلىق كۆرۈنۈشلەر ئىچىدە ئۈگۈتۈشكە مۇيەسسەر بولغىدەكمىز. بۇ ھازىرقى ھاياتىمىزدا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسئىلە. چۈنكى، تەربىيەلىنىشكە ۋە تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بەرمىگەن مىللەت ھەرقانداق پۇرسەتكە تەييار بولالمايدۇ. بۇ مەسئىلە مۇستەقىللىق دەۋاسىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم مەسئىلىدۇر. بۇ مەسىلىگە ئەڭ يېقىن يانداشقانلىقى بۇ كىتابنىڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى. شۇڭا، بۇ كىتاب ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىيىتىنى جانلاندۇرىدىغان، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى ئاشۇرىدىغان قەدىناس دوستى بولۇپ قالغۇسى.

 

 

 

Share
9230 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.