logo

trugen jacn

تاجىكىسىتان چىگرا تۇقۇنۇشى ئۈچۈن قىرغىزىستانغا كۈچلۈك ئىتىراز بىلدۈردى

20140827071224458

تاجىكىستان دىپلوماتىيە مىنىسترلىكى 26-ئاۋغۇسىت بايانات ئىلان قىلىپ: تاجىكىستان تەرەپ ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن چىگرا تۇقۇنۇشىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىمىنى ئىلان قىلىپ،قىرغىزىسىتاننىڭ قىلمىشىغا قاتتىق ئىتىراز بىلدۈرىدۇ،دىدى

تاجىكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتىدا مۇنداق دەپ بىلدۈردى: تاجىكىستان تەرەپ 25-چىسلا يۈز بەرگەن چىگرا تۇقۇنۇشى ۋە بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان ئادەم ئۈلۈپ يارلىنىش ۋەقەسى ئۈچۈن قىرغىزىستان تەرەپكە كۈچلۈك ئىتىراز بىلدۈرىدۇ.ھەمدە تاجىكىستان تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىمزالىغان كىلىشىمنى بۇزغانلىق ئىشىنى ۋە قۇرال كۈچى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قەتئى قۇبۇل قىلمايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە،تاجىكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى بىلدۈرۈپ: ئەگەر بۇنىڭدىن كىيىن يەنە مۇشۇنداق ئىش يۈز بەرسە ،تاجىكىستان تەرەپ ھەرقانداق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئۆز دۆلەت خەلىقى ۋە زىمىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ،دىدى

شۇكۈنى ئالدىدىراق،قىرغىزىستان چىگرا قوغداش ئىدارىسى مۇنداق بىدۈرۈپ:25-چىسلا يۈز بەرگەن چىگىردا ئېتىشىش ۋەقەسىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى شۇكى تاجىكىستان چىگرا قوغداش ئارمىيسى ئىككى تەرەپ تالاشتا قالغان رايۇندا تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرماقچى بولغان ھەمدە شۇ يەرلىك تاجىكىستان پۇقرالىرى يەر كولاش ماشىنىسى بىلەن قىزغىزىستان پۇقرالىرى ئۆز دۆلىتىگە قايتىش ئۈچۈن ئۈتىدىغان كۆۋرۈكنى بۇزىۋەتكەن،ۋە بۇنى تۇسۇش ئۈچۈن كەلگەن قىرغىزىستان ئارمىيسى ئەسكەرلىرىگە تاشلارنى ئاتقان.ھەمدە تاجىكىستان ئەسكەرلىرى ئالدى بىلەن ئوق چىقىرىپلا قالماي ۋە يەنە تۇقۇنۇش جەريانىدا زەمبىرەك ئۇقى ئىشلەتكەن،دىگەن

تاجىكسىتان ئىككى دۆلەتنىڭ 970كىلومىتىردىن ئارتۇق چىگرا سىزىقى بار بۇلۇپ نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان جايلاردا ئىنىق ئايرىش سىزىقى يوق.شۇڭلاشقا ئىككى تەرەپ پۇقرالىرى دائىم تۇپراق، باقمىچىلىق مەيدانى ،سۇ مەنبەسى ۋە يوللارنى تالىشىپ تۇقۇنۇشۇپ قالىدۇ.بۇيىل 1-ئايدىن بۇيان ،ئىككى تەرەپ نۇرغۇن قېتىم چىگرا تۇقۇنۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.ئىگىلىنىشچە،25-چىسلادىكى تۇقۇنۇش 4 نەپەر تاجىكىستان پۇقراسىنىڭ يارلىنىشىنى ،2 نەپەر كىشىنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان

 

 http://intl.bagdax.cn/2014/0827/4155.html
Share
1707 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.