logo

trugen jacn

ب د ت دىكى چوڭ يىغىندا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

26dfde86-6f8c-4fcd-8f7c-b6ba55e501d6

 ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىتېتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغانلار كومىتېتى9-ئاينىڭ 1- ۋە 2-كۈنلىرى  بىرلىكتە «مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى» نامىدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىن چاقىردى.

بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ سۆز قىلدى ۋە مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. بۇ يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىغا مەسئۇل ھەر قايسى كومىتېت مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىسلەر، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ مىنىستىرلىرى قاتناشتى. يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قانداق قوغدىغىلى بولىدىغانلىقى، ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قانداق قىلىپ قوغدىغىلى بولىدىغانلىقى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىندا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆز قىلىپ، مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ، نۇتقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش سىياسىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنىغىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا جىددىي چارە-تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ يىغىندا ئىلھام توختى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپلارنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ ب د ت دىكى يىغىن ئەھلىگە مەلۇمات بەردى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتقىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تايلاند ۋە مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە قېيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/kishilik-hoquq-09032014152017.html

Share
1515 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.