logo

trugen jacn

ب د ت يىغىنىدا خىتاي ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلاندى

557f7b74-e3a6-43a6-a0ff-bdc13e66d198
ئەركىن تارىم

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ھەق – ھوقۇقلىرى كومىتېتىنىڭ 52 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا 20 ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەق – ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلغان – قىلمىغانلىقى تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، 8 – ماي كۈنى خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سىياسىتى تەكشۈرۈلگەن. بۈگۈنكى يىغىندا خىتاينىڭ 7 مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن 40 ئەتراپىدا دۆلەت خادىمى ۋە مۇتەخەسسىسى خىتاي دۆلىتى 2001 – يىلى قول قويغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىي ھەق ۋە ھوقۇقلار ئەھدىنامىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

مەزكۇر يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا قاتناشقان بولۇپ، 7 – ماي كۈنى تىبەت، موڭغۇل، ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭدىن كەلگەن ۋەكىللەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھەق – ھوقۇقلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مۇتەخەسسىسلەرگە خىتايدىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى توغرىسىدىكى دەپسەندىچىكلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

دولقۇن ئەيسانىڭ رادىئومىزغا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ۋەكىللەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر، بەخت – سائادەت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بولسا، مىساللار بىلەن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا سوئال سوراپ، خىتاي ۋەكىللەرنى جاۋاب بېرىشكە مەجبۇرلىغان. خىتاي ۋەكىللەر بۇ سوئاللارغا يازما ھالدا جاۋاب بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىشقان.

جەنۋەدە 28 – ئاپرېل كۈنىدىن 23 – ماي كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا 20 ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھەق – ھوقۇقلىرى مەسىلىسى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن. بۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ب د ت دا ئىككىنچى قېتىم تەكشۈرۈلۈشى بولۇپ، بىرىنچى قېتىم 2005 – يىلى خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەن ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا نەق مەيداندا تۇرۇپ بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ دۇنيادا چوڭ دۆلەت بولىمەن دەۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، نۇرغۇن خەلقئارا قانۇنلارغا قول قويغانلىقىنى، ئەگەر چوڭ دۆلەت بولىمەن دەيدىكەن، بۇ قانۇنلارغا رىئايە قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى، بۇ خىل يىغىنلارنىڭ دەماللىققا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە پايدىسى بولمىسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىق قارايدىغان بولسا بۇنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھەق – ھوقۇقلار ئەھدىنامىسى» 1960 – يىلى ماقۇللانغان بولۇپ، خىتاي دۆلىتى بۇ ئەھدىنامىگە 2001 – يىلى قول قويغان. 2005 – يىلى تۇنجى قېتىم خىتايدىكى بۇ ھەق ۋە ھوقۇقلار كۆزدىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يىلقىسى ئىككىنچى قېتىملىق كۆزدىن كۆچۈرۈش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/uyghur-bdt-xitay-05092014180535.html

Share
1828 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.