logo

trugen jacn

بۈگۈر ناھىيىسىدە 17 ئەمەلدار «21‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» سەۋەبلىك جازالانغان

 
baf36700-2192-477d-921e-4e1fcfc0e8d4بۈگۈر ناھىيىسىدە ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن 21‏‏-سېنتەبىر «بۈگۈر ئىسيانى» سەۋەبلىك مەزكۇر ناھىيىدىكى 17 ئەمەلدارغا مەمۇرىي ۋە ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ناھىيەلىك پارتكوم سېكرېتارى، ناھىيە ھاكىمى، ناھىيەلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتى سېكرېتارى، ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، تىرەك مازار، يېڭىسار يېزىلىرىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى ۋە يېزا باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 ئەمەلدارغا چارە كۆرۈلگەن.

ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن. تېرەك مازار يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى گۇ شۈنيوڭ، يېزا باشلىقى قۇربان كېرەم قاتارلىق بەزى ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈرنىڭ تېرەك مازار ۋە يېڭىسار يېزىلىرىدا پارتلىغان قارشىلىق ھەرىكىتىنى «ئېغىر زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئېلان قىلغان.

دائىرىلەر دەسلەپكى كۈنى ۋەقەدە 3 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كېيىنرەك 40 نەچچە ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

لېكىن، ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئۆلتۈرگەن.

دائىرىلەر 40 ئىسيانچىنىڭ ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئىسيانچىلارنىڭ 6 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىغىن چاقىرىپ، يۇقىرىقى ئەمەلدارلارغا ئىنتىزام ۋە مەمۇرىي چارە كۆرۈشنى قارار قىلغان.

Share
823 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.