logo

trugen jacn

ب د ت خىتاي ھۆكۈمىتىنى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتى مۇشۇ ئاينىڭ 10-ۋە 13-كۈنلىرى جەنۋەدە خىتايدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقىش يىغىنى چاقىرغان ئىدى. ئىككى كۈنلۈك يىغىندا خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۈچلۈك سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن، يەنى 30-ئاۋغۇست كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرىقى ئىككى كۈنلۈك قاراپ چىقىش يىغىنىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش» دېگەن ناملاردا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىغا ۋاقىت چېكى يوق قامىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى، ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، خۇسۇسىي ئۇچۇرلار ۋە د ن ئا ئۇچۇرىنى يىغىش قاتارلىق تەقىب سىياسەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ۋە ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنىڭ چەكلەنگەنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر بىردەك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر كومىتېت دوكلاتىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «قايتا تەربىيە» لاگېرلىرىدىكى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇشنى، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنى قويۇپ بېرىشنى، ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى، كىملىكى، تۇتۇلۇش سەۋەبلىرى ۋە بۇ ئورۇنلارنىڭ شارائىتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدا «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تامامەن ئىنكار قىلالمىغان، پەقەتلا ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلارنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچرىغان بەزى كىشىلەرگە قايتا-تەربىيە بېرىپ، ئۇلارغا سىياسىي ۋە كەسپىي جەھەتتىن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/bdt-lagerlarni-taqashqa-chaqirdi-08302018235846.html

Share
1144 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.