logo

trugen jacn

بۈگۈر ۋەقەسى دە ئۆلتۈرۈلگەن پىدائىيلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىلگەن

image (1)

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 25‏-ماي، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تېرەك مازار يېزىسىنى زىيارەت قىلغان. خىتاي ئاخباراتى، سۆھبەتكە 21‏-سېنتەبىر «بۈگۈر ۋەقەسى» گە قاتنىشىپ باستۇرۇلغان بەزى پىدائىيلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

خىتاي ئاخباراتى، ۋەقەدە كېلىنى بىلەن ئوغلى ئۆلتۈرۈلگەن پىدائىيلار ئانىسى-روزىخان نۇرنىڭ «بالدۇرراق بايقىغان بولسام، ئوغلۇم بىلەن كېلىنىمنى قۇتقۇزۇۋالار ئىدىم» دېگەن سۆزلىرىنى خەۋەر قىلدى.

بىز، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بۇ سۆھبەت ھەققىدىكى ئىنكاسىنى ئېلىش داۋامىدا، ۋەقەدە ئۆلگەن پىدائىيلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە ئالاقىدار بەزى ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق.

تىرەك مازار: روزىخان نۇر! تونۇمايدىكەنمەنغۇ ئۇ ئايالنى.

مۇخبىر: ئۆتكەن يىلى 21‏-سېنتەبىردە ئوغلى بىلەن كېلىنى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالنى دەيمەن.
تىرەكمازار: ھە، ھە، ھە-روزىخان، مەمەت ئابلانىڭ. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ھۆكۈمەت ئېلىپ كەتتى، ئۈرۈمچىگە. 3 بالىسى بار ئىدى. چوڭى 6-7 ياشلاردا، كېچىكى 3 ۋە 1 يېرىم ياشلاردا ئىدى. ھۆكۈمەت ئۆزىمىز باقىمىز، دەپ ئېلىپ كەتتى. مومىسى، بوۋىسىغا بەرمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا قالغان ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالىلارنىمۇ ئېلىپ كەتتى. شۇنداق دەپ ئاڭلىدۇق، لېكىن كۆزىمىز بىلەن كۆرمىدۇق.

مۇخبىر: يېقىندا جاڭ چۈنشيەن كەپتىغۇ سىلەرنىڭ يېزىغا، ئۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپتىكەن، سىز قاتناشتىڭىزمۇ سۆھبەتكە؟ روزى خان نۇر قاتنىشىپتىكەن، «بالدۇرراق بىلگەن بولسا شۇ بالام بىلەن كېلىنىمنى قۇتقۇزۇپ قالاتتى» دەپ سۆزلىگەن ئوخشايدۇ؟
تىرەكمازار: ھە، تېلېۋىزوردا بەردى. ئۇلارنىڭ ئۆيى سەل چەتتەرەك يەردە، ئېقىن ياقىسىدا. شۇ يەردە ياساپتۇ ئۇ نەرسە كېرەكلەرنى. لېكىن ئۇققىنى بولمايدۇ. ئىشقىلىپ بىگۇناھ ئادەملەرنى جىق ئۆلتۈرۈۋەتتى.

مۇخبىر: بىگۇناھ قانچىلىك ئادەم ئۆلگەندۇ؟
تىرەكمازار: ئىشقىلىپ بەك ئېنىق ئەمەس، ئۇنى ئېنىق دېمىدى. لېكىن ئەھۋالدىن قارىغاندا خېلى بار. ئۈرۈمچىگە ئەكەتكەن بالىلارنىڭ نېرى-بېرىسىنى بىلمىدۇق. ئەكەتكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ھۆكۈمەت تەربىيەلەيدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم مەن.

ئەمدى شۇ بالاڭزا (تۇرسۇن مەمەت) خىمىيەدە ئوقۇغان بالا ئۇ. خىمىيەدە ئوقۇپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بولالماي، ۋەزىيەت چىڭىپ كەتكەچكە، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالاڭزىنىڭ يېشى 30 نەچچىگە كىرىپ كەتتى. ئاخىرى، ئۇ ئۆيلەندى. ئۇ 5 ۋاقىت نامازنىمۇ بىلمەيدىغان بالا ئىدى. ئۆيلىنىپ، تۇرۇپلا نامازغا كىرىشىپ كەتتى. ئۇنىڭ ناماز ئوقۇشى ماۋۇ بىزنىڭ ئىسلامغا چۈشمەيتتى. ئوقۇشىمىزغا چۈشمەيتتى. بەزىدە بىر مەسچىتتە ئوقۇپ قالاتتۇق نامازنى. ئۆلۈپ كەتتى ئاخىرى، ساقچىغىلا ھۇجۇم قىلدى.

مۇخبىر: ئۇ ئايالىچۇ، ئايالى سىلەرنىڭ يېزىلىقمىتى ياكى باشقا جايدىن كەلگەنمىدى؟
تىرەكمازار: ئايالى بىزنىڭ يېزىلىق، ئايالى ئوقۇمىغان، ئۇ بىزنىڭ 8-كەنتلىك ئىكەنتۇق. مەن ئايالىنى تونۇمايمەن. روزىخاننىڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى تۇرسۇن مۇھەممەت ئىدى. ئۇنى خىمىيە ئوقۇپتىكەن، دەپ ئاڭلىغان، لېكىن قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.

بىز يەنە، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن پىدائىيلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، تىرەك مازار يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى پونكىتى بالىلارنىڭ ئەھۋالى، ئۆلگەن، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى قاتارلىق سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ساقچى: ئۇلارنى ماۋۇ جىنايى ئىشلارنىڭ، ماۋۇ دۆلەت ئامانلىقىنىڭ (گوباۋ) ئەكېلىپ، چېتىشلىقى بارلارنى شۇلار ئاپىرىپ سوراق قىلىپ شۇنداق قىلدى. قالغىنىغا بىز بۇ يەردە شۇلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشتۇق.

مۇخبىر: ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەتنىڭ خەۋەرلىرىدە 40 نەچچە ئادەم ئۆلدى، دەپ چىقاردى. شۇ ۋەقەدىن كېيىن قانچە ئادەم جاۋابكارلىققا تارتىلدى؟ سىلەرنىڭ يېزىدا 8600 دىن ئارتۇق ئاھالە بار؟
ساقچى: بۇنىڭغا مەن تازا كېسىپ كېسىپ بىرنەرسە، دېيەلمەيمەن. ئۇنى مەن تازا تولۇق ئۇقمايمەن. تولىسىنى ماۋۇ گوباۋ (دۆلەت ئامانلىقى) ئاپىرىپ ئېنىقلىغان. شۇڭا، ساننى تازا ئۇقۇپ كەتمەيدىكەنمەن.

مۇخبىر: ئۇ سىلەر ئۆتكەن يىلى ۋەقە چىققان تىرەكمازار بىلەن يېڭى ھىساردا، ئۇلارنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەپسىلەر، ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەپسىلەر، كېچىلىرى ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ تەكشۈرەيدىكەنسىلەر،. شۇنىڭغا نارازىلىقى بىلدۈرۈپ نامايىش قىلدى، ئۇلار دەيدىغۇ؟
ساقچى: ئۇنداق ئىش يوق. بىز كېچىسى تەكشۈرۈپ قىلىپ باقمىدۇق. ماۋۇ ئىش چىققاندىن كېيىن ھېلىقى يۈزىنى يۆگەيدىغانلارنى ئېچىۋېتىپ، ياغلىقنى كەينىڭلاردىن چېگىڭلار، دېگەن گەپ بولدى. كېچىسى تەكشۈرۈپ ياغلىق ئالدۇرىدىغان ئىش يوق.

مۇخبىر : بالىلىرىڭغا ناماز ئۆگىتىپسەن، دەپ ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ، يامان خەقنىڭ قاقشىتىپ كەتكەچكە، خەلق چىدىماي ئاخىرى قوپۇپ، كۆتۈرۈلۈپ چىقتى. بۇنىڭدا ساقچىلارنىڭ جاۋابكارلىقى خېلى بار، دەيدىغان پىكىر بار؟
ساقچى: ئۇ خىل كۆپىنچە سوئالغا ماۋۇ بىزنىڭ قانۇن ئورنىنىڭ ئۆز ئالدىغا سىر ساقلايدىغان ئىشى بولىدۇ. بۇنى ئەمدى سىز سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز بىزنىڭ ماۋۇ ئىدارە ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەن بولسىڭىز.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ ھازىر ۋەزىيىتىڭلار قانداقراق؟ مەسىلەن، سىلەرنىڭ يېزىدىكى ئادەملەر سىرتقا چىقماقچى بولسا رۇخسەت ئېلىپ چىقامدۇ؟ سىرتتىن بىرى يېزىغا كەلسە سىلەرگە تىزىمغا ئالدۇرامدۇ؟
ساقچى: ئۇنىڭغا ئەمدى ئىدارىنىڭ چۈشۈرۈپ بەرگەن ئامانلىق قائىدىسى بويىچە سىرتقا چىقسا، دەپ قويۇپ، قۇلايلىق كارتىنى بېجىرىپ ماڭىدۇ. نۇقتىلىق ئائىلىلەرنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭغا قانچە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرىدىغانغا قاراپ ۋاقىت بەلگىلەپ، تونۇشتۇرۇش قىلىپ بېرىمىز. سىرتنىڭ ئادەملىرى كەلسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى شەخس ياكى ئورۇن شۇلار كېلىپ مۇنداق-مۇنداق ئادەم كەلدى، دەپ بىزگە تىزىملىتىدۇ، بىز ئۇ ئادەمنى تەكشۈرۈپ چاتىقى بولمىسا ئىشلىتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلى 21‏-سېنتەبىر «بۈگۈر ۋەقەسى»نى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ «تېررورلۇق» ھۇجۇمى، دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە 40 نەپەر ئاتالمىش «تېررورچى» نىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

بىراق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەقە «تېررورلۇق» ھۇجۇمى ئەمەس. ئۇ، خىتاينىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/bugur-weqesi-06032015160652.html

Share
1342 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.