logo

trugen jacn

بەشىنجى ئىيۇل مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

7-ئاينىڭ 5-كۈنى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا 600 ئەتراپىدا كىشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 5-ئىيۇلدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر شېھىتلارنى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشقا، تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ياشلار ياچېيكىسى، ئالپەرەن ئوچاقلىرى تەشكىلاتى رەئىسى ۋە ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 600 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى. نامايىشچىلار ھەممە بىردەك «ھۆكۈمەت ئۇخلىما، قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق»، «شىنجاڭ ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال»، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايلى»، «تېررورچى خىتاي» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.

ئارقىدىن بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەت ئوغۇزخان مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ باياناتىدا خىتاينىڭ بۇندىن 8 يىل بۇرۇن 5-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بۇلاردىن سىرت ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى، كۆپ ساندا ئۇيغۇرنى يوشۇرۇن ھالدا ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىپلا قالماستىن مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىسلام بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنىمۇ چەكلەۋاتقانلىقىنى، ۋەتەن ئىچىدىكى زۇلۇمنى ئاز دەپ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ ھەر خىل يوللار بىلەن بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى، چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاينىڭ بۇ رەھىمسىز زۇلۇمىنى توختاتمىغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭمۇ خىتاي ئىشلەۋاتقان بۇ جىنايەتكە شېرىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى نامايىش ھەققىدە، نامايىشتا بەرگەن باياناتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

بىز نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇرلار بىلەن نەق مەيداندىن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق، مەمەت داموللام نامايىشنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بۇ نامايىشتىن ئۇيغۇرلار تەكىتلەۋاتقان بىرلىك ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا 2010 يىلى 5-ئىيۇل كۈنىدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/5-iyul-turkiye-07052017131333.html

Share
1165 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.