logo

trugen jacn

بېيجىڭلىق خىتايلارغا «سىرتقا چىقماسلىق» تەۋسىيە قىلىندى

 

بېيجىڭلىق خىتايلارغا «سىرتقا چىقماسلىق» تەۋسىيە قىلىندى
تارقىتىلىش 29.12.2015 يېڭىلىنىش 29.12.2015

خىتاينىڭ بەزى ئۆلكىلىرىدە ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن سېرىق سەۋىيەلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.

 خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن سېرىق سەۋىيەلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىندى.
بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن بەزى ئۆلكىلەردە كۈندىلىك تۇرمۇش سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىماقتا.
پايتەخت بېيجىڭ بولۇپ سىچۇەن، شەنشى، شەندۇڭ، خېنەن ۋە خېبېي قاتارلىق ئۆلكىلەردە ھاۋا بۇلغىنىشى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا.
ناچار ھاۋانىڭ تەسىرىگە يېمەك-ئىچمەككە سەزگۈرلۈكى بولغان ۋە نەپەس سىقىلىش كېسەللىكى بولغانلار بەكرەك ئۇچراۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
سەھىيە مەسئۇللىرى بېيجىڭ، جىنەن، شىجياجۇاڭ ۋە نەنجىڭغا ئوخشاش ھاۋا بۇلغىنىشى ئېغىر بولغان شەھەرلەردە نەپەس ئېلىشتا قىينىلىۋاتقان بىمارلارنىڭ سانىنىڭ سەككىز ھەسسە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ھاۋا بۇلغىنىشى ھەققىدە ئىزچىل ئۇچۇر ۋە خەۋەر ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە خەلققە «ئامال بار سىرتقا چىقماسلىق» تەۋسىيە قىلىندى.
خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىدا كۆك، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ۋە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولغان قىزىل بولۇپ جەمئىي تۆت باسقۇچ ئاساس قىلىنىدۇتۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1472 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.