logo

trugen jacn

ب د ت ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى كىشىنى چۆچۈتىدۇ، دېدى

indir

مېھرىبان

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ سۆزىدە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان پاراكەندىچىلىكى ۋە شۇنداقلا تەھدىت خاراكتېرىدىكى سىياسەتلىرى كىشىنى چۆچۈتىدۇ» دېدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەكشۈرگۈچىسى ھېينىر بىلىفېل چارشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى زور بىر مەسىلە شەكىللەندۈرمەكتە، دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا «دىنىي رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامى ئاستىدا قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى جاڭ چۈنشيەن تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئادەملىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ئاقلىماقچى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ھېينىر بىلىفېل بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن جەھەتلەردە قۇدرەتلىك كۈچ بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇ، دېموكراتىيە ۋە قانۇنغا ئاساسەن ئىش قىلىشقا كەلگەندە ئىنتايىن ئاجىز، دېگەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2004-يىلىدىن بۇيان ب د ت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايۋاتقانلىقىنىمۇ تەنقىد قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-siyasiti-03122015140258.html

Share
1539 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.