logo

trugen jacn

بېيجىڭ ئامېرىكىغا ئاخىرى «زور كۆلەمدە يول قويدى»، شى جىنپىڭ «دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان كىلىشىم» گە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولدى

بېيجىڭ ئامېرىكىغا ئاخىرى «زور كۆلەمدە يول قويدى»، شى جىنپىڭ «دۆلەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان كىلىشىم» گە ئىمزا قويۇشقا مەجبۇر بولدى

ئانالىزچى : جىياڭ سېنجې (Jiang sen zhe)

تەرجىمىدە : ئۇيغۇر پىدائىي تەرجىمانلار گۇرۇپپىسىدىن ئاسىيە ئابىدىن

دوستلار ياخشىمۇ سىلەر؟ تۈنۈگۈن خىتاي-ئامېرىكا سودا كېلىشىمى ھەققىدە بىر مۇھىم خەۋەر تارقالدى. بېيجىڭ ئامېرىكىغا زور كۆلەمدە يول قويدى. تۈنۈگۈن 7- ئىيۇل بېيجىڭ سودا مىنىستىرلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي-ئامېرىكا كېلىشىمىنىڭ ئەھۋالغا قارىتا باسقۇچقا بۆلۈپ، تاموژنا بېجىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا بېيجىڭنىڭ قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سودا مىنىستىر ۋەكىلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى :« ئەگەر ئىككى تەرەپ بىر باسقۇچلۇق كېلىشىمنى تۈزسە، ئۇنداقتا كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ماس قەدەمدە ئوخشاش نىسبەتتە كېيىنكى تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. بۇ كېلىشىم تۈزۈشنىڭ مۇھىم شەرتى.»
بېيجىڭ سودا مىنىستىرلىكى چىقارغان بۇ ئۇقتۇرۇش شۇ كۈنى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ پاي بازىرىدىمۇ ئۆسۈش كۆرۈلدى. ئۇلار خىتاي-ئامېرىكا سۆھبىتىدە بىر ئىلگىرىلەش بولدى، خىتاي-ئامېرىكا كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا ئۈمىد بار، دەپ قارىدى. چۈنكى بۇ خىتاي-ئامېرىكا سۆھبىتى باشلانغاندىن بېرى بېيجىڭنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا زور دەرىجىدە يول قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بېيجىڭنىڭ يول قويۇشى قانچە چوڭ بولغانسېرى، بۇ كېلشىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەلۋەتتە شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، ھەم بازار تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنى خىتاي-ئامېرىكا سودا كېلىشىمىدە بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىغا ئەڭ چوڭ دەرىجىدە يول قويۇشى دەيمىز؟
بۇ يەردە ئىككى مەسىلە بار. بىرىنچىسى بولسا خىتاي-ئامېرىكا سودا كېلىشىمىدە، ئىككى تەرەپ قانداق قىلىپ بۇ باجنى يوق قىلىۋىتىدۇ؟ مانا بۇ مەسىلە تەس ھەم ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىلى بولمايدىغان مەسىلە. بېيجىڭ ئىزچىل بىر شەرتتە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ كېلىشىم ئىمزالىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پۈتۈن تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىشى كېرەك. ئەمما ئامېرىكىنىڭ تەلىپى ئۇنىڭ ئەكىسچە. بېيجىڭ ئەزەلدىن گېپىدە تۇرمايدۇ. ھىچقاچان تۈزگەن كېلىشىم بويىچە ئىش قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكا بېيجىڭنىڭ بۇ كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا قاراپ، باسقۇچقا بۆلۈپ تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىدۇ. قېنى بېيجىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلامدۇ، يوق؟ ئەگەر بېيجىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىجرا قىلسا، ئامېرىكا كېيىنكى تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. ئەگەر بېيجىڭ كېلىشىمنى ئىجرا قىلمىسا ياكى ئورۇندىمىسا كەچۈرۈم قىلمايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بولسا داۋاملىق نازارەت قىلىش ھەرىكىتى بولۇپ، خىتاينىڭ گېپىدە تۇرماي ھىيلىگەرلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. ئەمما خىتاي بۇ تەلەپكە ئىزچىل ماقۇل بولماي تۇرىۋاتقان ئىدى، يەنى ئامېرىكىنىڭ بىر مەزگىل باجنى بىكار قلماي تۇرىدىغان تەلىپىگە قوشۇلمىغان ئىدى. بېيجىڭ ئىزچىل بۇ ھالەتنى ئامېرىكا تەرەپتىن نازارەت قىلىنىش، دەپ ئويلايتتى. مۇنداقچە قارىغاندا ھەقىقەتەن بىر سەتچىلىك. شۇڭلاشقا بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ باجنى بىر قېتىمدىلا كەچۈرۈم قىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى. شۇندىن بۇيان خىتاي-ئامېرىكا سودا كېلىشىمىدە قانداق قىلىپ سودا بېجىنى بىكار قىلىش ھەققىدە مۇنازىرە بولۇپ كەلدى. ئامېرىكا بولسا باسقۇچقا بۆلۈپ باجنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاندىن تاموژنا بېجىنى بىراقلا كەچۈرۈم قىلىشنى خىتاينىڭ ئامېرىكىغا يول قويسا بولمايدىغان ئۈچ چوڭ تۆۋەن چەك ئىچىگە كىرگۈزدى. خىتاي ئۇلارنىڭ باسقۇچقا بۆلۈپ كەچۈرۈم قىلىدىغان بۇ تەلىپىنى ئەسلا قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
بۇ يىل مايدىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئۈچ چوڭ چەكنى ئوتتۇرىغا قويدى :
بىرىنچى، ئەگەر كىلىشىم تۈزۈلسە، ئامېرىكا تاموژنا بېجىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
ئىككىنچى، خىتاي ئامېرىكىدىن مال ئىمپورت قىلغاندا ماللارنىڭ سانىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ.
ئۈچىنچى، ھۆججەتنىڭ تەڭپۇڭلىقى، سودا كېلشىمىنىڭ ھۆججىتى چۇقۇم خىتاينىڭ ئىززەت-ئابرويىغا دەخلى-تەرۇز قىلماسلىقى كىرەك.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تارمىقى بىرئاز مۇجمەل. چۈنكى ھۆججەت ۋە مالنىڭ سانى قاتارلىقلاردا ھېچ بىر ئېنىق مەقسەت يوق. ئەمما بىرىنچى تارماق ناھايىتى ئېنىق. يەنى، ئامېرىكا كىلىشىمنى تۈزۈپ قالسا، چوقۇم تاموژنا بېجىنى بىراقلا كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان كېلىشىمنى ئىمزالىمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ناھايىتى چوڭ قەسەم ئىچكەندەكلا دېدىكى، ئۈچ چوڭ تۆۋەن چەك بولسا بىر پىرىنسىپ مەسلىسى، خىتاي تەرەپ ھەرگىز يول قويمايدۇ. ئۇلار يەنە دېدىكى، ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتى بىر قىزىل سىزىق، خىتاي ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۇنى يېڭىۋېلىشىغا ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىپ كېتىشىگە يول قويمايدۇ.
بۇ يىل ئىيۇلدا، خىتاي-ئامېرىكا سۆھبىتى يەنە بىر قېتىم باشلانغان چاغدا، ئۇلار يەنە بىر قېتىم ئۈچ چوڭ تۆۋەن چەكنى تەكىتلىدى، يەنى خىتاي بۇ مەسلىدە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئامېرىكىنىڭ ھەر قانچە كۈچەپ بېسىم ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ پايدىسى يوقلىقىنى، خىتاينىڭ ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇ شۇنداق مەنانى بىلدۇرىدۇكى، خىتاي ئامېرىكىنىڭ باسقۇچقا بۆلۈپ باجنى كەچۈرۈم قىلىش تەلىپىگە ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، ئامېرىكا چوقۇم خىتاي مېلىنىڭ تاموژنا بېجىنى بىراقلا كەچۈرۈم قىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا بېيجىڭنىڭ «مەرتلەرچە» قىلغان گەپلىرىگە قاراپ باقايلى.
ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گېپىدىن ئۆزلىرى يۈز ئۆرىدى. ئۇلار ئۈچ چوڭ تۆۋەن چەكلىمنىڭ بىرىنچى تارمىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قېتىم بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلغانلىقى يەنى ئەسلىدىكى بىر قېتىمدىلا باجنى كەچۈرۈم قىلىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىپ، ئەمدىكى باسقۇچقا بۆلۈپ باجنى كەچۈرۈم قىلىشقا قوشۇلىشى ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئەسلا يول قويمايدىغان نۇقتا ئىدى. روشەنكى، بۇ بىر تەسلىمچىلىك، ھەتتا ئاجايىپ بىر سەت تەسلىم بولۇش. سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىغا تەسلىم بولغان دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس، بىز بۇيەردە ياپونيىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى دېمەي تۇرايلى. كىيىنكى مەزگىللەردە، مېكسىكا بىلەن كانادا ئامېرىكىغا تەسلىم بولغان. ئۇلارنىڭ تەسلىم بولۇشى خىتاينىڭ بۇنداق تەسلىم بولۇشىدىن خېلىلا چىرايلىق بىر شەكىلدە بولغان. ئۇلار ئۇنداق پەس ھالەتتە تەسلىم بولمىغان. بۇ سودا ئۇرشىدا شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ رەئىسلىكىنى قاملاشتۇرالمىدى. ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا تەسلىم بولۇشى ھەرگىزمۇ چوڭ بىر مەسىلە ئەمەس. چۈنكى خىتاي ئاجىز، ئامېرىكا كۈچلۈك. خىتاي ئامېرىكىغا تەسلىم بولسا ھەممە ئادەم توغرا چۈشنىدۇ. بۇيەردىكى مەسىلە بولسا تەسلىم بولۇشنىڭ شەكلى، ئۇسۇلى بەك پەس ھالەتتە بولدى. خىتاينىڭ ھېچقانداق يۈزى قالمىدى. شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ چوڭ خاتاسى بولسا ئۈچ چوڭ تۆۋەن چەكنى ئېلان قىلىشى. سۆھبەت دېگەن سۆھبەت، ئۇنىڭدا بۇ ئۈچ چوڭ تۆۋەن چەكنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈش ھاجەتسىز. ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ياكى مېكىسكا بىلەن بولغان سۆھبىتى بولسا چوڭ سۆھبەت ئىدى. ئۇلار ھېچقاچان ئەڭ تۆۋەن چەكنى ئوتتۇرىغا قويمىغان، ھەم ئامېرىكىمۇ بۇنداق يولدا قويىدىغان ئەڭ چوڭ دەرىجىنى دېمىگەن. مادامىكى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ تۆۋەن چېكىنى دېمىگەندىكىن، خىتاينىڭمۇ بۇنداق تۆۋەن چەكنى دېيىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتى تۆۋەن چەكنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەمەس.
سۆھبەتلىشىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ. سۆھبەت قانچە ياخشى ئۆتكۈزۈلسە، بۇ كېلىشىممۇ شۇنچە ئاسان تۈزۈلىدۇ. شى جىنپىڭ بەكلا ئاجايىپ. نەدىكى تۆۋەن چەكنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ يەردە ئۆزىنى ناھايىتى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسەتمەكچى ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ خىتاي-ئامېرىكا سودا كېلىشىمىدە بۇنداق تۆۋەن چەكنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتى بولسا ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىق ئۈچۈن ئىدى. شى جىنپىڭنىڭ خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنى تۆۋەن چەكنى جاكارلاش ئۈچۈن ئەۋەتىشى پەقەت بۇ يەردە خىتاينىڭ كۈچلۈك بولغانلىقىنى كۆرسىتىش ياكى خىتاينىڭ غۇرۇرى بارلىقىنى كۆرسىتىشتۇر. ئەگەر بىرگەپنى قىلساڭ ئاخىرىغىچە ئەمەل قىل، چىدا! گېپىڭدە تۇرالمىساڭ تېخىمۇ سەت تۇرمامدۇ؟ بۇ بولسا شاھمات ئويناۋاتقان ئۇستا ئادەم بىلەن دۆت ئادەمنىڭ پەرقىگە ئوخشايدۇ. ئۇستا ئادەم كېيىنكى ئۈچ، تۆت باسقۇچنى ئويلىشىدۇ. ئەمما دۆت ئادەم بولسا پەقەت كۆز ئالدىدىكى بىر باسقۇچنىلا ئويلىشىدۇ. ئۇ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى باسقۇچتىكى ئەھۋالنى بىلمەيدۇ. شى جىنپىڭ ئۆز كۆڭلىدە خىتاي ۋەكىللىرى ھېچقانداق تەلەپسىز ئۇ يەرگە بارسا، خىتاينىڭ ھېچقانداق ھۆرمىتى يوقتەك ھىس قىلدۇرۇپ قويىمىز، دەپ قارايدۇ. ئاندىن ئۈچ، تۆت تال تەلەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆزىنى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە ھۆرمەتلىك قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق كۆز ئالدىدىكى مەسلىنى ھەل قىلغاندەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. كېيىنكى ئىككىنچى، ئۈچىنچى باسقۇچتا قانداق قىلىدۇ؟ شى جىنپىڭنىڭ مەسلىسى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. شى جىنپىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدۇ، ئىشنىڭ كەينىنى ئويلىمايدۇ. «كېيىنكى ئىشنى ۋاقتى كەلگەندە دېيىشىمىز…» دەيدۇ. ھازىرقى ئىش بىلەن ئۇنىڭ كارى يوق. شى جىنپىڭ بۇ تۆۋەن چەكنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ چىڭ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئويلىمىدى. بۇ شى جىنپىڭنىڭ بېشىنى ئۇرۇپلا تاپقان بىر ئۇسۇلى خالاس. خىتاي خەلق تورى شى جىنپىڭنىڭ بۇ رەئسلىك سىستېمىسىنى زاڭلىق قىلىپ، «تۆت ئۇرۇش » تەدبىرى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى.
بېشىغا بىرنى ئۇردى، بار بولدى.
مەيدىسىگە بىرنى ئۇردى، چۈشتى.
پۇتىغا بىرنى ئۇردى، سۇندى.
پېشىنى بىر قاقتى، بولدى قىلدى.
شى جىنپىڭ شۇنى ھىس قىلىدۇكى، ئۇ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ سۆزىدە تۇرالمىدى. شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزىدە تۇرالمىغىنى پەقەت ئۆزىنىڭ مەسلىسى بولۇپ قالدى. بۇ ئارقىلىق شى جىنپىڭ خىتاي-ئامېرىكا سودا كېلىشىمىدە خىتاينىڭ يۈزىنى قويمىدى. بەزىلەر بەلكىم دېيىشى مۇمكىن، بۇ شى جىنپىڭنىڭ ھىيلىسى، ئۇ ئامېرىكىنى ئالداۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئامېرىكىنى بۇنداق ئالدىشى ئۇنى بەك چوڭ بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ. بۇنداق قىلىش خەقلەرگە تىزلىنىپ باش قويغاندەكلا ئىش. سېنىڭ بۇنداق باش قويۇپ ئىش ھەل قىلىشىڭ بەك چوڭ بەدەل بولمىدىمۇ‎؟ بۇ راستىنلا چوڭ مەسىلە. ئەگەر خىتاي ئامېرىكىنى ئالدىيالىسا، ئۇ چاغدا بېشىنى بىكارغا قويمىغان بولىدۇ. ئەگەر ئالدىيالمىسا، ئۇ چاغدا بىكارغا قويغان بولمامدۇ؟ سېنىڭ يۈزۈڭ يەر بىلەن يەكسان بولمامدۇ؟
تۈنۈگۈن، يەنى 7- نويابىر كۈنى بېيجىڭ سودا مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ باسقۇچقا بۆلۈپ باجنى كەچۈرۈم قىلىش تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بېيجىڭ يەنە ئامېرىكىغا ماقۇل بولغان ئىككى مۇرەسسە تەدبىرىنى خەۋەر قىلدى:
بىرىنچى، خىتاي چەتئەل مەبلىغى بانكىسى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپ دائىرىسى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش. بۇ ناھايىتى چوڭ ئېچىۋېتىش تەدبىرى. ئەلۋەتتە بۇ تەدبىرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى بىر ئايرىم مەسىلە. بىز تاشقى مەبلەغ جەھەتتىن قارىساق، بېيجىڭنىڭ بەرگەن ئىمتىيازى ناھايىتى چوڭ. چۈنكى خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسى بولسا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سۆھبەتلىشىشتىكى ئەڭ مۇھىم تەلەپلىرىنىڭ بىرى. ھازىر بېيجىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىنى سىرتقا پۈتۈنلەي ئېچىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ئەلۋەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن چوڭ يول قويۇشتۇر.
ئىككىنچى، تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ قۇش گۆشىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش ئىشلىرىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىدۇ.
بېيجىڭنىڭ بۇ خەۋىرىدە پەقەت بىرلا جۈملە بار بولۇپ، ئۇ ھەقتە ھېچقانداق بىر چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. بىز بۇ يەردە ئازراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتەيلى:
بېيجىڭ 2015- يىلى قۇش گۆشىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا، يەنى 2015- يىلى ئامېرىكىدا قۇش زۇكىمى تارقالغان. بېيجىڭ شۇ چاغدا ئامېرىكىدىن قۇش گۆشى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ چەكلىمىنى بىكار قىلمىغان ئىدى. ئەمىليەتتە، ئامېرىكىدىكى قۇش زۇكىمى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. بېيجىڭ ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ قۇش گۆشىنى چەكلەشنى بىكار قىلىشقا ئۇنىمىغان. بۇ قېتىم بېيجىڭ ئۆزى ئاكتىپلىق بىلەن ئامېرىكىنىڭ قۇش گۆشىنى ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئامېرىكىغا يول قويدى. گەرچە بېيجىڭ ئامېرىكىغا ئۈچ جەھەتتىن يول قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىشىغا نائىل بولالمىدى. ئەكسىچە خىتاي ئامېرىكىنىڭ باسقۇچقا بۆلۈپ تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىغا قوشۇلدى. لېكىن مەسىلە شۇكى، گەرچە خىتاي يول قويغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ تەلىپى يۇقىرىلىدى. بۇ سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ تەلىپى بۇرۇنقى تەلەپ بويىچە تۇرىۋەرمىدى. بۇ قېتىمقى ئامېرىكىنىڭ تەلىپى بولسا، ھەرگىزمۇ باجنى كەچۈرۈم قىلىش ئەمەس، بەلكى باجنى كېچىكتۈرۈش خالاس. شۇڭلاشقا، خىتاينىڭ ئامېركىدىن تەلەپ قىلغان بۇ ئۈچ چوڭ يول قويۇش سىياسىتى ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشىغا ئەمەس، بەلكى باجنى كېچىكتۈرۈش سىياسىتىگە ئېرىشەلىدى. بۇ دوكلات شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بۇ قېتىم خىتاي تەرەپ بۇنداق يېنىكلىك قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمىدى. چۈنكى بۇ ھەقتە ئامېرىكا تەرەپتە ئاقساراي ئىچى ۋە سىرتىدا تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشقا قارشى كۈچلۈك ئاۋاز بار. ئامېرىكىدىكى بەزى كىشلەر باجنى باسقۇچقا بۆلۈپ كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن كۆپىنچە كىشلەر ئۇنىڭغا قارشى پىكىردە. چۈنكى ئۇلار ئامېرىكا باجنى ۋاقىتلىق كەچۈرۈم قىلىش كېرەك، خىتاي سۆزىدە تۇرامدۇ، تۇرمامدۇ؟ شۇنىڭغا قاراش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەگەر خىتاي سۆزىدە تۇرالمىسا، ئامېرىكا ھەر ۋاقىت باجنى ئېلىشنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدۇ. ئەگەر باشتىلا پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلسا، ئاندىن كېيىن قايتىدىن ئېلىشقا باشلىسا، بۇ چاغدا تېخىمۇ ئاۋارىچىلىق بولىدۇ. ھازىر ئامېرىكىنىڭ تەلىپى يۇقىرىلىدى. ئامېرىكىنىڭ ھازىر باجنى كەچۈرۈم قىلىشقا قوشۇلماسلىق ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ. پەقەت ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرۇشقا قوشۇلدى.
‌تۈنۈگۈن بېيجىڭ فېنتانى دېلوسى ھەققىدە چوڭ ھۆكۈمدىن بىرنى ئېلان قىلدى. خىتاي توققۇز قاچقۇننى تۈرمىگە سولىدى. بۇ بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىغا ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن قىلغان بىر ھەرىكىتى. چۈنكى ئۆتكەن يىلى شى جىنپىڭ ئارگېنتىنادا، فېنتانى دېلوسىدىكى ئامېرىكىغا قېچىش مەسلىسىنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىشنى ئېيتقان. لېكىن بېيجىڭ بۈگۈنگە قەدەر قاچقۇنلارنىڭ ئامېرىكىغا قېچىشى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئىش قىلمىدى. بىرقانچە ئايدىن بېرى ئامېرىكا پىرزدىنتى ترامپ بۇ ئىشقا ئارىلاشمىغانلىقىنى ئەيىپلىگەن ئىدى. شۇڭلاشقا بېيجىڭ توققۇز قاچقۇننى تۈرمىگە سولىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ترامپنى خۇشال قىلىش. بۇ قېتىملىق بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىغا يول قويۇش سىياسىتى خىتاي-ئامېرىكا سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلدى. ئەگەر بۇ قېتىم كېلىشىم ئىمزالانماي قالسا، ئاقىۋىتىگە بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ئاقىۋىتىنى بىز تۈنۈگۈنكى پروگراممىمىزدا سۆزلەپ ئۆتتۇق. ئېغىر ئاقىۋەت بولسا، يېنىك يارىدىن ئېغىر يارىغا ئۆتۈشى بولىدۇ. ئەگەر ئېغىر ھالەتكە چۈشۈپ قالسا ئەسلىگە كەلمىكى تەس. ئىككىنچى خىل ئاقىۋەت بولسا ئامېرىكا قاتتىق قوللۇق بىلەن بىر ئىرادىگە كېلىپ، بېيجىڭغا تاقابىل تۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر خىتاي-ئامېرىكا سودا كېلىشمى ئىمزالانماي قالسا ئامېرىكا خىتاينى بىزگە قارشى تۇرىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇ چاغدا ئامېرىكا خىتاينى «ئىككىنچى رۇسىيە» دەپ مۇئامىلە قىلىدۇ. بېيجىڭ بىلەن رەسىمىي ھالدا ئۇرۇشقا ئۆتىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە بېيجىڭ كۆتۈرەلمەيدىغان بىر ئىش. شۇڭا سىياسىي سەۋەپ ۋە ئىقتىسادىي سەۋەپتىن ئىبارەت بۇ ئىككى سەۋەپ تۈپەيلىدىن، بېيجىڭمۇ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى، بولمىسا ئاقىۋىتىنى كۆتۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ.
بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەي. كۆپچىلىكنىڭ قانىلىمىزنى كۆرگىنىگە رەھمەت!
ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت.

Share
7147 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.