logo

trugen jacn

بېيجىڭدىكى ئۈچ ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى سولايدىغان قەپەس ياسالغان

image

شۆھرەت ھوشۇر

بېيجىڭغا كەلگەن ئۇيغۇر ئەرزدارلار، خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىدىن تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىغا بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە بەزىلىرى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ۋە رايوننىڭ ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ بۇ تۈر ھەرىكەتلىرىدىن بىئارام بولغان خىتاي دائىرىلىرى، ئۇلارنى كونترول قىلىشنىڭ يەنە بىر يېڭى تەدبىرىنى يولغا قويغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، بېيجىڭدىكى ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە سانجى ئىش بېجىرىش ئورنى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ ئۈستى ۋە قورۇسىغا مەخسۇس ئۇيغۇر ئەرزدارلارنى سولايدىغان قەپەس تەسىس قىلغان. بۇ قەپەستە يېتىپ چىققان ئەرزدارلارنىڭ بايان قىلىشىچە، سىم توردىن ياسالغان بۇ قەپەستە ياتقان ئەرزدارلار، يەرلىكتىن ساقچىلار كېلىپ يۆتكەپ كەتكۈچە تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن ۋە ئەرزدارلارنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بىر ۋاق تاماق بېرىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئەرزدارلار مەسىلىسى، خىتاي جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىشىنى خالىمايۋاتقان؛ بولۇپمۇ دۇنيانىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايۋاتقان مەسىلىلەردىندۇر. ئەرزدارلار بولسا خىتاي تۇتۇش ۋە سولاش تەدبىرلىرى بىلەن بويسۇندۇرالمايۋاتقان ۋە دەۋاسىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيۋاتقان كۈرەشچىلەردۇر. شۇڭا ئۇيغۇر ئەرزدارلاردىن بىئارام بولغان خىتاي دائىرىلىرى، يېقىنقى بىر ئاخبارات باياناتىدا، ئۇيغۇر ئەرزدارلارنىڭ رادىئومىز تەرىپىدىن كۈشكۈرتىۋاتقانلىقى ھەققىدە شىكايەت قىلغان، ئەمما بۇ شىكايەت خەلقئارا ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/beyjing-qepez-08142014143849.html

Share
1455 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.