logo

trugen jacn

بېرلىندا ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 22-ماي سەيشەنبە كۈنى كەچ گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئىلھام توختى پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت كۈنتەرتىپىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەتتە، ئىلھام توختى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغاندىن باشقا، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى، خەلقئارادا ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بېرلىن-كرۇزبېرگ گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 22-ماي گېرمانىيە ۋاقتى كەچ سائەت 9 دا بېرلىن شەھىرىدە، ئىلھام توختىغا ئائىت پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇلدى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان پائالىيەت ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر پائالىيەتتە ئىلھام توختى ھەققىدە ئىشلەنگەن 30 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغاندىن باشقا يەنە ئىلھام توختى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىشمۇ ئۇيۇشتۇرۇلغان.

گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىدىن گۇرۇپپا باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئەسلىدە بۇ پائالىيەتنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بېرلىن-كرۇزبېرگ شۆبىسى تەشكىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما گېرمانىيەدىكى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىمۇ مەزكۇر پائالىيەتنى يېقىندىن قوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن يىلى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانيە-ماللورچا شۆبىسى ۋە كېيىنچە گېرمانىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئالاھىدە ھۆججەتلىك فىلىم تەييارلىغان. 22-مايدىكى پائالىيەتتە ئاشۇ فىلىملەردىن ئۈزۈندىلەر ئېلىنغاندىن باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئىلھام توختى ھەققىدىكى بەزى ھۆججەتلىك ماتېرىياللار رەتلىنىپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىلھام توختى ھەققىدىكى 30 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەن. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى بولسا مەزكۇر پائالىيەتتە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات تەييارلىغان.

گۇرۇپپا باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە گۇرۇپپىدىكى ئىنگىرىد ۋىدارتو خانىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىغا ئىلھام توختىنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغان ۋە ئۇلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

پائالىيەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەت بېرلىن شەھىرىدىكى روزېپارك يەنى ئەتىرگۈل باغچىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بېرلىن-كرۇزبېرگ گۇرۇپپىسى خادىمى ئانتونىيا خانىم يەنە كەچلىك يىغىلىشنىڭ رىياسەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.

ئانتونىيا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە شۆبىسىدە ئىشلەيدىغانلىقى ۋە ئىككى يىل ئىلگىرى مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ئۇ ۋە باشقا 22 نەپەر ئەزانىڭ مەخسۇس ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى بۈگۈن كېچە ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتنىڭمۇ، گېرمانىيە خەلقىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق جازالىنىپ تۈرمىگە مەھكۇم قىلىنغان ئىلھام توختى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە گۇرۇپپىدىكى ئىنگىرىد ۋىدارتو خانىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۈئەئۈنكى پائالىيەتتە ئىلھام توختىنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرغاندىن باشقا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ دوكلات بېرىدۇ.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەنە پائالىيەت قاتناشچىلىرىغا مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدمۇ مەلۇمات بېرىدۇ.

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ يەنە بىر غوللۇق ئەزاسى ئىنگرىد خانىم بولسا ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئۈستىدە توختاللىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-05222018173941.html

Share
1610 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.