logo

trugen jacn

بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا زور نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنىڭ بىرلەشمە نامايىشىدىن بىر كۆرۈنۈش، 2019-يىلى 27-دېكابىر

27 – دېكابىر خىتاينىڭ بېرلىندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەرنىڭ بىرلەشمە زور نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندىكى تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا 27 – دېكابىر خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا ميۇنخېن ۋە باشقا شەھەرلەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بېرىپ قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك نامايىش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان. نامايىش مەيدانىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، بېرلىندىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللاش، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش يۈزسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قېتىمقى نامايىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن مىڭدىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ياسىتىپ ئەكەلگەن بولۇپ، بۈگۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدى ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن تولۇپ تاشقان.

نامايىش مۇقەددىمىسىدە د ئۇ ق رەىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي قاباھەتلىك ۋەزىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ سۆزىدىن كېيىن تۈرك تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن.

بۇ نامايىشقا مەركىزى بېرلىندا بولغان ھەر ساھە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارمۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملىرىنى تەنقىد قىلغان. بەزى ئەرەب تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ نامايىش جەريانىدا سۆز ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا كۆز يۇمالمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ جىنايەتلىرىگە قارىتا يېقىن كەلگۈسىدە ئەرەب دۇنياسىدىمۇ زور قارشىلىقلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىشقان.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ بېرلىندىكى مەسئۇلى شىتېفان ئەپەندى سۆزىدە «مەن گېرمانىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇنچە كۆپ كىشىنىڭ مەيدانغا چىقىپ ھەق تەرەپتە تۇرغانلىقىدىن ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلەندىم. خىتاي ئۇيغۇرلارنى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدىلا يۇتىۋەتمەكچى بولغان ئىدى. ئەمما دۇنيا بۇنىڭغا قارشى ئىرادىسىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ!» دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان.

نامايىشچىلار شۇئارلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپلا قالماستىن، خىتاي ماللىرىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بايقۇت قىلىشنى، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى توختىتىشىنى ئاساسلىق تېما قىلغان. خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىنى «بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر!» دېگەن سادالار قاپلىغان.

نامايىش مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ميۇنخېندىكى جامائەت ئەربابلىرىدىن نۇرئەھمەت قارىم بۇگۈنكى بۇ نامايىشتىن كىشىلەرنىڭ ياخشى تەسىراتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ نامايىش ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

مەزكۇر نامايىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر ئايدىن بۇيان ھازىرلىقلار قىلىپ كەلگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا تەشكىللەنگەن بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/berlin-namayish-12272019153645.html

Share
7118 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.