logo

trugen jacn

بۈگۈرلۈك ئۇيغۇر: چاغلاپ سۆزلىمىسەك بولمايدۇ، يۈرەك مۇجۇلۇپ كەتتى

image (1)

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يېقىندا چارقىلىق ۋە بۈگۈر ناھىيىسى، بىڭتۇەننىڭ بايىنغولۇندا تۇرۇشلۇق 2‏-دىۋىزىيەسىنى زىيارەت قىلغان.

ئۇ، 25‏-ماي، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ تىرەكمازار يېزىسىنى زىيارەت قىلغاندا كادىرلار ۋە بىر قىسىم يەرلىك ئاھالە بىلەن «دىنىي ئەسەبىيلىككە»كە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، «دىنىي ئەسەبىيلىك»كە تاقابىل تۇرۇشنىڭ «5 ئاچقۇچى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بەزى يەرلىك ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پىكرىنى سورىدۇق.

ئۇيغۇر ئاھالە: بۇرۇن ئۇنداق ئىشلار بولۇپ باقمىغان بىزنىڭ بۇ يەردە. پارتلاش بولغاندىن كېيىن ۋەزىيەت چىڭىپ كەتتى.

مۇخبىر: 21‏-چېسلا بولغان پارتلاشنى دەيسىزغۇ؟ قانچىلىك ئادەم ئۆلگەندۇ؟
ئۇيغۇر ئاھالە: شۇنداق، ئىشقىلىپ بەك ئېنىق ئەمەس، ئېنىق دېمىدى. لېكىن ئەھۋالدىن قارىغاندا خېلى بار.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ يېزىدا ھەقىقەتەن دىنىي ئەسەبىيلىك مەسىلىسىمۇ مەۋجۈتمۇ ياكى بۇ نارازىلىقتىن ئىپادىلىنىۋاتمامدۇ؟
ئۇيغۇر ئاھالە: بۇ، ئىشقىلىپ ئەمدى ھېلىقى دىنىي ئەسەبىي، دېگەن نەرسىنى بىزمۇ بەك چۈشىنىپ كەتمەيدىكەنمىز.

مۇخبىر: بۇ يەردە ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق جاۋابكارلىقى يوقمۇ؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ياق، ھازىرقىدەك بۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىدىغان يېرى يوق.

مۇخبىر: ھازىر ھۆكۈمەت دىنىي ئەسەبىيلىك دەۋاتىدۇ، دىنىي پائالىيەت دەۋاتىدۇ. نورمال دىنىي پائالىيەت بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نېمە؟ قانداق ئايرىيدۇ بۇنى؟ ئەسەبىيلىك،دېگەندە نىمىنى ئەسەبىيلىك،دەيدۇ، نېمە نورمال دىنىي پائالىيەت بولىدۇ؟ مەسىلەن، سىلەرنىڭ يېزىدا 18 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ. ئائىلىلەردە دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشى چەكلىنىدۇ. بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن دىنىي تەلىم ئېلىش، بالىلىرىغا دىنىي ساۋات بېرىش بۇلار نورمال دىنىي پائالىيەت. بۇنىڭ چەك-چېگرىسىنى قانداق ئايرىيسىلەر؟ سىز دۇچ كېلىپ قالسىڭىز، سىز قانداق ئايرىيسىز بۇلارنى؟
ئۇيغۇر ئاھالە: 11 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ بار ھازىر. مەجبۇرى مائارىپ تۈگىگەندىن كېيىن بىز ئۆزىمىز تىرىشىپ ئۆزىمىزنىڭ دىنىنى كۈچلەندۈرىدىغان ئىش بولسا قىلساق بولىدۇ. لېكىن 11 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ ئاستىدا دىننى ئوقۇساق شۇلارغا ئوخشاش ئادەم بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال بار.

مۇخبىر: ئۇ ھازىرقى ئەھۋالىڭلار قانداق، ۋەزىيىتىڭلار، خېلى خاتىرجەم بولۇپ قالدىڭلارمۇ ياكى يەنە بىسەرەمجانلىق بارمۇ؟
ئۇيغۇر ئاھالە: ھازىر ياخشى ۋەزىيەت. ئومۇمىيلىقنى ساقلايمىز، دەپ ھازىر كۈندە پائالىيەت بار. تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، يېزا-يېزىلاردا، بازار ۋە مەكتەپلەردە، كەنتلەردە دىنىي ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن.

مۇخبىر: بايام سىز مەجبۇرى مائارىپنى تۈگەتمەي تۇرۇپ بالىلار مەسچىتكە بېرىپ، دىنىي تەلىم ئالسا توغرا ئەمەس، دېدىڭىز. لېكىن مۇسۇلماندارچىلىقنى قائىدىسىدە بالىڭىز تۇغۇلدىمۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ مۇسۇلماندارچىلىق باشلىنىدۇ. ئۇنىڭ مەسچىتكە كىرىشى، دىنىي تەلىم ئېلىشى ئۈسمۈرلىكىدىن باشلىنىدۇ. تەرەتنى قانداق ئالىدۇ، نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ، بۇلارنى ئۆگىتىش ئاتا-ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، دىنىي زۆرۈرىيەت. لېكىن ھۆكۈمەت بۇنى نەزەرگە ئالمىدى. بۇ سىلەردە بىر سوئال پەيدا قىلمىدىمۇ، دېمەكچىمەن؟

ئۇيغۇر ئاھالە: ھازىر ئەمدى سۇنىڭ ئېقىشىغا كېتىپ بارىمىز جۇمۇڭ! سۇنىڭ ئېقىشىغا كېتىپ بارىمىز. سىزمۇ ئوبدان گەپ قىلدىڭىز، بۇ گېپىڭىزدىن مەنمۇ تەسىرلەندىم. لېكىن ھازىر سۇنىڭ ئېقىشىغا كېتىپ بارىمىز، دېگەن گەپ شۇ. كۆڭلىڭىزدە ئاللاھ بار ئەمدى ھۆكۈمەت نېمە دېسە شۇ بويىچە ماڭىمىز. ئىشقىلىپ سەل چاغلاپ گەپ قىلمىساق بولمايدۇ. يۈرەك مۇجۇلدى. بالىلارنى 18 ياشقىچە پارتىيە تەربىيەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەربىيىلەش بىزدە بولىدۇ.
لېكىن تەربىيىلەش بىزدە بولغاندا ئىسلامدا تەربىيەلەيمىز، دېگەن كاللىغا كىرمەيدۇ. ئۇ چاغدا پۇل تاپىدىغان، مۇھەببەت قوينىغا كىرىپ كېتىپ، شۇنىڭ بىلەن ياش بىر يەرگە بارىدۇ. بىزگە ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-ئانىمىز بىر ئايەت ئۆگىتىپ قويۇپتىكەن، ھازىرغا قەدەر ئۇنتۇمىدۇق. ھازىر 60 ياشقا كىردۇق بىر ئايەت ئۆگىنەيلى، دېسەك كاللىغا كىرمەيدۇ.

جاڭ چۈنشيەن بۈگۈر «21‏-سېنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، دەل8 ئاي بولغان مەزگىلدە تىرەكمازارنى زىيارەت قىلغان ئىدى. 2014‏- يىلى تېرەكمازار، يېڭىسار يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ئىسياندا پىدائىيلار خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە پىدائىيلارنىڭ 6 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ 40 نەپەر پىدائىينى قەتلى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، رايوندىكى قارشىلىقنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئەمەس، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي بۇزغۇنچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/bugur-weqesi-06012015153125.html

Share
1286 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.