logo

trugen jacn

بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلى سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن ئادۋوكات پۇ جىچياڭ سوتلاندى

4626686855uhiqiang

بېيجىڭ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۈگۈن (دۈشەنبە) بېيجىڭلىق داڭلىق ئادۋوكات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پۇ جىچياڭنى سوتلىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بېيجىڭلىق داڭلىق ئادۋوكات پۇ جىچياڭنى بېيجىڭدىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىدى.«مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» ۋە «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تەنقىدلەش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆتكەن يىلى ماي ئېيىدا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان پۇ جىچياڭ سوتلانغان مەھكىمىنىڭ ئالدىدا ساقچىلار بىلەن پۇ جىچياڭنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

سوت مەھكىمىسىگە كرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان 50 ئەتراپىدا نامايىشچى، 20 ئەتراپىدا مۇخبىر ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ 10 دىپلوماتى مەھكىمىنىڭ ئالدىدا كۈتۈپ تۇردى. ساقچىلار ۋە پۇقراچە كىيىنىۋالغان خەۋپسىزلىك خادىملىرى مۇخبىرلار بىلەن نامايىشچىلارنى سوت مەھكىمىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى، بىر نامايىشچىنى يەرگە يىقىتتى، 4 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

ئىگىلىنىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرى بۇ يىلقى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دېلوسى ھېسابلىنىدىغان پۇ جىچياڭ دېلوسىغا «20 يىلدىن بۇيانقى كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق باستۇرۇشنىڭ ئۆلچىمى» دەپ قارايدىكەن.

خىتايدىكى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ۋە چەت ئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى پۇ جىچياڭنىڭ بېيجىڭ ئىككىنچى نومۇرلۇق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى سوتىنىڭ سىياسىي بېسىم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى پۇ جىچياڭنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

شۇ جاي ۋاقتى چۈشتە سوت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پۇ جىچياڭنىڭ ئادۋوكاتى شاڭ باۋجۈن بايانات بېرىپ، ھۆكۈمنامىنىڭ كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، 19 ئايدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان 50 ياشلىق پۇ جىچياڭنىڭ ئەيىبلەنگەنتەقدىردە8 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

پۇ جىچياڭنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا قارىتىلغان نۇقتىلىق ئەيىبلەشلەر توردا يازغان ئۇچۇرلىرىنى مەركەز قىلىدىكەن؛ ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىگەن ۋە بىر قاتار ئەمەلدارلارنى تەنقىدلىگەنىكەن.

ياڭ فامىلىلىك بىر خىتاي پائالىيەتچى سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا ساقچىلارنىڭ يىراقلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماستىن مەتبۇئاتقا بايانات بېرىپ، «پۇ جىچياڭ بىر ۋىجدان ئادۋوكاتى. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن قاماقتا. بىز ئۇنى قوللايمىز، بۇ ئۆز ھوقۇقىمىزنى قوغداش دېگەنلىكتۇر.» دېدى.

پۇ جىچياڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغداش پائالىيەتچىسى بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داڭلىق خىتاي رەسسام ئەي ۋېيۋېي، ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئىلھام توختى قاتارلىقلارنى ئاقلاپ كۆپلەپ ئۇچۇرلارنى تارقاتقانىدى. ئۇ خۇسۇسەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىش بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1533 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.